سوئال

« زەبۇر » 116- مۇناجات

1مەن سۆيىمەن پەرۋەردىگارنى،

چۈنكى ئۇ ئاڭلار نىدايىمنى،

ئاڭلار مېنىڭ ئۆتۈنۈشۈمنى.

2قۇلاق سالغاچ ئۇ ماڭا،

ئۆمۈرۋايەت نىدا قىلىمەن ئۇنىڭغا. [داۋامى]

خۇدا بۇ دۇنيادىكى ھەر بىر ئىنسانغا كۆڭۈل بۆلىدۇ

« زەبۇر » 139- مۇناجات

1ئى پەرۋەردىگار، كۆردۈڭ قەلبىمنى،

بىلدىڭ مېنى.

2بىلىسەن ئولتۇرۇپ-قوپۇشۇمنى،

چۈشىنىسەن يىراقتىنمۇ ئويلىرىمنى.

3كۆرۈپ تۇرىسەن يۈرۈش-تۇرۇشۇمنى،

ئېنىق ئۇقىسەن بارلىق ئىشلىرىمنى.

4ئى پەرۋەردىگار، بىلىسەن سۆزلىرىمنى،

ھەتتا ئېغىزىمدىن چىقارماستا ئۇلارنى.

5باردۇرسەن ئەتراپىمدا،

قويدۇڭ قولۇڭنى دولامغا.

6قۇدرىتىڭ ئەقلىمنى لال قىلار شۇنچە،

ئەقلىم يەتمەس بۇ سىرلارنى بىلىشكە.

7نەگىمۇ بارالايمەن مۆكۈپ يۈرۈپ روھىڭدىن،

نەگىمۇ كېتەلەيمەن قېچىپ چىقىپ قوينىڭدىن.

8ئاسمانغا چىقساممۇ بارسەن ئۇ يەردە،

لەھەتكە كىرسەممۇ بارسەن ئۇ يەردە.

9پەرۋاز قىلىپ قانىتىدا سەھەرنىڭ،

تۇتسام ماكان ئەڭ چېتىدە دېڭىزنىڭ.

10ئۇ يەردىمۇ يېتەكلەر قولۇڭ،

يۆلەر مېنى ئوڭ قولۇڭ. [داۋامى]

ئىنجىل، « مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 6- باب

5_ دۇئا قىلغان ۋاقتىڭلاردا، باشقىلارغا كۆز-كۆز قىلىش ئۈچۈن ئىبادەتخانا ياكى تۆت كوچا ئاغزىدا تۇرۇۋېلىپ دۇئا قىلىدىغان ساختىپەزلەردەك دۇئا قىلماڭلار. بىلىپ قويۇڭلاركى، ئۇلار شۇنداق قىلىپ باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىدىن باشقا ھېچقانداق ئىنئامغا ئېرىشەلمەيدۇ.

6دۇئا قىلغان ۋاقتىڭلاردا، ئۆيگە كىرىپ، ئىشىكنى يېپىپ، ئەرشتىكى كۆرۈنمەس ئاتاڭلارغا دۇئا قىلىڭلار. سەزدۈرمەستىن قىلىنغان بارلىق ئىشلارنى بىلىپ تۇرغۇچى ئەرشتىكى ئاتاڭلار جەزمەن سىلەرگە ئىنئام بېرىدۇ.

7دۇئا-تىلاۋەت قىلغاندا، بۇتپەرەسلەردەك قۇرۇق گەپلەرنى تەكرارلاۋەرمەڭلار. ئۇلار گەپنى تەكرارلاۋەرسەك خۇدا تەلىپىمىزنى ئىجابەت قىلىدۇ، دەپ ئويلىسا كېرەك. 8سىلەر ئۇلارنى دورىماڭلار. چۈنكى، ئەرشتىكى ئاتاڭلار سىلەرنىڭ ئېھتىياجىڭلارنى سىلەر تەلەپ قىلىشتىن ئاۋۋاللا بىلىدۇ. 9شۇنىڭ ئۈچۈن، مۇنداق دۇئا قىلىڭلار:

«ئى ئەرشتىكى ئاتىمىز،

سېنىڭ نامىڭ ئۇلۇغلانغاي.

10پادىشاھلىقىڭ يەر يۈزىدە نامايان بولغاي.

ئىرادەڭ ئەرشتىكىدەك يەر يۈزىدىمۇ ئەمەلگە ئاشۇرۇلغاي. [داۋامى]

ئىنجىل، « ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 11- باب

22ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا جاۋابەن مۇنداق دېدى:

_ خۇداغا ئىشىنىڭلار. 23بىلىپ قويۇڭلاركى، كىم بۇ تاغقا: «قوزغال، دېڭىزغا تاشلان!» دېسە ۋە كۆڭلىدە گۇمانلانماي، ئېيتقانلىرىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا ئىشەنچ قىلسا، ئۇنىڭ تەلىپى ئىجابەت بولىدۇ.

24شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەرگە ئېيتىمەنكى، دۇئا بىلەن تىلىگەن ھەرقانداق نەرسىگە ئېرىشتىم، دەپ ئىشىنىڭلار. شۇندا، تەلىپىڭلار ئىجابەت بولىدۇ.

25ئورنۇڭلاردىن تۇرۇپ دۇئا قىلغىنىڭلاردا، بىرەرسىگە قورساق كۆپۈكۈڭلار بارلىقى يادىڭلارغا كەلسە، ئۇنى كەچۈرۈڭلار. شۇ چاغدا، ئەرشتىكى ئاتاڭلارمۇ سىلەرنىڭ گۇناھلىرىڭلارنى كەچۈرۈم قىلىدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 18- باب

1ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىغا بوشاشماستىن، ھەمىشە دۇئا قىلىپ تۇرۇش كېرەكلىكى توغرىسىدا يەنە بىر تەمسىل سۆزلەپ بەردى:

2_ مەلۇم شەھەردە بىر قازى بار ئىكەن. ئۇ خۇدادىنمۇ قورقمايدىكەن، ئادەملەرنىمۇ ھۆرمەت قىلمايدىكەن. 3شۇ شەھەردىكى بىر تۇل ئايال ھەمىشە ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ: «بىرسى ماڭا ئۇۋال قىلدى، سىز ئادىل ھۆكۈم چىقىرىپ، ماڭا ئاتىدارچىلىق قىلسىڭىز» دەپ تەلەپ قىپتۇ. 4لېكىن، قازى بۇ ئىشنى بەك كەينىگە سۆرەۋېتىپتۇ، بىراق كېيىن ئىچىدە «مەن خۇدادىن قورقمايمەن، ئادەملەرنىمۇ ھۆرمەت قىلمايمەن، 5لېكىن، بۇ تۇل ئايال دائىم ئىشىكىم ئالدىدىن كەتمەي مېنى زېرىكتۈرۈۋەتتى. ئۇنىڭدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ھال-دەردىنى ئاڭلاپ، دەردىگە يەتكىنىم تۈزۈك ئوخشايدۇ» دەپ ئويلاپتۇ.

6رەببىمىز ئەيسا تەمسىلنى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى:

_ بۇ ئادالەتسىز قازىنىڭ سۆزلىرىدىن ساۋاق ئېلىڭلار. 7بىر ئادالەتسىز قازى شۇنداق قىلغان يەردە، خۇدا ئۆزىدىن كېچە-كۈندۈز ياردەم تىلىگەن بەندىلىرىنىڭ دەردىگە يەتمەسمۇ؟ ئۇلارغا قىلىدىغان شاپائىتىنى كېچىكتۈرەرمۇ؟ 8ياق! ئەكسىچە، خۇدا جەزمەن تېزدىن ئۇلارنىڭ ھالىغا يېتىدۇ. دەرۋەقە، ئىنسانئوغلى ئاسماندىن قايتىپ كەلگەندە، يەر يۈزىدىن ئۆزىگە ئىشىنىدىغانلارنى تاپالارمۇ؟ [داۋامى]

ئىنجىل، « لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 11- باب

9شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەر دۇئا قىلىپ تىلەڭلار، خۇدا تىلىگىنىڭلارنى بېرىدۇ. ئىزدەڭلار، تاپىسىلەر. ئىشىكنى قېقىڭلار، ئېچىلىدۇ. 10چۈنكى، تىلىگەنلەر چوقۇم ئېرىشىدۇ، ئىزدىگەنلەر چوقۇم تاپىدۇ، ئىشىكنى قاققانلارغا ئىشىك چوقۇم ئېچىلىدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « ھەزرىتى ئەيسا ئەلچىلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى » 17- باب

24پۈتكۈل دۇنيانى ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق مەۋجۇداتلارنى ياراتقان خۇدا پۈتۈن ئالەمنىڭ ئىگىسىدۇر. ئۇ ئىنسانلارنىڭ قولى بىلەن بىنا قىلىنغان بۇتخانىلاردا تۇرمايدۇ. 25ئۇنىڭ ئىنسانلارغا ھېچقانداق ھاجىتى چۈشمەيدۇ. ئەكسىچە، ئىنسانلارغا ھاياتلىق، نەپەس، شۇنداقلا ئۇلار ئېھتىياجلىق بولغان ھەرقانداق نەرسىنى ئاتا قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئېھتىياجلىرىنى قاندۇرىدۇ. 26ئۇ بىر ئادەمدىن پۈتكۈل مىللەتلەرنى ياراتتى، ئۇلارنى پۈتۈن يەر يۈزىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ گۈللىنىشى ۋە زاۋاللىققا يۈزلىنىشى ھەمدە تۇرىدىغان جايلىرىنى ئالدىن بەلگىلەپ بەردى. 27ئۇ: «ئىنسانلار مېنى ئىزدەپ تاپسۇن» دەپ، شۇنداق قىلدى. ئەمەلىيەتتە، ئۇ بىزلەردىن يىراق ئەمەس. [داۋامى]

ئىنجىل، « ياقۇپ يازغان خەت » 5- باب

13ئاراڭلاردا جاپا تارتىۋاتقان كىشى بار بولسا، ئۇ خۇداغا دۇئا قىلسۇن. خۇشال بولۇۋاتقان كىشى بار بولسا، ئۇ خۇداغا مەدھىيە ناخشىلىرىنى ئېيتسۇن. 14ئاغرىق-سىلاقلار بار بولسا، ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ يېتەكچىلىرىنى چاقىرتىپ كەلسۇن. ئۇلار رەببىمىزنىڭ نامى بىلەن بۇ ئاغرىقلارنىڭ بېشىغا ياغ سۈركەپ دۇئا قىلسۇن. 15رەببىمىز تولۇق ئىشەنچ بىلەن قىلىنغان دۇئا ئارقىلىق ئاغرىقنى ساقايتىدۇ ۋە ئۇنى ئورنىدىن تۇرغۇزىدۇ. ئەگەر بىمار گۇناھ قىلغان بولسا، كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. 16شۇڭا، شىپالىق تېپىش ئۈچۈن، ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىڭلارنى ئۆزئارا ئىقرار قىلىڭلار ۋە بىر-بىرىڭلار ئۈچۈن دۇئا قىلىڭلار. ھەققانىي ئادەمنىڭ دۇئاسى زور كۈچ ۋە ئۈنۈمگە ئىگىدۇر. 17ئىلياس پەيغەمبەرمۇ بىزگە ئوخشاش ئادەم ئىدى. ئۇ ئىسرائىلىيىدە يامغۇر ياغماسلىق ئۈچۈن ئىخلاس بىلەن دۇئا قىلغانىدى. نەتىجىدە، ئۈچ يېرىم يىل يامغۇر ياغمىدى. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر