« رىملىقلارغا يېزىلغان خەت »

(قىسقىچە چۈشەندۈرۈش)

بۇ خەتنىڭ مۇئەللىپى ئەلچى پاۋلۇستۇر. ئۇ بۇ خەتنى رىمدىكى ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنى زىيارەت قىلىشقا تەييارلىق قىلىش يۈزىسىدىن يازغان. بۇ، پاۋلۇسنىڭ ئۆزى تارقىتىۋاتقان خۇش خەۋەرنى ئەڭ تەپسىلىي چۈشەندۈرگەن بىر خېتىدۇر. ئۇنىڭدا ئەيسا مەسىھكە بولغان ئېتىقاد، شۇنداقلا بۇ ئېتىقادنىڭ ئېتىقادچىلار ئەمەلىيىتىدە قانداق ئىپادىلىنىشى تەسۋىرلەنگەن.

پاۋلۇس بۇ خېتىدە پۈتكۈل ئىنسانلارنىڭ گۇناھكار ئىكەنلىكى، قۇتقۇزۇلۇشقا موھتاجلىقى، پەقەت ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىش ئارقىلىقلا قۇتقۇزۇلىدىغانلىقى ۋە ئەيسا مەسىھكە باغلىنىش بىلەنلا خۇداغا يېقىنلىشالايدىغانلىقى، ئېتىقادچىلارنىڭ قەلبىدىكى مۇقەددەس روھ ئۇلارغا كۈچ-قۇدرەت بېرىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ ئېتىقادچىلارغا لايىق ياشىشى ۋە باشقىلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىشى كېرەكلىكىنى نۇقتىلىق تەكىتلىگەن.

مۇئەللىپ يەھۇدىيلارنىڭ ئەيسا مەسىھنى رەت قىلغانلىقى بىلەن يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلىشىنىڭ خۇدانىڭ ئىنسانلارنى قۇتقۇزۇش پىلانىغا ماس كەلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە ۋاقىت-سائىتى كەلگەندە يەھۇدىيلارنىڭمۇ قۇتقۇزۇلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرگەن.

تېزىس:

  1. دۇئايىسالام (1-باب 1-ئايەتتىن 17-ئايەتكىچە)
  2. ئىنسانلارنىڭ گۇناھكار تەبىئىتى (1-باب 18-ئايەتتىن 3-باب 20-ئايەتكىچە)
  3. خۇدانىڭ ئىنسانلارنى قۇتقۇزۇش يولى (3-باب 21-ئايەتتىن 4-بابنىڭ ئاخىرىغىچە)
  4. ئېتىقادچىلارنىڭ ئەيسا مەسىھكە باغلانغان يېڭى ھاياتى (5-بابتىن 8-بابقىچە)
  5. يەھۇدىيلار ۋە خۇدانىڭ ئىنسانلارنى قۇتقۇزۇش پىلانى (9-بابتىن 11-بابقىچە)
  6. ئېتىقادچىلارنىڭ خۇداغا ئاتىلىپ ياشىشى (12-بابتىن 15-باب 13-ئايەتكىچە)
  7. ئاخىرقى سۆزلەر (15-باب 14-ئايەتتىن 16-بابنىڭ ئاخىرىغىچە)

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى