سوئال

«بەزى دوستلىرىم ئۇسۇل ئويناش دىنىمىزغا ئۇيغۇن ئەمەس دېيىشىدۇ. ئەگەر بىز نەغمە-ناۋا قىلساق ئاللاھ راۋا كۆرمەيدۇ دەيدۇ. ئىنجىل، زەبۇر ۋە تەۋرات بۇ توغرۇلۇق نېمە دەيدۇ؟»

زەبۇر، 30-مۇناجات

11ئۇسسۇلغا ئايلاندۇرۇپ ماتىمىمنى،

سالدۇرۇپ ئۈستۈمدىن ھازا كىيىمىمنى،

باغلىدىڭ شادلىق كەمەرى بىلەن بېلىمنى.

[داۋامى]

زەبۇر، 149-مۇناجات

3مەدھىيەلىسۇن خۇدانى ئۇلار ئۇسسۇل ئويناپ،

ئالقىش كۈيى چالسۇن داپ، لىرادا ئۇنىڭغا ئاتاپ.

4چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز قوۋمىدىن سۆيۈنەر،

كەمتەرلەرگە نىجاتلىق تاجىنى كىيدۈرەر.

[داۋامى]

زەبۇر، 150-مۇناجات

1ئوقۇڭلار پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا،

مەدھىيەلەڭلار خۇدانى مۇقەددەس جايىدا،

قۇدرىتى ئايان بولغان ئەرشئەلادا.

2مەدھىيەلەڭلار ئۇنىڭ ياراتقان مۆجىزىلىرىنى،

مەدھىيەلەڭلار ئۇنىڭ ھەممىدىن ئۇلۇغلۇقىنى.

3مەدھىيەلەڭلار ئۇنى بۇرغا ساداسىدا،

مەدھىيەلەڭلار چېلىپ چىلتار، لىرا.

4مەدھىيەلەڭلار ئۇنى داپ چېلىپ، چۈشۈپ ئۇسسۇلغا،

مەدھىيەلەڭلار ئۇنى تەڭكەش قىلىپ نەي ۋە تارلىق سازغا.

5مەدھىيەلەڭلار ئۇنى جاللىلارنىڭ ياڭراق ساداسىدا،

مەدھىيەلەڭلار ئۇنى جاللىلارنىڭ جاراڭلىق ئاۋازىدا.

6مەدھىيەلىگەي پەرۋەردىگارنى جىمىكى تىنىقى بارلار،

پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئوقۇڭلار!

[داۋامى]

تەۋرات، «مىسىردىن چىقىش» 15-باب

20ھارۇننىڭ ھەدىسى مەريەم پەيغەمبەر قولىغا داپ تۇتقانىدى، نۇرغۇن ئاياللارمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە داپ چېلىپ، ئۇسسۇل ئويناشتى.21مەريەم خۇدانى مەدھىيىلەپ، ئۇلارغا مۇنداق ناخشا ئېيتىپ بەردى:

«پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا بولغاي، چۈنكى ئۇ شانلىق غەلىبە قۇچتى.

جەڭ ھارۋىلىرى ۋە ئاتلىقلارنى دېڭىزغا غەرق قىلدى.»

[داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

yengi mezmun

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر