سوئال

« زەبۇر » 34- مۇناجات

12كىمكى ئىستىسە ھاياتتىن زوقلىنىشنى،

بەختلىك ياشاپ، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشنى،

13تارتسۇن تىلىنى يامان سۆزدىن،

چىقمىسۇن يالغان سۆزلەر لەۋلىرىدىن.

14يامانلىقتىن باش تارتىپ، قىلسۇن ياخشىلىق،

ئىزدىسۇن تىنچ-ئامانلىق. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 16- باب

28جېدەل-ماجىرانى كېڭەيتەر ھىيلىگەرنىڭ سۆزى،

بىر-بىرىدىن ئايرىۋېتەر غەيۋەت يېقىن دوستلارنى. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 10- باب

18ئۆچمەنلىكىنى يوشۇرغۇچىنىڭ سۆزى يالغان.

ئەخمەقتۇر باشقىلارغا تۆھمەت چاپلىغان.

19گۇناھتىن خالىي بولماس كۆپ سۆزلەيدىغان،

دانادۇر تىلىنى تارتقان. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 12- باب

22پەرۋەردىگار يىرگىنەر يالغان سۆزلەردىن،

خۇرسەن بولار سۆز-ھەرىكىتى سەمىمىي بولغانلاردىن. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 4- باب

24بىر ئېغىزمۇ ئەگرى گەپ قىلما.

تىلىڭنى ھىيلىگەرلىكتىن ساقلا. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 20- باب

19پىتنىخور ئاشكارىلار سىرنى،

ۋالاقتەگكۈردىن قاچۇر ئۆزۈڭنى. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 11- باب

12ئەقىلسىز كەمسىتەر يېقىنىنى،

سۈكۈت قىلار ئەقىل ئىگىسى.

13چېقىمچى ئاشكارىلار مەخپىيەتلىكنى،

ئىشەنچلىك كىشى چىڭ ساقلار سىرنى. [داۋامى]

ئىنجىل، « ئەفەسلىكلەرگە يېزىلغان خەت » 4- باب

29ئاغزىڭلاردىن ھەرگىز يامان سۆزلەر چىقمىسۇن. ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ، ئۇلارغا پايدىلىق بولسۇن دەپ، مېھىر-شەپقەتلىك سۆزلەرنى قىلىڭلار. [داۋامى]

ئىنجىل، « ياقۇپ يازغان خەت » 1- باب

26ئۆزىنى خۇداغا ئىخلاسمەن ئادەم دەپ قارىغان، لېكىن تىلىنى تىزگىنلىمىگەن كىشى ئۆزىنى ئۆزى ئالدايدۇ. بۇنداق ئىخلاسمەنلىكنىڭ قىلچە قىممىتى يوقتۇر. [داۋامى]

ئىنجىل، « پېترۇس يازغان بىرىنچى خەت » 3- باب

10خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك:

«ھاياتنى سۆيۈپ، ياخشى كۈن كەچۈرۈشنى خالايدىغانلار

تىلىنى يامانلىقتىن، ئاغزىنى ھىيلە-مىكىرلىك سۆزلەردىن يىراق تۇتسۇن.

11يامانلىقنى تاشلاپ، ياخشى ئىشلارنى قىلسۇن،

ھەممەيلەن بىلەن ئىناق ياشاشقا تىرىشسۇن. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر