سوئال

تەۋرات، « مالاكى » 4- باب

1قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار شۇنداق دەيدۇكى: «بىر كۈن كېلىدۇكى، ئۇ كۈن خۇددى تونۇردىكى لاۋۇلداپ كۆيۈۋاتقان ئوتتەك بولىدۇ. شۇ كۈنى تەكەببۇرلار ۋە يامانلىق قىلغۇچىلار پاخالدەك كۆيدۈرۈپ تاشلىنىدۇ. ئۇلاردىن نە يىلتىز، نە شاخ-شۇمبىغىچە ھېچ نەرسە قالمايدۇ». [داۋامى]

ئىنجىل، « ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 13- باب

21ئەگەر ئۇ چاغدا بىرى سىلەرگە: «قاراڭلار، قۇتقۇزغۇچى _ مەسىھ بۇ يەردە!» ياكى «قاراڭلار، مەسىھ ئەنە ئۇ يەردە!» دېسە، ئىشەنمەڭلار. 22چۈنكى، ساختا مەسىھلەر، ساختا پەيغەمبەرلەر مەيدانغا كېلىدۇ. ئەگەر مۇمكىن بولسىدى، ئۇلار خۇدا تاللىغانلارنى مۆجىزىلەر ۋە كارامەتلەر بىلەن ئازدۇرغان بولاتتى. 23شۇنىڭ ئۈچۈن، ھوشيار بولۇڭلار. مەن بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئېيتىش بىلەن، سىلەرنى ئالدىنئالا ئاگاھلاندۇرۇپ قويدۇم.

24_ ئۇ كۈنلەردىكى بالايىئاپەتلەر ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن،

«قۇياش قارىيىپ،

ئاي يورۇقلۇق بەرمەس،

25يۇلتۇزلار ئاسماندىن تۆكۈلۈپ،

ئاسمان جىسىملىرى لەرزىگە كېلەر.»

26ئۇ چاغدا، كىشىلەر ئىنسانئوغلىنىڭ زور كۈچ-قۇدرەت ۋە شان-شەرەپ بىلەن بۇلۇتلار ئىچىدە كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ. 27ئىنسانئوغلى پەرىشتىلىرىنى ئەۋەتىپ، ئۆزى تاللىغان كىشىلەرنى ئالەمنىڭ بىر چېتىدىن يەنە بىر چېتىگىچە، دۇنيانىڭ تۆت بۇلۇڭىدىن يىغىپ بىر يەرگە جەم قىلىدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 21- باب

25_ مەن كېلىشتىن بۇرۇن، قۇياش، ئاي، يۇلتۇزلار غەيرىي تۈس ئالىدۇ. يەر يۈزىدىكى ئەللەر دېڭىز-ئوكيانلارنىڭ غەزەپلىك شاۋقۇنىدىن ئالاقزادە بولىدۇ. 26ئاسمان جىسىملىرى لەرزىگە كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن، ئىنسانلار دۇنياغا كېلىدىغان ئاپەتلەرنى ئېسىگە ئېلىپ، ۋەھىمە ئىچىدە غال-غال تىترەپ ئەس-ھوشىنى يوقىتىدۇ. 27ئۇ چاغدا، ئىنسانئوغلىنىڭ كۈچ-قۇدرەت ۋە ئۇلۇغ شان-شەرەپ بىلەن بۇلۇت ئىچىدە كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرىسىلەر.

28شۇڭا، بۇنداق ئالامەتلەر كۆرۈنگەن چاغدا، سىلەر بېشىڭلارنى كۆتۈرۈپ قەددىڭلارنى رۇسلاڭلار، چۈنكى بۇ، سىلەرنىڭ قۇتقۇزۇلۇشۇڭلارغا ئاز قالدى دېگەنلىكتۇر. [داۋامى]

ئىنجىل، « لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 21- باب

7ئۇلار ھەزرىتى ئەيسادىن:

_ ئۇستاز، بۇ دېگەنلىرىڭىز قاچان يۈز بېرىدۇ؟ بۇلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان قانداق بېشارەت بولىدۇ؟ _ دەپ سورىدى.

8ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى:

_ ئازدۇرۇلۇپ كېتىشتىن ھوشيار بولۇڭلار. چۈنكى، نۇرغۇن كىشىلەر مېنىڭ نامىمنى سېتىپ: «قۇتقۇزغۇچى _ مەسىھ مەن بولىمەن!» ۋە «قىيامەت كۈنى يېقىنلاپ قالدى!» دەيدۇ. سىلەر ئۇنداق كىشىلەرگە ئەگەشمەڭلار. 9ئۇرۇش ۋە توپىلاڭنىڭ تىۋىشىنى ئاڭلىغان ۋاقتىڭلاردىمۇ قورقۇپ كەتمەڭلار. چۈنكى، بۇ ئىشلارنىڭ دەسلەپتە يۈز بېرىشى مۇقەررەر. لېكىن، بۇ زامان ئاخىرى يېتىپ كەلدى، دېگەنلىك ئەمەس.

10ھەزرىتى ئەيسا سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ يەنە مۇنداق دېدى:

_ بىر مىللەت يەنە بىر مىللەت بىلەن ئۇرۇش قىلىدۇ. بىر دۆلەت يەنە بىر دۆلەتكە ھۇجۇم قىلىدۇ. 11شىددەتلىك يەر تەۋرەشلەر، ئاچارچىلىقلار يۈز بېرىدۇ، يۇقۇملۇق كېسەللەر تارقىلىدۇ ۋە ئاسماندا قورقۇنچلۇق ئالامەتلەر كۆرۈنىدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « ھەزرىتى ئەيسا ئەلچىلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى » 1- باب

9ھەزرىتى ئەيسا بۇ سۆزلەرنى قىلىپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدىلا ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى. بىر پارچە بۇلۇتنىڭ ئورىۋېلىشى بىلەن، ئۇ كۆپچىلىكنىڭ نەزىرىدىن غايىب بولدى.

10ئۇ ئاسمانغا كۆتۈرۈلگەندە، ئەلچىلەر كۆزلىرىنى كۆككە تىكىپ قارىشىپ قالدى، توساتتىن ئۇلارنىڭ يېنىدا ئاق كىيىم كىيگەن، ئادەم قىياپىتىدىكى ئىككى پەرىشتە پەيدا بولۇپ:

11_ ئەي جەلىلىيىلىكلەر، نېمىشقا بۇ يەردە ئاسمانغا قاراپ تۇرىسىلەر؟! ھەزرىتى ئەيسا ئەرشكە چىقىپ كەتتى. بىراق، ئۇ قانداق كۆتۈرۈلگەن بولسا، كەلگۈسىدە يەنە شۇنداق قايتىپ كېلىدۇ، _ دېدى. [داۋامى]

ئىنجىل، « ھەزرىتى ئەيسا ئەلچىلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى » 2- باب

19-20سوراق قىلىدىغان ئۇلۇغ كۈن كېلىشتىن بۇرۇن، كۆكتە كارامەت كۆرسىتىمەن، يەر يۈزىدىمۇ مۆجىزىلەرنى يارىتىمەن.

يەردە قان، ئوت ۋە قاپقارا ئىس-تۈتەكلەر كۆرۈنىدۇ، كۆكتە قۇياش نۇرى قاراڭغۇلۇققا چۆكۈپ، ئايمۇ قان رەڭگىگە كىرىدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « سالونىكالىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت » 5- باب

1قېرىنداشلار، سىلەرگە بۇ ئىشلارنىڭ قاچان يۈز بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا يېزىشىم ھاجەتسىز. 2چۈنكى، سىلەرمۇ ياخشى بىلىسىلەر، رەببىمىزنىڭ قايتا كېلىدىغان كۈنى خۇددى كېچىدىكى ئوغرىنىڭ كېلىشىگە ئوخشاش تۇيۇقسىز كېلىدۇ. 3كىشىلەر «دۇنيا تىنچ-ئامان» دەپ تۇرغاندا، تاسادىپىي ئۇلارغا ھالاكەت كېلىدۇ. بۇ خۇددى ھامىلىدار ئايالنىڭ تولغىقى ئۇشتۇمتۇت تۇتقىنىغا ئوخشاش بولۇپ، ئۇنىڭدىن قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « پېترۇس يازغان ئىككىنچى خەت » 3- باب

10لېكىن، رەببىمىز ئەيسا چوقۇم قايتىپ كېلىدۇ. بۇ كۈننىڭ كېلىشى خۇددى ئوغرىنىڭ كېلىشىدەك كۈتۈلمىگەن ۋاقىتتا بولىدۇ. ئۇ كۈنى پۈتۈن ئاسمان قاتتىق گۈلدۈرلىگەن ئاۋاز بىلەن غايىب بولىدۇ. ئاسمان جىسىملىرى كۆيۈپ تۈگەيدۇ. زېمىن ۋە ئۇنىڭدىكى پۈتكۈل نەرسىلەرمۇ كۆيۈپ گۇمران بولىدۇ. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر