سوئال

ئىنجىل، « مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 26- باب

26ئۇلار تاماق يېيىشىۋاتقاندا، ھەزرىتى ئەيسا بىر ناننى قولىغا ئېلىپ خۇداغا شۈكۈر ئېيتقاندىن كېيىن، ئۇنى ئوشتۇپ تۇرۇپ، شاگىرتلىرىغا ئۈلەشتۈرۈپ بەردى ۋە:

_ ئېلىڭلار، يەڭلار، بۇ مېنىڭ تېنىم، _ دېدى.

27ئاندىن، قولىغا بىر جام ئېلىپ خۇداغا شۈكۈر ئېيتقاندىن كېيىن، ئۇنى شاگىرتلىرىغا سۇنۇپ:

_ ھەممەيلەن بۇنىڭدىن ئىچىڭلار. 28بۇ مېنىڭ نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ گۇناھلىرىنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى ئۈچۈن تۆكۈلۈپ، خۇدانىڭ ئەھدىسىنى تۈزىدىغان قېنىمدۇر. 29شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، خۇدائاتامنىڭ پادىشاھلىقىدا سىلەر بىلەن بىرلىكتە يېڭىچە شارابتىن ئىچمىگۈچە، بۇنداق شارابنى ھەرگىز ئىچمەيمەن، _ دېدى. [داۋامى]

ئىنجىل، « مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 27- باب

23پىلاتۇس:

_ نېمىشقا؟ ئۇ زادى نېمە جىنايەت ئۆتكۈزۈپتۇ؟ _ دەپ سورىدى.

بىراق، ئۇلار تېخىمۇ قاتتىق ۋارقىرىشىپ:

_ ئۇنى كرېستكە مىخلىتىڭ! _ دەپ تۇرۇۋېلىشتى. 24پىلاتۇس يەنە سۆزلەشنىڭ ئەھمىيەتسىز ئىكەنلىكىنى، بولمىسا قالايمىقانچىلىق چىقىدىغانلىقىنى كۆرۈپ، سۇ ئېلىپ، كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا قولىنى يۇغاچ:

_ بۇ ئادەمنىڭ قېنىغا مەن جاۋابكار ئەمەس، بۇ ئىشقا ئۆزۈڭلار مەسئۇل بولۇڭلار! _ دېدى.

25پۈتۈن خەلق بىر ئېغىزدىن:

_ ئۇنىڭ قېنىنىڭ جاۋابكارلىقى بىزنىڭ ۋە بالىلىرىمىزنىڭ ئۈستىدە بولسۇن! _ دېيىشتى.

26بۇنىڭ بىلەن، پىلاتۇس بارابباسنى ئۇلارغا چىقىرىپ بەردى. ھەزرىتى ئەيسانى بولسا قامچىلاتقاندىن كېيىن، كرېستكە مىخلاش ئۈچۈن لەشكەرلىرىگە تاپشۇردى. [داۋامى]

ئىنجىل، « يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 19- باب

16بۇنىڭ بىلەن، ھەزرىتى ئەيسا ۋالىي پىلاتۇسنىڭ بۇيرۇقى بىلەن كرېستكە مىخلىنىشقا تاپشۇرۇلدى.

17لەشكەرلەر ھەزرىتى ئەيسانى ئېلىپ ماڭدى. ئۇ ئۆز كرېستىنى دۈمبىسىگە ئارتىپ، «باش سۆڭەك» (ئارامىي تىلىدا «گولگوتا») دېگەن يەرگە باردى. 18ئۇلار ئۇنى شۇ يەردە كرېستكە مىخلاپ، كرېستنى تىكلىدى. ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئىككى تەرىپىدە يەنە ئىككى جىنايەتچى بار بولۇپ، ئۇلارمۇ ئۇنىڭ بىلەن تەڭ مىخلاندى. ھەزرىتى ئەيسانىڭ كرېستى ئىككى جىنايەتچىنىڭ ئوتتۇرىسىغا تىكلەنگەنىدى. [داۋامى]

ئىنجىل، « يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 19- باب

33لېكىن، ھەزرىتى ئەيساغا كەلگەندە، ئۇنىڭ ئاللىقاچان ئۆلگەنلىكىنى كۆردى، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ پۇتىنى چاقمىدى. 34بىراق، لەشكەرلەردىن بىرى ئۇنىڭ بىقىنىغا نەيزىسىنى سانجىۋىدى، شۇئان قان ۋە سۇ ئېقىپ چىقتى.

35سىلەرنى ئىشەنسۇن دەپ، بۇنى كۆرگۈچى گۇۋاھلىق بەردى. ئۇنىڭ گۇۋاھلىقى ھەقتۇر. كۆرگۈچى ئۆزىنىڭ ئېيتقانلىرىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. 36-37بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى مۇقەددەس يازمىلاردا: «ئۇنىڭ بىر تال سۆڭىكىمۇ سۇنمايدۇ» ۋە «ئۇلار ئۆزلىرى نەيزە سانجىغان ئادەمگە قارىشىپ قالىدۇ» دەپ ئالدىن ئېيتىلغانلارنى ئەمەلگە ئاشۇردى. [داۋامى]

ئىنجىل، « رىملىقلارغا يېزىلغان خەت » 5- باب

6بىز گۇناھتىن قۇتۇلۇشقا ئامالسىز قالغاندا، ئەيسا مەسىھ بىز گۇناھكارلار ئۈچۈن خۇدا بەلگىلىگەن ۋاقىتتا ئۆزىنى پىدا قىلدى. 7دۇرۇس ئادەم ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىدىغانلارنىڭ تېپىلىشى ناتايىن. لېكىن، ئالاھىدە ياخشى ئادەملەر ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىدىغانلارنىڭ تېپىلىشى مۇمكىن. 8ئەيسا مەسىھ بىز تېخى گۇناھكار ۋاقتىمىزدىلا، بىز ئۈچۈن ئۆز جېنىنى پىدا قىلدى. مانا بۇ ئارقىلىق خۇدا ئۆزىنىڭ بىزگە بولغان مېھىر-مۇھەببىتىنى ئىسپاتلىدى. [داۋامى]

ئىنجىل، « ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت » 9- باب

28شۇنىڭدەك، ئەيسا مەسىھمۇ نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ گۇناھلىرىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىش ئۈچۈن، بىرلا قېتىم قۇربان بولدى. ئۇ قايتا كەلگەندە، ئىنسانلارنىڭ گۇناھلىرىنىڭ بەدىلىگە قۇربان بولۇش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۆزىنى كۈتكەنلەرنى ئۈزۈل-كېسىل قۇتقۇزۇش ئۈچۈن كېلىدۇ. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر