« ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر »

10

تالاق توغرىسىدىكى تەلىم

1ھەزرىتى ئەيسا ئۇ يەردىن ئايرىلىپ، يەھۇدىيە ئۆلكىسىنى بېسىپ ئۆتۈپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ قېتىدىكى رايونلارغا باردى. ئۇنىڭ ئەتراپىغا يەنە توپ-توپ ئادەم يىغىلغانىدى. ئۇ كۆپچىلىككە ھەر قېتىمقىدەك تەلىم بېرىشكە باشلىدى.

2ھەزرىتى ئەيسانىڭ يېنىغا كەلگەن بەزى پەرىسىيلەر ئۇنىڭغا تۇزاق قۇرۇش مەقسىتىدە:

_ بىر ئادەمنىڭ ئايالىنى تالاق قىلىشى تەۋرات قانۇنىغا ئۇيغۇنمۇ؟ _ دەپ سورىدى.

3_ مۇسا پەيغەمبەر سىلەرگە نېمە دەپ بۇيرۇغان؟ _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا.

4_ مۇسا پەيغەمبەر ئەرلەرنىڭ ئايالىنى بىر پارچە تالاق خېتى يېزىپلا تالاق قىلىشىغا رۇخسەت قىلغان، _ دېيىشتى ئۇلار.

5ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا:

_ تەرسالىقىڭلاردىن مۇسا پەيغەمبەر بۇ بۇيرۇقنى يازغان. 6خۇدا ئالەمنى ياراتقاندا، ئىنسانلارنى «ئەر ۋە ئايال قىلىپ ياراتتى». 7«بىر ئادەمنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ، ئايالى بىلەن بىرلىشىپ 8بىر تەن بولۇشى ئەنە شۇ سەۋەبتىندۇر.» شۇنداق ئىكەن، ئەر-ئايال ئايرىم-ئايرىم ئىككى تەن بولماستىن، بىر تەندۇر. 9شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدا قوشقاننى ئىنسان ئايرىمىسۇن، _ دېدى.

10ئۇلار ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن، شاگىرتلىرى بۇ ھەقتە ھەزرىتى ئەيسادىن يەنە سورىدى. 11ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا:

_ ئايالىنى تالاق قىلىپ، باشقا بىرىنى ئەمرىگە ئالغان كىشى زىنا قىلغان بولىدۇ. 12ئېرىدىن ئاجرىشىپ باشقا ئەرگە تەگكەن ئايالمۇ زىنا قىلغان بولىدۇ، _ دېدى.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ كىچىك بالىلارغا بەخت تىلىشى

13قولىنى تەگكۈزۈپ بەخت تىلىسۇن دەپ، كىشىلەر كىچىك بالىلىرىنى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. بىراق، شاگىرتلار ئۇلارنى ئەيىبلىدى. 14بۇنى كۆرگەن ھەزرىتى ئەيسا خاپا بولۇپ، شاگىرتلىرىغا:

_ بالىلار ئالدىمغا كەلسۇن، ئۇلارنى توسماڭلار. چۈنكى، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىدىغانلار دەل مۇشۇلارغا ئوخشاشلاردۇر. 15بىلىپ قويۇڭلاركى، كىمدەكىم خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى سەبىي بالىلاردەك قوبۇل قىلمىسا، ئۇنىڭغا ھەرگىز كىرەلمەيدۇ، _ دېدى. 16شۇنىڭ بىلەن، ئۇ بالىلارنى قۇچىقىغا ئېلىپ، ئۇلارغا قوللىرىنى تەگكۈزۈپ بەخت تىلىدى.

مۈلۈكداردىكى مۈشكۈلات

17ھەزرىتى ئەيسا سەپەرگە چىقىش ئالدىدا، بىر كىشى يۈگۈرۈپ كېلىپ، ئۇنىڭ ئالدىدا تىز پۈكۈپ:

_ ئى ياخشى ئۇستاز، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىش ئۈچۈن قانداق قىلىشىم كېرەك؟ _ دەپ سورىدى.

18ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا:

_ مېنى نېمىشقا ياخشى دەيسىز؟ يېگانە خۇدادىن باشقا ياخشى يوق. 19سىز تەۋراتتا بۇيرۇلغان «قاتىللىق قىلما، زىنا قىلما، ئوغرىلىق قىلما، يالغان گۇۋاھلىق بەرمە، باشقىلارنى قاقتى-سوقتى قىلما، ئاتا-ئاناڭنى ھۆرمەت قىل» دېگەن پەرزلەرنى ئادا قىلىڭ، _ دېدى.

20_ ئۇستاز، بۇلارغا كىچىكىمدىن تارتىپ ئەمەل قىلىپ كېلىۋاتىمەن، _ دېدى ھېلىقى ئادەم.

21ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا مېھرىبانلىق بىلەن قاراپ:

_ سىزدە قىلىشقا تېگىشلىك يەنە بىر ئىش كەم. بېرىپ پۈتۈن مال-مۈلكىڭىزنى سېتىپ، پۇلىنى كەمبەغەللەرگە بېرىڭ. شۇنداق قىلسىڭىز، ئەرشتە خەزىنىڭىز بولىدۇ. ئاندىن كېلىپ ماڭا ئەگىشىڭ! _ دېدى.

22بۇ سۆزنى ئاڭلاش بىلەنلا بۇ ئادەمنىڭ چىرايى ئۆزگىرىپ، قايغۇ ئىچىدە ئۇ يەردىن كېتىپ قالدى. چۈنكى، ئۇنىڭ مال-دۇنياسى ناھايىتى كۆپ ئىدى.

23ھەزرىتى ئەيسا ئۆپچۆرىسىگە كۆز يۈگۈرتۈپ چىققاندىن كېيىن، شاگىرتلىرىغا:

_ مال-دۇنياسى كۆپلەرنىڭ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىشى نېمىدېگەن تەس-ھە! _ دېدى.

24شاگىرتلار ئۇنىڭ سۆزلىرىگە ھەيران بولۇشتى. لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا يەنە:

_ بالىلىرىم، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىش نېمىدېگەن تەس-ھە! 25بايلارنىڭ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىشى تۆگىنىڭ يىڭنە تۆشۈكىدىن ئۆتۈشىدىنمۇ تەس ئىكەن! _ دېدى.

26شاگىرتلار تېخىمۇ ھەيران بولۇشۇپ، بىر-بىرىدىن:

_ ئۇنداقتا، كىم قۇتقۇزۇشقا ئېرىشەلەيدۇ؟ _ دەپ سوراشتى. 27ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا قاراپ:

_ بۇ، ئىنسانلارنىڭ قولىدىن ئەمەس، خۇدانىڭلا قولىدىن كېلىدىغان ئىشتۇر، چۈنكى خۇدا ھەممىگە قادىردۇر، _ دېدى.

28_ مانا بىز ھەممىنى تاشلاپ سىزگە ئەگەشتۇق! سىزچە، بىز قۇتقۇزۇلامدۇق؟ _ دېدى پېترۇس كەينىدىنلا.

29_ بىلىپ قويۇڭلاركى، مېنى ۋە خۇش خەۋەرنى دەپ، ئۆيى، ئاكا-ئۇكىلىرى، ئاچا-سىڭىللىرى، ئاتا-ئانىسى، بالا-چاقىلىرى ياكى يەر-زېمىنلىرىدىن ۋاز كەچكەنلەرنىڭ ھەممىسى 30بۇ دۇنيادا زىيانكەشلىككە ئۇچراش بىلەن بىرگە يۈز ھەسسىلەپ ئۆي، ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىل، ئانا، بالا-چاقا ۋە يەر-زېمىنلارغا ئېرىشىدۇ. كېلىدىغان دۇنيادىمۇ مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىدۇ. 31لېكىن شۇ چاغدا، نۇرغۇن ئالدىنقى قاتاردىكىلەر ئاخىرقىلار بولىدۇ، نۇرغۇن ئاخىرقىلار ئالدىنقى قاتارغا چىقىدۇ، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا.

ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆلۈپ تىرىلىدىغانلىقىنى يەنە ئالدىن ئېيتىشى

32ئۇلار يېرۇسالېمغا بارىدىغان يولدا ئىدى، ھەزرىتى ئەيسا ھەممىنىڭ ئالدىدا كېتىۋاتاتتى. شاگىرتلىرى ئۇنىڭ خەتەر يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىكى بولغان ئۇ شەھەرگە ئالدىراپ ماڭغانلىقىدىن ھەيران ئىدى، ئۇلارغا ئەگەشكەنلەرمۇ قورقۇنچ ئىچىدە كېتىۋاتاتتى. ھەزرىتى ئەيسا ئون ئىككى شاگىرتىنى يەنە بىر چەتكە تارتىپ، ئۇلارغا ئۆز بېشىغا كېلىدىغانلارنى ئۇقتۇرۇپ:

33_ مانا بىز ھازىر يېرۇسالېمغا كېتىۋاتىمىز. ئىنسانئوغلى ئالىي روھانىيلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرىغا تاپشۇرۇلىدۇ. ئۇلار ئۇنى ئۆلۈم جازاسىغا مەھكۇم قىلىپ، رىملىقلارغا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ. 34رىملىقلار ئۇنى مەسخىرە قىلىدۇ، يۈزىگە تۈكۈرىدۇ، ئۇنى قامچىلايدۇ ۋە ئۆلتۈرىدۇ. لېكىن، ئۇ ئۈچ كۈندىن كېيىن قايتا تىرىلىدۇ، _ دېدى.

ياقۇپ بىلەن يۇھاننانىڭ تەلىپى

35زەبەدىينىڭ ئوغۇللىرى ياقۇپ بىلەن يۇھاننا ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ:

_ ئۇستاز، بىزنىڭ بىر تەلىپىمىز بار ئىدى. ئورۇنداپ بېرىشىڭىزنى ئۆتۈنىمىز، _ دېيىشتى.

36_ سىلەرگە نېمە قىلىپ بېرىشىمنى تەلەپ قىلىسىلەر؟ _ دەپ سورىدى ھەزرىتى ئەيسا.

37_ سىز شان-شەرەپكە ئېرىشكىنىڭىزدە، بىرىمىزنى ئوڭ يېنىڭىزدا، بىرىمىزنى سول يېنىڭىزدا ئولتۇرغۇزغايسىز، _ دېيىشتى ئۇلار.

38_ سىلەر نېمە تەلەپ قىلغانلىقىڭلارنى بىلمەيۋاتىسىلەر، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا، _ مەن ئىچىدىغان ئازاب قەدىھىنى ۋە مەن قوبۇل قىلىدىغان چۆمۈلدۈرۈشنى سىلەرمۇ قوبۇل قىلالامسىلەر؟*

39_ قوبۇل قىلالايمىز، _ دېيىشتى ئۇلار.

ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا:

_ سىلەر ھەقىقەتەنمۇ مېنىڭ ئازاب قەدىھىمگە ۋە چۆمۈلدۈرۈلۈشۈمگە ئورتاق بولىسىلەر. 40بىراق، ئوڭ ياكى سول يېنىمدا ئولتۇرۇشۇڭلارغا رۇخسەت قىلىش مېنىڭ ئىختىيارىمدا ئەمەس. بۇ ئورۇنلار كىملەرگە تەييارلانغان بولسا، شۇلار ئولتۇرىدۇ، _ دېدى.

41بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان باشقا ئون شاگىرت ياقۇپ بىلەن يۇھانناغا خاپا بولۇشقا باشلىدى. 42ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنى يېنىغا چاقىرىپ، مۇنداق دېدى:

_ سىلەرگە مەلۇم، بۇ دۇنيادىكى ھۆكۈمران دەپ قارالغانلار قول ئاستىدىكى خەلق ئۈستىدىن رەھىمسىزلىك بىلەن ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدۇ. ئەمىرلىرى ئۇلارنى قاتتىق قوللۇق بىلەن ئىدارە قىلىدۇ. 43بىراق، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا بۇنداق ئىش بولمىسۇن. سىلەردىن كىم مەرتىۋىلىك بولۇشنى خالىسا، ئۇ قالغانلارغا خىزمەت قىلسۇن. 44كىم بىرىنچى بولۇشنى خالىسا، ئۇ ھەممە ئادەمنىڭ قۇلى بولسۇن. 45چۈنكى، ئىنسانئوغلىمۇ باشقىلارنى ئۆزىگە خىزمەت قىلدۇرغىلى ئەمەس، باشقىلارغا خىزمەت قىلغىلى ۋە جېنىنى پىدا قىلىش بەدىلىگە نۇرغۇن ئادەملەرنى گۇناھتىن ئازاد قىلغىلى كەلدى.

قارىغۇ بارتىماينىڭ كۆزىنىڭ ساقايتىلىشى

46كېيىن، ئۇلار ئېرىخا شەھىرىگە كەلدى. ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرى ۋە نۇرغۇن خالايىق بىلەن بىللە ئېرىخادىن قايتقان ۋاقىتتا، تىماينىڭ بارتىماي ئىسىملىك قارىغۇ ئوغلى يول بويىدا ئولتۇرۇپ، تىلەمچىلىك قىلىۋاتاتتى. 47ئۇ ناسىرەلىك ئەيسانىڭ ئۇ يەردە ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ:

_ ئى پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادى* ئەيسا، ماڭا رەھىم قىلغايسىز! _ دەپ توۋلاشقا باشلىدى.

48نۇرغۇن ئادەملەر ئۇنى ئەيىبلەپ، ئۈنىنى چىقارماسلىقىنى ئېيتتى. لېكىن، ئۇ:

_ ئى پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادى، رەھىم قىلغايسىز، _ دەپ تېخىمۇ قاتتىق توۋلىدى.

49ھەزرىتى ئەيسا قەدىمىنى توختىتىپ:

_ ئۇنى چاقىرىڭلار، _ دېدى. چاقىرغىلى بارغانلار قارىغۇغا:

_ قورقما! ئورنۇڭدىن تۇر، ئۇ سېنى چاقىرىۋاتىدۇ! _ دېيىشتى. 50ئۇ ئادەم چاپىنىنى سېلىپ تاشلاپ، ئورنىدىن دەس تۇرۇپ ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا كەلدى.

51ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭدىن:

_ مەندىن نېمە تەلەپ قىلىسەن؟ _ دەپ سورىدى.

قارىغۇ:

_ ئۇستاز، كۆزۈمنىڭ ئېچىلىشىنى تەلەپ قىلىمەن! _ دېدى.

52ھەزرىتى ئەيسا:

_ قايتساڭ بولىدۇ، ماڭا باغلىغان ئىشەنچىڭ سېنى ساقايتتى، _ دېۋىدى، ئۇ ئادەمنىڭ كۆزى شۇئان ئېچىلدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ ئادەم يول بويى ھەزرىتى ئەيساغا ئەگىشىپ ماڭدى.



*38بۇ ئايەتتە ھەزرىتى ئەيسانىڭ تارتىدىغان ئازاب-ئوقۇبىتى ۋە كرېستتىكى ئۆلۈمى كۆزدە تۇتۇلغان.

*47داۋۇت پادىشاھنىڭ ئەۋلادى _ بۇ نام يەھۇدىيلار ئارىسىدا ئۇلار كۈتۈۋاتقان قۇتقۇزغۇچى _ مەسىھنى كۆرسىتەتتى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى