سوئال

تەۋرات، « سامۇئىل ئىككىنچى قىسىم » 7- باب

22ئى ئىگەم پەرۋەردىگار، نەقەدەر ئۇلۇغدۇرسەن، سېنىڭ تەڭدىشىڭ يوقتۇر. سەن بىردىنبىر ھەقىقىي خۇدادۇرسەن. بىز ساڭا ئوخشاش باشقا خۇدا ھەققىدە ھېچقاچان ئاڭلاپ باقمىغانىدۇق. [داۋامى]

« زەبۇر » 86- مۇناجات

9سەن ياراتقان بارلىق قوۋملار

كېلىپ ئالدىڭغا سەجدە قىلار

ھەم نامىڭنى ئۇلۇغلار ئۇلار.

10ئاجايىپ ئۇلۇغ مۆجىزىلەر ئىگىسىسەن،

بەرھەق، يالغۇز سەنلا خۇدادۇرسەن. [داۋامى]

« زەبۇر » 83- مۇناجات

18ئۇلار بىلسۇنكى، پەقەت پەرۋەردىگار

پۈتكۈل جاھاندا ئەڭ بۈيۈك تۇرار. [داۋامى]

تەۋرات، « مىسىردىن چىقىش » 20- باب

1خۇدا سۆز قىلىپ، مۇنداق دېدى:

2_ مەن سېنى قۇل بولۇپ ياشىغان مىسىردىن ئېلىپ چىققان پەرۋەردىگارىڭ خۇدادۇرمەن.

3ماڭىلا ئىبادەت قىل. مەندىن باشقا ھېچ قانداق ئىلاھىڭ بولمىسۇن.

4چوقۇنۇش ئۈچۈن، مەيلى ئاسماندىكى، يەردىكى، يەر ئاستىدىكى ياكى سۇدىكى ھەرقانداق نەرسىلەرنىڭ شەكلىدە بۇت ياسىما. [داۋامى]

ئىنجىل، « ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 12- باب

28ئۇلارنىڭ مۇنازىرىسىنى ئاڭلىغان ۋە ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۇلارغا ياخشى جاۋاب بەرگەنلىكىنى كۆرگەن بىر تەۋرات ئۇستازى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ:

_ پۈتۈن ئەمرلەرنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىمى قايسى؟ _ دەپ سورىدى.

29ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق جاۋاب بەردى:

_ ئەڭ مۇھىمى شۇكى، «ئاڭلىغىن ئەي ئىسرائىللار! پەرۋەردىگارىمىز بولغان خۇدا بىردىنبىر خۇدادۇر. 30پەرۋەردىگارىڭ بولغان خۇدانى پۈتۈن قەلبىڭ، پۈتۈن جېنىڭ، پۈتۈن زېھنىڭ ۋە پۈتۈن كۈچۈڭ بىلەن سۆيگىن.» [داۋامى]

ئىنجىل، « رىملىقلارغا يېزىلغان خەت » 3- باب

29سىلەر خۇدا پەقەت تەۋرات قانۇنىغا ئىگە بولغان يەھۇدىيلارنىلا قوبۇل قىلىدۇ، دەپ ئويلامسىلەر؟ ياق، ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس! ئۇ يەھۇدىي ئەمەسلەرنىمۇ قوبۇل قىلىدۇ. 30چۈنكى، خۇدا بىردۇر. ئۇ خەتنە قىلىنغان يەھۇدىيلارنى، شۇنداقلا خەتنە قىلىنمىغان يەھۇدىي ئەمەسلەرنىمۇ بىرلا يول بىلەن، يەنى ئۇلارنىڭ ئەيسا مەسىھكە بولغان ئېتىقادى بىلەن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلايدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « كورىنتلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت » 8- باب

4خوش، ئەمدى بۇتقا ئاتاپ نەزىر قىلىنغان گۆش مەسىلىسىگە كېلەيلى. بىزگە مەلۇمكى، كۆپ ئادەملەر چوقۇنۇۋاتقان بۇتلار خۇدا ئەمەستۇر. يېگانە خۇدادىن باشقا ئىلاھ يوقتۇر. 5گەرچە بەزىلەر دۇنيادا نۇرغۇن ئىلاھلار بار، ئۇلار زېمىن ۋە ئاسماندا ياشايدۇ دەپ قارىغان ھەمدە ئۇلارنى ئۆزىنىڭ خۇداسى ۋە رەببى دەپ ئېتىراپ قىلغان بولسىمۇ، 6بىراق بىز ئۈچۈن پەقەتلا يېگانە خۇدا، يەنى ئەرشتىكى خۇدائاتىمىزلا باردۇر. ئۇ پۈتكۈل مەۋجۇداتنىڭ ياراتقۇچىسىدۇر، بىز ئۇنىڭ ئۈچۈن ياشايمىز. شۇنىڭغا ئوخشاش، بىز ئۈچۈن يېگانە بىر رەب، يەنى رەببىمىز ئەيسا مەسىھ باردۇر. پۈتكۈل مەۋجۇدات ئۇ ئارقىلىق مەۋجۇتتۇر. بىزمۇ ئۇ ئارقىلىق يېڭى ھاياتقا ئىگە بولدۇق. [داۋامى]

ئىنجىل، « ياقۇپ يازغان خەت » 2- باب

19سەن خۇدانىڭ بىر ئىكەنلىكىگە ئىشەنسەڭلا كۇپايە قىلامدۇ؟ خۇدانىڭ بىر ئىكەنلىكىگە ھەتتا جىنلارمۇ ئىشىنىدۇ ھەم ئۇنىڭدىن قورقۇپ دىر-دىر تىترەيدۇ. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر