سوئال

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 16- باب

9ئىنسان ئۆز يولى ئۈچۈن پىلان تۈزەر كۆڭلىدە،

ئەمما پەرۋەردىگار قارار قىلار ئۇنىڭ قەدىمىگە. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 20- باب

24پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسىدىندۇر ئىنساننىڭ قەدەملىرى،

شۇنداق ئىكەن قانداق بىلەر ئىنسان ئۆز يولىنى؟ [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 1- باب

29چۈنكى نەپرەتلەندىڭلار سىلەر بىلىمدىن،

تاللىمىدىڭلار ئەيمىنىشنى خۇدادىن.

30قوبۇل قىلمىدىڭلار مېنىڭ نەسىھەتلىرىمنى،

مەنسىتمىدىڭلار بارلىق تەنبىھلىرىمنى.

31شۇڭا سىلەر ئۆز بېشىڭلارنى يەيسىلەر،

ئۆزۈڭلار كولىغان ئورىغا ئۆزۈڭلار چۈشىسىلەر. [داۋامى]

ئىنجىل، « مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 12- باب

35ياخشى ئادەم قەلبىدىكى ياخشىلىقىدىن ياخشىلىق چىقىرىدۇ. يامان ئادەم قەلبىدىكى يامانلىقىدىن يامانلىق چىقىرىدۇ. 36بىلىپ قويۇڭلاركى، سىلەر قىلغان ھەربىر ئېغىز قۇرۇق گېپىڭلار ئۈچۈن قىيامەت كۈنى ھېساب بېرىسىلەر. 37ئۆز سۆزلىرىڭلار بىلەن يا ئاقلىنىسىلەر، يا گۇناھكار بولۇپ چىقىسىلەر. [داۋامى]

ئىنجىل، « رىملىقلارغا يېزىلغان خەت » 14- باب

12دېمەك، ھەربىرىمىز خۇدا ئالدىدا ئۆزىمىزدىن ھېساب بېرىمىز. [داۋامى]

ئىنجىل، « گالاتىيالىقلارغا يېزىلغان خەت » 6- باب

7ئۆز-ئۆزۈڭلارنى ئالدىماڭلار، ئۆز-ئۆزۈڭلارنى ئالدىغان بىلەن، خۇدانى ئالدىيالمايسىلەر. كىم نېمە تېرىسا، شۇنى ئالىدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « ياقۇپ يازغان خەت » 4- باب

13بەزىلەر: «بۈگۈن ياكى ئەتە پالان شەھەرگە بارىمىز. ئۇ يەردە بىر يىل تۇرىمىز، تىجارەت قىلىپ، كۆپ پۇل تاپىمىز» دەيدۇ. بۇنداق دەيدىغانلار ماڭا قۇلاق سېلىڭلار، 14ئەتە نېمە بولىدىغانلىقىنى بىلەمسىلەر؟ سىلەرنىڭ ھاياتىڭلار خۇددى بىر دەمدىلا پەيدا بولۇپ يوقاپ كېتىدىغان تۇمانغا ئوخشايدۇ. 15شۇنىڭ ئۈچۈن، «خۇدا بۇيرۇسا، ئۆلمىسەكلا، ئۇنى قىلىمىز، بۇنى قىلىمىز» دەڭلار. [داۋامى]

ئىنجىل، « ياقۇپ يازغان خەت » 1- باب

13ئازدۇرۇلۇشقا دۇچ كەلگەن ئادەم «خۇدا مېنى ئازدۇرۇۋاتىدۇ» دەپ ئويلىمىسۇن. چۈنكى، خۇدا ئازدۇرۇلمايدۇ ھەم باشقىلارنى ئازدۇرمايدۇ. 14كىمدەكىم ئۆز ھەۋەسلىرىنىڭ كەينىگە كىرسە، ئۇ ئازىدۇ. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر