« ھەزرىتى ئەيسا ئەلچىلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى »

20

پاۋلۇسنىڭ ماكېدونىيە ۋە يۇنانغا قايتا كېلىشى

1توپىلاڭ بېسىققاندىن كېيىن، پاۋلۇس ئېتىقادچىلارنى چاقىرىپ، ئۇلارنى رىغبەتلەندۈردى ۋە ئۇلار بىلەن خوشلىشىپ، ماكېدونىيە ئۆلكىسىگە كەتتى. 2ئۇ شۇ ئەتراپتىكى جايلارنى ئارىلاپ، ئېتىقادچىلارنى رىغبەتلەندۈرىدىغان نۇرغۇن سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن، يۇنانغا بېرىپ، 3ئۇ يەردە ئۈچ ئاي تۇردى. پاۋلۇس كېمىگە ئولتۇرۇپ سۈرىيە ئۆلكىسىگە قايتماقچى بولۇپ تۇرغاندا، يەھۇدىيلارنىڭ ئۇنى ئۆلتۈرۈش سۇيىقەستىدە ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ، ماكېدونىيە ئۆلكىسىدىن ئۆتۈپ، قۇرۇقلۇق بىلەن قايتىپ كېتىش قارارىغا كەلدى. 4ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغانلار، بېرىيالىق پىرۇس ئوغلى سوپاتېر، سالونىكالىقلاردىن ئارىستارخۇس بىلەن سېكۇندۇس، دەربەلىك گايۇس، تىموتىي ۋە ئاسىيا ئۆلكىسىدىن تىكىكۇس بىلەن تروفىملار ئىدى. 5ئۇلار باشتا تروئاس شەھىرىگە كېمە بىلەن بېرىپ، بىزنىڭ يېتىپ بېرىشىمىزنى كۈتۈپ تۇردى. 6پېتىر نان ھېيتىدىن كېيىن، بىز فىلىپى شەھىرىدىن كېمىگە ئولتۇرۇپ، بەش كۈندىن كېيىن تروئاسقا كېلىپ، ئۇلار بىلەن ئۇچراشتۇق ۋە ئۇ يەردە بىر ھەپتە تۇردۇق.

پاۋلۇسنىڭ تروئاسنى ئاخىرقى قېتىم كۆرۈشى

7يەكشەنبە كۈنى، بىز ناننى بۆلۈشۈپ، ھەزرىتى ئەيسانى خاتىرىلەش ئۈچۈن بىر يەرگە جەم بولدۇق. پاۋلۇس ئەتىسى كەتمەكچى بولغاچقا، كۆپچىلىككە تۈن يېرىمگىچە تەلىم بەردى. 8بىز جەم بولغان يۇقىرىقى قەۋەتتىكى ھۇجرىدا نۇرغۇن ماي چىراغلار يېنىپ تۇراتتى. 9ئەفتىكۇس ئىسىملىك بىر يىگىت دېرىزىدە ئولتۇرغانىدى. پاۋلۇسنىڭ سۆزى داۋاملاشقانسېرى ماي چىراغنىڭ ئىسى ھۇجرىنى قاپلاپ، ھېلىقى يىگىتنى مۈگدەك باستى. كېيىن، ئۇ قاتتىق ئۇيقۇغا كېتىپ، ئۈچىنچى قەۋەتتىن يەرگە يىقىلىپ چۈشتى. كۆپچىلىك ئۇنى يەردىن كۆتۈرۈپ قارىسا، ئۇ ئۆلۈپ بوپتىكەن. 10پاۋلۇس پەسكە چۈشۈپ، ئۆزىنى ئۇنىڭ ئۈستىگە ئېتىپ، قۇچاقلاپ تۇرۇپ:

_ ھودۇقماڭلار، ئۇ تىرىك! _ دېدى. 11كېيىن، ئۈستۈنكى قەۋەتكە چىقىپ، ھەزرىتى ئەيسانى خاتىرىلەش ئۈچۈن ناننى بۆلۈشۈپ يەپ، ئىبادەت قىلدۇق. پاۋلۇس تاڭ ئاتقۇچە سۆزىنى داۋاملاشتۇرغاندىن كېيىن، بىز بۇ يەردىن يولغا چىقتۇق. 12تروئاستىكى ئېتىقادچىلار بولسا ھېلىقى يىگىتنى ئۆيىگە ھايات ئاپىرىپ قويدى. كۆپچىلىك بۇ ۋەقەدىن چوڭقۇر تەسەللى تاپتى.

پاۋلۇسنىڭ خوشلىشىش نۇتقى

13پاۋلۇس تروئاس شەھىرىدىن ئاسوس شەھىرىگە پىيادە بارماقچى بولدى. شۇڭا، ئۇ بىزنىڭ كېمە بىلەن ئالدىن يۈرۈپ، ئۇ شەھەرگە ئۇنىڭدىن بۇرۇن يېتىپ بېرىپ، ئۇ يەردە بىزنىڭ ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىشىمىزنى ئورۇنلاشتۇرغانىدى. 14كېيىن، ئاسوستا ئۇچراشتۇق ۋە كېمىگە چۈشۈپ، مىدىللى شەھىرىگە كەلدۇق. 15ئاندىن، يەنە يولغا چىقىپ، ئەتىسى خىيوس ئارىلىنىڭ يېنىغا كەلدۇق. ئۈچىنچى كۈنى، ئەفەستىن ئۆتۈپ، ساموس ئارىلىغا كەلدۇق ۋە ئۇنىڭ ئەتىسى كېمە بىلەن مىلېت شەھىرىگە باردۇق. 16ئاسىيا ئۆلكىسىدە كۆپ ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈۋەتمەسلىك ئۈچۈن، پاۋلۇس ئەفەستە توختىماسلىقنى قارار قىلغانىدى. ئۇ يەھۇدىيلارنىڭ ئورما ھېيتىنى مۇمكىنقەدەر يېرۇسالېمدا ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئالدىرايتتى. 17پاۋلۇس مىلېت شەھىرىدىن ئەفەسكە ئادەم ئەۋەتىپ، ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكى يېتەكچىلىرىنى چاقىردى. 18ئۇلار كەلگەندىن كېيىن، پاۋلۇس ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

_ مەن ئاسىيا ئۆلكىسىگە ئاياغ باسقان بىرىنچى كۈندىن تارتىپ، سىلەر بىلەن قانداق ئۆتكەنلىكىم ھەربىرىڭلارغا مەلۇم. 19يەھۇدىيلارنىڭ سۇيىقەستلىرى تۈپەيلىدىن تارتقان ئازابلار ئىچىدە، كۆزۈمدىن ياش ئۈزۈلمىگەن ھالدا كەمتەرلىك بىلەن رەببىمىز ئەيسانىڭ خىزمىتىدە بولدۇم. 20مەيلى ئاممىۋى سورۇنلاردا بولسۇن ياكى ئۆيلىرىڭلاردا بولسۇن، سىلەرگە تەلىم بەرگەن ۋاقىتلىرىمدا، سىلەرگە پايدىلىق بولغانلا نەرسىلەرنى ئېيتماي قويمىدىم. 21يەھۇدىيلار ۋە يەھۇدىي ئەمەسلەرنى توۋا قىلىپ، خۇداغا يۈزلىنىشكە ۋە رەببىمىز ئەيساغا ئېتىقاد قىلىشقا ئۈندىدىم.

22ھازىر مۇقەددەس روھنىڭ ئەمرىگە ئاساسەن يېرۇسالېمغا كېتىۋاتىمەن. ئۇ يەردە قانداق ئىشلارغا دۇچ كېلىدىغانلىقىمنى ئۇقمايمەن. 23پەقەت شۇنى بىلىمەنكى، مۇقەددەس روھ مەن بارىدىغانلا شەھەرلەردە مېنى زىندان ۋە ئازابلارنىڭ كۈتۈپ تۇرىدىغانلىقىنى ئالدىن ئېيتىپ كەلمەكتە. 24لېكىن، مەن ئۆز مۇساپەمنى تاماملىشىم، رەببىمىز ئەيسانىڭ تاپشۇرغان خىزمىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇندىشىم، يەنى خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى توغرىسىدىكى خۇش خەۋەرنىڭ گۇۋاھچىسى بولۇشۇم ئۈچۈن، ئۆز ھاياتىمنى قىلچە ئايىماي، يېرۇسالېمغا كېتىۋاتىمەن.

25مەن سىلەر بىلەن ئارىلىشىپ، ھەربىرىڭلارغا خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ھەققىدە چۈشەندۈردۈم. ئەمدى ماڭا مەلۇمكى، بۇنىڭدىن كېيىن سىلەر مېنى قايتا كۆرەلمەيسىلەر. 26شۇنىڭ ئۈچۈن، بۈگۈن سىلەرگە شۇنى جىددىي ئېيتىپ قويايكى، ئاراڭلاردا ھەرقانداق بىر كىشى قۇتقۇزۇلمىسا، مەن جاۋابكار ئەمەسمەن. 27چۈنكى، مەن خۇدانىڭ ئىرادىسىنى قىلچە ئېلىپ قالماي سىلەرگە تولۇق يەتكۈزدۈم. 28ئۆزۈڭلارغا پەخەس بولۇڭلار، مۇقەددەس روھ سىلەرنىڭ باشلامچىلىق قىلىشىڭلارغا تاپشۇرغان بارلىق قېرىندىشىڭلارغىمۇ پەخەس بولۇڭلار! پادىچى قويلىرىنى باققاندەك، سىلەرمۇ خۇدانىڭ جامائەتچىلىكىنى بېقىڭلار، چۈنكى خۇدا ئۇلارنى ئۆز ئوغلىنىڭ قېنىغا سېتىۋالغان! 29ماڭا ئايانكى، مەن كەتكەندىن كېيىن، چىلبۆرىلەر پادىنى قالايمىقانلاشتۇرغانغا ئوخشاش، 30سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىنمۇ بەزىلەر ئېتىقادچىلارنى ئۆزلىرىگە ئەگەشتۈرۈش ئۈچۈن، خاتا تەلىم تارقىتىدۇ. 31شۇڭا، ھوشيار بولۇڭلار. مېنىڭ ئۈچ يىل كېچە-كۈندۈز دېمەي، سىلەرگە ياش ئاققۇزۇپ نەسىھەت بەرگەنلىكىمنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار.

32ئەمدى مەن سىلەرنى خۇداغا ۋە ئۇنىڭ مېھىر-شەپقەتلىك سۆزلىرىگە تاپشۇردۇم. بۇ سۆزلەر ئارقىلىق خۇدا ئېتىقادىڭلارنى كۈچەيتىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ مۇقەددەس خەلقىگە ئاتىغان مىراستىن سىلەرنى بەھرىمەن قىلىدۇ. 33سىلەرگە مەلۇمكى، مەن ھېچقاچان ھەرقانداق كىشىنىڭ كىيىملىرىگە ياكى ئالتۇن-كۈمۈشىگە كۆز قىرىمنىمۇ سالمىدىم. 34مەن ئىككى بىلىكىمگە تايىنىپ، ئۆزۈمنىڭ ۋە ھەمراھلىرىمنىڭ ھاجىتىدىن چىقتىم. 35ھەرقانداق ئىشتا سىلەرگە مۇشۇنداق ئەجىر ئارقىلىق ھاجەتمەنلەرگە ياردەم بېرىش لازىملىقىنى كۆرسەتتىم. شۇنداق قىلساڭلار، رەببىمىز ئەيسا ئۆزى ئېيتقان: «بەرمەك ئالماقتىنمۇ زور بەخت» دېگىنىنى ئېسىڭلاردىن چىقارمايسىلەر!

36پاۋلۇس بۇ سۆزلەرنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ھەممەيلەن بىلەن بىرلىكتە تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ دۇئا قىلدى. 37كۆپچىلىك كۆز يېشى قىلىشىپ، ئۇنىڭ بىلەن قۇچاقلىشىپ، سۆيۈشۈپ خوشلاشتى. 38ئۇلارنى ئەڭ مەيۈسلەندۈرگىنى پاۋلۇسنىڭ، «بۇنىڭدىن كېيىن مېنى قايتا كۆرەلمەيسىلەر» دېگەن سۆزى بولدى. كېيىن، ئۇلار ئۇنى كېمىگە چىقىرىپ ئۇزىتىپ قويدى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى