سوئال

تەۋرات، « سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم » 12- باب

21شۇ چاغدا ئەمەلدارلىرى ئۇنىڭدىن:

_ بالا ھايات چېغىدا روزا تۇتۇپ، يىغلىدىلا. بالا ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن بولسا ئەكسىچە غىزا يېدىلا، بۇ قانداق قىلغانلىرى؟ _ دەپ سورىدى.

22داۋۇت ئۇلارغا:

_ بالا ھايات چېغىدا روزا تۇتۇپ يىغلىشىم؛ پەرۋەردىگار ماڭا شەپقەت قىلىپ، بالىنى ھايات قالدۇرارمىكىن، دېگەن ئويدا بولغانلىقىمدىن ئىدى. 23ئەمدى ئۇ ئۆلۈپ كەتتى، يەنە نېمىشقا روزا تۇتىدىكەنمەن؟ ئۇنى تىرىلدۈرۈۋالالايتتىممۇ؟ مەن ھامان بىر كۈنى ئۇنىڭ يېنىغا بارىمەن، لېكىن ئۇ مېنىڭ يېنىمغا قايتىپ كېلەلمەيدۇ، _ دەپ جاۋاب بەردى. [داۋامى]

تەۋرات، « يۇنۇس » 3- باب

4يۇنۇس شەھەرگە كىرىپ، بىر كۈنلۈك يولنى ماڭغاندىن كېيىن:

_ قىرىق كۈندىن كېيىن نىنەۋى شەھىرى خاراب قىلىنىدۇ! _ دەپ جاكارلىدى.

5بۇنىڭ بىلەن نىنەۋىلىكلەر خۇداغا ئىشىنىپ، روزا تۇتۇشنى قارار قىلدى. پۈتۈن شەھەر خەلقى مەرتىۋىسى يۇقىرى-تۆۋەن بولسۇن، ھەممىسى چىگە رەختكە يۆگىنىپ، توۋا قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. 6بۇ خەۋەر نىنەۋى پادىشاھىغا يەتكەندە، ئۇ تەختىدىن چۈشۈپ، تونىنى سېلىۋېتىپ، چىگە رەختكە يۆگىنىپ، كۈلدە مىلىنىپ ئولتۇردى.

7پادىشاھ ئۆزى ۋە ئەمەلدارلىرىنىڭ نامىدا نىنەۋىلىكلەرگە مۇنداق ئەمر چۈشۈردى: «مەيلى ئادەم مەيلى ھايۋان، مەيلى كالا مەيلى قوي بولسۇن، ھەممىسى ھېچنېمە تېتىمىسۇن، ئۇلار ھېچنېمە يېمىسۇن، سۇمۇ ئىچمىسۇن. 8پۈتكۈل ئادەم ۋە ھايۋانلار چىگە رەختكە يۆگەنسۇن. ھەربىر ئادەم خۇداغا قاتتىق يالۋۇرسۇن ھەمدە يامان يولىدىن يانسۇن، زوراۋانلىقتىن قول ئۈزسۇن. 9كىم بىلىدۇ، خۇدا شۇنىڭ بىلەن نىيىتىدىن، قەھر-غەزىپىدىن يېنىپ، بىزنى ھالاك قىلماي قويامدۇ تېخى!»

10خۇدا ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى يەنى يامان يوللىرىدىن يانغانلىقىنى كۆرگەندە، ئىلگىرى ئۆزى جاكارلىغان، ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرمەكچى بولغان بالايىئاپەتلەرنى ئۇلارغا چۈشۈرمىدى. [داۋامى]

ئىنجىل، « مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 6- باب

16_ روزا تۇتقان ۋاقتىڭلاردا، ساختىپەزلەردەك قىياپەتكە كىرىۋالماڭلار. ئۇلار روزا تۇتقىنىنى كۆز-كۆز قىلىش ئۈچۈن، ئۆزلىرىنى پەرىشان قىياپەتتە كۆرسىتىدۇ. شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، ئۇلار شۇنداق قىلىپ باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىدىن باشقا ھېچقانداق ئىنئامغا ئېرىشەلمەيدۇ. 17سىلەر روزا تۇتقاندا، چېچىڭلارنى مايلاپ، ئۆزۈڭلارنى تۈزەشتۈرۈپ يۈرۈڭلار. 18شۇ چاغدا، پەقەت ئەرشتىكى كۆرۈنمەس ئاتاڭلاردىن باشقا ھېچكىم روزا تۇتقانلىقىڭلارنى سېزەلمەيدۇ. بۇنىڭ بىلەن، سىلەرنىڭ يوشۇرۇن قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنىمۇ بىلىپ تۇرىدىغان ئەرشتىكى ئاتاڭلار جەزمەن سىلەرگە ئىنئام بېرىدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 18- باب

9ھەزرىتى ئەيسا، ئۆزلىرىنى ئادالەتچى دەۋېلىپ، باشقىلارنى كۆزىگە ئىلمايدىغان كىشىلەرگە قارىتىپ، يەنە بىر تەمسىل ئېيتتى:

10_ ئىككى كىشى دۇئا قىلىش ئۈچۈن مەركىزىي ئىبادەتخانىغا بېرىپتۇ. ئۇلارنىڭ بىرى پەرىسىي، يەنە بىرى باجگىر ئىكەن. 11پەرىسىي خەلقنىڭ ئالدىدا ئۆرە تۇرۇپ مەغرۇرانە ھالدا: «ئى خۇدا! مېنىڭ باشقىلاردەك ئالدامچى، گۇناھكار، زىناخورلاردىن بولۇپ قالمىغىنىمغا، بولۇپمۇ بۇ باجگىرغا ئوخشىمىغىنىمغا شۈكۈر. 12مەن ھەر ھەپتىدە ئىككى كۈن روزا تۇتىمەن ۋە پۈتۈن ئىش ھەققىمنىڭ ئوندىن بىر ئۈلۈشىنى خۇدا يولىدا سەدىقە قىلىمەن» دەپ دۇئا قىپتۇ.

13بىراق، ھېلىقى باجگىر باشقىلاردىن نېرى ھالدا ئىبادەتخانىنىڭ بىر بۇلۇڭىدا تۇرۇپ، بېشىنى كۆتۈرۈپ ئاسمانغا قاراشقىمۇ جۈرئەت قىلالماي، مەيۈسلەنگەن ھالدا مەيدىسىگە ئۇرۇپ: «ئى خۇدايىم، مەن گۇناھكار. ماڭا رەھىم قىلغايسەن» دەپتۇ. 14ئاڭلاپ قويۇڭلاركى، خۇدانىڭ نەزىرىدە بۇ ئىككىيلەندىن ھېلىقى پەرىسىي ئەمەس، بەلكى باجگىر كەچۈرۈمگە ئېرىشىپ ئۆيگە قايتىپتۇ، چۈنكى خۇدا ئۆزىنى ئۈستۈن تۇتقاننى تۆۋەن قىلىدۇ، ئۆزىنى تۆۋەن تۇتقاننى ئۈستۈن قىلىدۇ. [داۋامى]

تەۋرات، « سامۇئىل بىرىنچى قىسىم » 7- باب

4شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار بائال بىلەن ئاشتورەتنىڭ بۇتلىرىنى تاشلاپ، پەقەت پەرۋەردىگارغىلا ئىبادەت قىلدى.

5شۇ چاغدا سامۇئىل ئۇلارغا:

_ پۈتۈن ئىسرائىللار، مىزپاھقا يىغىلىڭلار، مەن ئۇ يەردە سىلەر ئۈچۈن پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلاي، _ دېدى.

6شۇنداق قىلىپ پۈتۈن خەلق مىزپاھ شەھىرىگە يىغىلدى. ئۇلار قۇدۇقتىن سۇ تارتىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا تۆكۈپ، كۈنبويى روزا تۇتۇپ، «پەرۋەردىگارغا قارشى گۇناھ قىلدۇق» دەپ ئىقرار قىلىشتى. سامۇئىل ئىسرائىللارغا يېتەكچىلىك قىلىشنى مىزپاھ شەھىرىدە باشلىدى. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر