« يۇھاننا يازغان بىرىنچى خەت »

3

بىز خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى

1قاراڭلار، ئەرشتىكى ئاتىمىز بىزگە نەقەدەر مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكەن-ھە! ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى شۇنچىلىك چوڭقۇركى، ئۇ بىزنى «پەرزەنتلىرىم» دەپ ئاتىدى. ھەقىقەتەنمۇ بىز خۇدانىڭ پەرزەنتلىرىمىز. بىراق، ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلمىغانلار ئەرشتىكى ئاتىمىزنى تونۇمىغانلىقتىن، بىزنىڭ خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى ئىكەنلىكىمىزنىمۇ تونۇپ يېتەلمەيدۇ. 2قەدىرلىك قېرىنداشلار، بىز ھازىر خۇدانىڭ پەرزەنتلىرىمىز، لېكىن كەلگۈسىدە قانداق بولىدىغانلىقىمىز تېخى بىزگە ئوچۇق ئايان قىلىنمىغان. بىراق، ئەيسا مەسىھ قايتىپ كەلگەندە، ئۇنىڭغا ئوخشاش بولىدىغانلىقىمىزنى بىلىمىز. چۈنكى، شۇ چاغدا ئۇ قانداق بولسا، بىز ئۇنى شۇ پېتى كۆرىمىز. 3ئەيسا مەسىھكە بۇ ئۈمىدنى باغلىغان ھەرقانداق كىشى ئۆزىنى پاك تۇتىدۇ. چۇنكى، ئەيسا مەسىھ پاكتۇر.

4گۇناھ سادىر قىلغان كىشى خۇدانىڭ قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغان بولىدۇ. چۈنكى، گۇناھ سادىر قىلغانلىق خۇدانىڭ قانۇنىغا خىلاپلىق قىلغانلىقتۇر. 5ھالبۇكى، سىلەر ئەيسا مەسىھنىڭ ئىنسانلارنى گۇناھىدىن ئازاد قىلىش ئۈچۈن دۇنياغا كەلگەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى بىلىسىلەر. 6شۇڭا، ئەيسا مەسىھكە باغلىنىپ ياشاۋاتقان كىشى گۇناھ سادىر قىلىۋەرمەيدۇ. گۇناھ سادىر قىلىۋېرىدىغان كىشى ئەيسا مەسىھنى چۈشەنمىگەن ۋە ئۇنى تونۇپ يەتمىگەن بولىدۇ.

7ئەزىز بالىلىرىم، كىشىلەر سىلەرنى ئالداپ كەتمىسۇن. ھەققانىيلىققا ئەمەل قىلغان كىشى ئەيسا مەسىھ ھەققانىي بولغىنىدەك ھەققانىيدۇر. 8لېكىن، گۇناھ سادىر قىلىۋېرىدىغان كىشى شەيتانغا مەنسۇپتۇر. چۈنكى، شەيتان ئەلمىساقتىن تارتىپ گۇناھ سادىر قىلىپ كەلمەكتە. خۇدانىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھنىڭ دۇنياغا كېلىشتىكى مەقسىتى شەيتاننىڭ قىلمىشلىرىنى يوقىتىشتۇر. 9خۇدانىڭ پەرزەنتى بولغان كىشى گۇناھ سادىر قىلىۋەرمەيدۇ. ئۇنىڭدا خۇدانىڭ تەبىئىتى مەۋجۇت بولغاچقا، گۇناھ سادىر قىلىۋېرەلمەيدۇ. 10ھەققانىي يول تۇتمايدىغان ياكى قېرىندىشىغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتمەيدىغان كىشى خۇدانىڭ پەرزەنتى ئەمەستۇر. خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى بىلەن شەيتاننىڭ پەرزەنتلىرى مانا مۇشۇنىڭ بىلەن پەرقلىنىدۇ.

بىر-بىرىمىزگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتەيلى

11بىر-بىرىمىزگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتەيلى! مانا بۇ، سىلەر بۇرۇندىن ئاڭلاپ كېلىۋاتقان تەلىم. 12شەيتانغا مەنسۇپ بولۇپ، ئىنىسىنى ئۆلتۈرگەن قابىلغا ئوخشاش بولماڭلار! قابىل نېمىشقا ئىنىسىغا ئۆچمەنلىك قىلىپ، ئۇنى ئۆلتۈردى؟ ئۇ ئۆزىنىڭ قىلغانلىرى ناھەق، ئىنىسىنىڭ قىلغانلىرى ھەق بولغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق قىلغان. 13شۇڭا، قېرىنداشلار، ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلمىغانلار سىلەرگە ئۆچمەنلىك قىلسا، بۇنىڭغا ھەيران قالماڭلار. 14بىز قېرىنداشلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكەنلىكىمىزدىن، ئۆلۈمدىن مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئۆتكەنلىكىمىزنى بىلىمىز. مېھىر-مۇھەببەتلىك بولمىغان كىشى ئۆلۈمنىڭ ئىلكىدە قالىدۇ. 15قېرىندىشىغا ئۆچمەنلىك قىلغان كىشى خۇدانىڭ نەزىرىدە قاتىلدۇر. ھېچقانداق بىر قاتىلنىڭ مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئىگە بولالمايدىغانلىقىنى بىلىسىلەر. 16بىز مېھىر-مۇھەببەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى، ئەيسا مەسىھنىڭ بىز ئۈچۈن ئۆز جېنىنى پىدا قىلغانلىقىدىن بىلەلەيمىز. شۇڭا، بىزمۇ قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن ئۆز جېنىمىزنى پىدا قىلىشقا تەييار تۇرۇشىمىز كېرەك. 17ئەگەر مال-دۇنياسى بار بولغان كىشى قېرىندىشىنىڭ ئېھتىياجىنى كۆرۈپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ياردەم قىلمىسا، بۇنداق كىشىدە نەدىمۇ خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى بولسۇن؟ 18ئەزىز بالىلىرىم، قۇرۇق سۆز بىلەن ئەمەس، بەلكى ئەمەلىيەت ۋە ھەقىقەت بىلەن باشقىلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتەيلى.

خۇدا ئالدىدا يۈرىكىمىز توق بولسۇن

19بىز قېرىنداشلىرىمىزغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتكەنلىكىمىزدىن ئۆزىمىزنىڭ ھەقىقەتكە مەنسۇپ ئىكەنلىكىمىزنى بىلەلەيمىز ۋە خۇدانىڭ ئالدىدا ئۆزىمىزنى خاتىرجەم قىلالايمىز. 20شۇنداقتىمۇ، بەزىدە ۋىجدانىمىز يەنىلا ئازابلانسا، شۇنى بىلىشىمىز كېرەككى، خۇدا ۋىجدانىمىزدىن ئۇلۇغ ۋە ھەممىنى بىلگۈچىدۇر. 21قەدىرلىك قېرىنداشلار، ئەگەر ۋىجدانىمىز ئازابلانمىسا، يۈرىكىمىز توق ھالدا خۇدانىڭ ئالدىغا بارالايمىز. 22شۇنداقلا، خۇدانىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلىپ، ئۇنى خۇرسەن قىلىدىغان ئىشلارنى قىلغانلىقىمىزدىن، ئۇنىڭدىن تىلىگەنلىرىمىزگە ئېرىشەلەيمىز. 23خۇدانىڭ ئەمرى شۇكى، ئۇنىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىشىمىز ھەمدە ئەيسا مەسىھنىڭ بىزگە بۇيرۇغىنىدەك، بىر-بىرىمىزگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىشىمىزدىن ئىبارەتتۇر. 24خۇدانىڭ ئەمرلىرىگە ئەمەل قىلغان كىشى خۇداغا باغلىنىپ ياشىغان ۋە خۇدا ئۇنىڭ قەلبىدە ياشىغان بولىدۇ. خۇدانىڭ قەلبىمىزدە ياشايدىغانلىقىنى ئۇنىڭ بىزگە ئاتا قىلغان مۇقەددەس روھىدىن بىلىمىز.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى