« لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر »

6

دەم ئېلىش كۈنى ھەققىدىكى مەسىلە

1بىر دەم ئېلىش كۈنى، ھەزرىتى ئەيسا بۇغدايلىقتىن ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى. ئۇنىڭ شاگىرتلىرى باشاقلارنى ئۈزۈۋېلىپ، ئالىقىنىدا ئۇۋۇلاپ يېدى. 2بۇنى كۆرگەن بەزى پەرىسىيلەر:

_ سىلەر نېمىشقا دەم ئېلىش كۈنى چەكلەنگەن ئىشنى* قىلىسىلەر، _ دېيىشتى.

3ھەزرىتى ئەيسا:

_ پادىشاھ داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ ئاچ قالغاندا قانداق قىلغانلىقىنى مۇقەددەس يازمىلاردىن ئوقۇمىغانمۇ؟ قېنى ئېيتىپ بېقىڭلار! 4ئۇ ئىبادەتخانىدىكى مۇقەددەس جايغا كىرىپ، خۇداغا ئاتالغان نانلارنى روھانىيدىن سوراپ يېگەن ۋە ھەمراھلىرىغىمۇ ئۈلەشتۈرۈپ بەرگەن. ھالبۇكى، بۇ نانلارنى روھانىيلاردىن باشقا ھەرقانداق كىشىنىڭ يېيىشى تەۋرات قانۇنىغا خىلاپ ئىدى، _ دەپ جاۋاب بەردى 5ۋە خۇلاسە چىقىرىپ، ئۇلارغا:

_ مەن ئىنسانئوغلى دەم ئېلىش كۈنىنىڭ ئىگىسىدۇرمەن، _ دېدى.

6يەنە بىر دەم ئېلىش كۈنى، ھەزرىتى ئەيسا ئىبادەتخانىغا كىرىپ تەلىم بېرىۋاتاتتى. ئىبادەتخانىدا ئوڭ قولى قۇرۇپ كەتكەن بىر ئادەم بار ئىدى. 7ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلىش ئۈچۈن باھانە ئىزدەپ يۈرگەن تەۋرات ئۇستازلىرى بىلەن پەرىسىيلەر ئۇنىڭ دەم ئېلىش كۈنىمۇ كېسەل ساقايتىدىغان-ساقايتمايدىغانلىقىنى پايلاپ يۈرۈشەتتى. 8بىراق، ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلگەن ھەزرىتى ئەيسا قولى قۇرۇپ كەتكەن ھېلىقى كېسەلگە:

_ ئورنۇڭدىن تۇر، ئالدىمغا كەل! _ دېۋىدى، ھېلىقى كېسەل ئورنىدىن تۇردى. 9ئاندىن، ھەزرىتى ئەيسا كۆپچىلىككە:

_ سىلەردىن سوراپ باقايچۇ، قانداق قىلىش تەۋرات قانۇنىغا ئۇيغۇن؟ دەم ئېلىش كۈنى ياخشىلىق قىلىشمۇ ياكى يامانلىق قىلىشمۇ؟ جاننى قۇتقۇزۇشمۇ ياكى جانغا زامىن بولۇشمۇ؟ _ دېدى ۋە 10كېسەلنىڭ ئەتراپىدىكىلەرگە كۆز يۈگۈرتۈپ چىققاندىن كېيىن، ھېلىقى كېسەلگە:

_ قولۇڭنى ئۇزات، _ دېدى. ئۇ ئادەم قولىنى ئۇزىتىشى بىلەنلا قولى ئەسلىگە كەلدى. 11ئەمما، تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پەرىسىيلەر ئىنتايىن غەزەپلىنىپ، ھەزرىتى ئەيساغا قانداق تاقابىل تۇرۇش توغرىسىدا مەسلىھەتكە چۈشتى.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئون ئىككى ئەلچىنى تاللىشى

12بىر كۈنى، ھەزرىتى ئەيسا دۇئا قىلىش ئۈچۈن تاغقا چىقتى. ئۇ يەردە خۇداغا كېچىچە دۇئا قىلدى. 13تاڭ ئاتقاندا، شاگىرتلىرىنى ئالدىغا چاقىرىپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئون ئىككى كىشىنى تاللاپ، ئۇلارنى ئەلچى دەپ ئاتىدى. 14ئۇلار: سىمۇن (ھەزرىتى ئەيسا ئۇنى پېترۇس دەپمۇ ئاتىغان) ۋە ئۇنىڭ ئىنىسى ئەندەر، ياقۇپ، يۇھاننا، فىلىپ، بارتولوماي، 15مەتتا، توماس، ھالپاينىڭ ئوغلى ياقۇپ، ۋەتەنپەرۋەر دەپ ئاتالغان سىمۇن، 16باشقا بىر ياقۇپنىڭ ئوغلى يەھۇدا ۋە كېيىن ھەزرىتى ئەيساغا ساتقۇنلۇق قىلغان يەھۇدا ئىشقارىيوتلار ئىدى.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ تەلىم بېرىشى ۋە كېسەللەرنى ساقايتىشى

17ھەزرىتى ئەيسا ئەلچىلىرى بىلەن تاغدىن چۈشۈپ، تۈز بىر يەردە تۇراتتى. ئۇلارنىڭ ئالدىغا نۇرغۇن شاگىرتلار ھەمدە يېرۇسالېم شەھىرىدىن، جۈملىدىن پۈتۈن يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىن كەلگەن كىشىلەر توپ-توپ بولۇپ كېلىپ يىغىلىشتى. ھەتتا دېڭىز بويىدىكى تىر ۋە سىدون شەھەرلىرىدىنمۇ نۇرغۇن كىشىلەر كەلگەنىدى. 18ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ تەلىملىرىنى ئاڭلاش ۋە كېسەللىرىگە شىپالىق ئىزدەش ئۈچۈن كەلگەنىدى. جىنلار دەستىدىن ئازابلانغانلارمۇ كېلىپ، شىپالىق تېپىشتى. 19كۆپچىلىك قوللىرىنى ھەزرىتى ئەيساغا تەگكۈزۈۋېلىشقا تىرىشاتتى. چۈنكى، ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىن كۈچ-قۇدرەت چىقىپ ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ساقايتىۋاتاتتى.

خۇشاللىق ۋە قايغۇ

20ئاندىن، ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا قاراپ مۇنداق دېدى:

_ ئەي يوقسۇللار، نەقەدەر بەختلىكسىلەر! چۈنكى خۇدانىڭ پادىشاھلىقى سىلەرنىڭكىدۇر.

21ئەي ئاچ قالغانلار، سىلەرمۇ نەقەدەر بەختلىك! چۈنكى، خۇدا سىلەرنى تولۇق قانائەتلەندۈرىدۇ.

ئەي يىغلاۋاتقانلار، سىلەرمۇ بەختلىك! بۇنىڭدىن كېيىن، شاد-خۇراملىققا چۆمىسىلەر.

22ئىنسانئوغلىغا ئەگەشكەنلىكىڭلار ئۈچۈن بەزىلەر سىلەردىن نەپرەتلەنسە، يۈز ئۆرۈسە، سىلەرگە تۆھمەت-ھاقارەت قىلسا، سىلەرنى يامان دېسە، نەقەدەر بەختلىكسىلەر! 23ئۇ چاغدا، شاد-خۇرام بولۇپ تەنتەنە قىلىڭلار. چۈنكى، ئەرشتە سىلەر ئۈچۈن كۆپ ئىنئام ساقلانماقتا. بۇ قارا نىيەتلەرنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەرگىمۇ شۇنداق زىيانكەشلىك قىلغان.

24لېكىن، ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي بايلار!

راھەت-پاراغەت سىلەرگە يار بولماس ئەمدى.

25ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي قارنى توقلار!

ئاچلىقتا قالىسىلەر ئەمدى.

ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي كۈلۈۋاتقانلار!

ھازا تۇتۇپ يىغلايسىلەر ئەمدى.

26خالايىق سىلەرنى ماختىغاندا، ھالىڭلارغا ۋاي! چۈنكى، خۇدانىڭ غەزىپىگە ئۇچرىغان بۇرۇنقى ساختا پەيغەمبەرلەرمۇ بۇ خەلقنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ ماختىشىغا ئېرىشكەن.

دۈشمىنىڭلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار

27_ قۇلاق سېلىپ ئاڭلاڭلار! سىلەرگە دۈشمەنلىك قىلغانلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار. ئۆچمەنلىك قىلغانلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار. 28سىلەرنى قارغىغانلارغا بەخت تىلەڭلار. سىلەرگە يامان مۇئامىلىدە بولغانلارغىمۇ دۇئا قىلىڭلار. 29بىرسى سىلەرنىڭ ئوڭ يۈزۈڭلارغا ئۇرسا، سول يۈزۈڭلارنىمۇ تۇتۇپ بېرىڭلار. بىرسى سىلەرنىڭ چاپىنىڭلارنى ئېلىپ كەتسە، كۆڭلىكىڭلارنىمۇ سېلىپ بېرىڭلار. 30بىرسى سىلەردىن بىرنېمە تىلىسە، تىلىگىنىنى بېرىڭلار. بىرسى سىلەرنىڭ بىرەر نەرسەڭلارنى ئېلىپ كەتسە، ئۇنى قايتۇرۇپ بېرىشنى سورىماڭلار. 31باشقىلارنىڭ ئۆزۈڭلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشىنى كۈتسەڭلار، سىلەرمۇ ئۇلارغا شۇنداق مۇئامىلە قىلىڭلار.

32ئەگەر سىلەر ئۆزۈڭلارنى ياخشى كۆرگەنلەرگىلا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتسەڭلار، بۇنىڭ ماختانغۇدەك نەرى بار؟ گۇناھكارلارمۇ ئۆزىنى ياخشى كۆرگەنلەرگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىدىغۇ. 33ئەگەر سىلەر ئۆزۈڭلارغا ياخشىلىق قىلغانلارغىلا ياخشىلىق قىلساڭلار، بۇنىڭ ماختانغۇدەك نەرى بار؟ ھەتتا گۇناھكارلارمۇ شۇنداق قىلىدىغۇ! 34ئەگەر سىلەر قەرزنى قايتۇرالايدىغانلارغىلا بەرسەڭلار، بۇنىڭ ماختانغۇدەك نەرى بار؟ گۇناھكارلارمۇ ئەينەن قايتۇرۇش شەرتى بىلەن باشقا گۇناھكارلارغا قەرز بېرىدىغۇ! 35ياق! سىلەر دۈشمىنىڭلارغىمۇ مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار، ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار. باشقىلارغا قايتۇرۇۋېلىشنى ئويلىمايلا پۇل قەرز بېرىڭلار. شۇ چاغدا، ئەرشتە مول ئىنئامغا ئېرىشىسىلەر ۋە ئۇلۇغ خۇدانىڭ پەرزەنتى بولغانلىقىڭلارغا گۇۋاھلىق بەرگەن بولىسىلەر. چۈنكى، خۇدا ياخشىلىقنى بىلمەيدىغانلارغا ۋە يامانلارغىمۇ شەپقەت قىلىدۇ. 36ئەرشتىكى ئاتاڭلار مېھرىبان بولغىنىدەك، سىلەرمۇ مېھرىبان بولۇڭلار.

باشقىلارنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلماڭلار

37_ باشقىلارنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلىپ يۈرمەڭلار. سىلەرمۇ خۇدانىڭ ھۆكۈمىگە ئۇچرىمايسىلەر. باشقىلارنى ئەيىبلىمەڭلار، خۇدامۇ سىلەرنى ئەيىبلىمەيدۇ. باشقىلارنى كەچۈرۈڭلار، خۇدامۇ سىلەرنى كەچۈرۈم قىلىدۇ. 38باشقىلاردىن ھېچنېمىنى ئايىماڭلار، خۇدامۇ سىلەردىن ھېچنېمىنى ئايىمايدۇ. ھەتتا سىلەرگە چوڭ ئۆلچىگۈچكە لىق چىڭداپ تولدۇرۇلغان ئىنئامنى تەقدىم قىلىدۇ. سىلەر باشقىلارغا قانداق ئۆلچەم بىلەن ئۆلچەپ بەرسەڭلار، خۇدامۇ سىلەرگە شۇنداق ئۆلچەم بىلەن ئۆلچەپ بېرىدۇ.

39ئاندىن، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا تەمسىل ئارقىلىق تەلىم بېرىپ مۇنداق دېدى:

_ قارىغۇ قارىغۇنى يېتەكلەپ ماڭالمايدۇ. ئۇنداق قىلسا، ھەر ئىككىلىسى ئورىغا چۈشۈپ كېتىدۇ. 40شاگىرت ئۇستازىدىن ئۈستۈن تۇرمايدۇ. لېكىن، ئۇ ئوقۇپ يېتىشكەندىن كېيىن ئۇستازىغا ئوخشاش بولالايدۇ.

41نېمە ئۈچۈن بۇرادىرىڭنىڭ ھەرە كېپىكىدەك كىچىك سەۋەنلىكىنىلا كۆرۈپ، ئۆزۈڭدىكى لىمدەك چوڭ گۇناھنى كۆرمەيسەن؟! 42ئۆزۈڭدىكى شۇنچە چوڭ گۇناھنى كۆرمەي تۇرۇپ، بۇرادىرىڭگە: «كۆزۈڭدىكى ھەرە كېپىكىنى ئېلىۋېتەي!» دېيىشىڭ قانداق گەپ؟ ئەي ساختىپەز! ئاۋۋال ئۆزۈڭنىڭ كۆزىدىكى لىمنى ئېلىۋەت. بۇنىڭ بىلەن، ئېنىق كۆرۈپ، بۇرادىرىڭنىڭ كۆزىدىكى ھەرە كېپىكىنى ئېلىۋېتەلەيسەن.

ئىككى خىل مېۋە دەرىخى

43_ ياخشى دەرەخ يامان مېۋە بەرمەيدۇ، يامان دەرەخمۇ ياخشى مېۋە بەرمەيدۇ. 44ھەرقانداق دەرەخنى بەرگەن مېۋىسىدىن پەرق ئەتكىلى بولىدۇ. تىكەندىن ئەنجۈر، يانتاقتىن ئۈزۈم ئالغىلى بولمايدۇ. 45شۇنىڭغا ئوخشاش، ياخشى ئادەم قەلبىدىكى ياخشىلىقىدىن ياخشىلىق چىقىرىدۇ. يامان ئادەم قەلبىدىكى يامانلىقىدىن يامانلىق چىقىرىدۇ. چۈنكى، كۆڭۈلدە نېمە بولسا، ئېغىزدىن شۇ چىقىدۇ.

ئىككى خىل ئىمارەت سالغان كىشىلەر

46_ سىلەر ئەجەب مېنى «رەببىم! رەببىم!» دەيسىلەريۇ، بۇيرۇقلىرىمغا ئەمەل قىلمايسىلەر. 47ئەمىسە، مېنىڭ ئالدىمغا كېلىپ، سۆزلىرىمنى ئاڭلاپ ئەمەل قىلغانلار كىمگە ئوخشايدۇ؟ 48ئۇلار خۇددى ئۇلىنى چوڭقۇر قېزىپ، قورام تاشنىڭ ئۈستىگە ئىمارەت سالغان كىشىگە ئوخشايدۇ. كەلكۈن كەلگەندە، ئۇنىڭ كۈچلۈك ھۇجۇمى ئۇنداق ئىمارەتنى قىمىر قىلغۇزالمايدۇ، چۈنكى ئۇ پۇختا سېلىنغان. 49لېكىن، سۆزلىرىمنى ئاڭلاپ تۇرۇپ، ئەمەل قىلمايدىغانلار ئۇل قۇرماي قۇرۇق يەرنىڭ ئۈستىگە ئىمارەت سالغان كىشىگە ئوخشايدۇ. بۇنداق ئىمارەت كەلكۈننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان ھامان ئۆرۈلۈپ، پۈتۈنلەي گۇمران بولىدۇ.



*2يەھۇدىيلارنىڭ ئەنئەنىسى بويىچە، دەم ئېلىش كۈنى خامان تېپىش قائىدىگە خىلاپ ئىدى. پەرىسىيلەر شاگىرتلارنىڭ دانلارنى يېيىش ئۈچۈن ئاقلىشىنى خامان تەپكەنلىك، دەپ قارىغان. ئەمەلىيەتتە، مەنئى قىلىنغىنى باشاقلارنى ئۈزۈۋېلىپ، يېيىش ئەمەس، بەلكى زىرائەتلەرگە ئورغاق سېلىشتۇر.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى