سوئال

ئىنجىل، « مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 5- باب

27_ سىلەر «زىنا قىلماڭلار» دېگەن تەلىمنى ئاڭلىغان. 28لېكىن شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، بىرەر ئايالغا شەھۋانىي كۆزى بىلەن قارىغان كىشى كۆڭلىدە ئۇ ئايال بىلەن زىنا قىلغان بولىدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 6- باب

22كۆز تەننىڭ چىرىغىدۇر. ئەگەر كۆزۈڭلار ياخشى بولسا، يەنى كۆزۈڭلار خۇدادا بولسا، پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭلار يورۇقلۇق بىلەن تولىدۇ. 23ئەگەر كۆزۈڭلار يامان بولسا پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭلارنى قاراڭغۇلۇق باسىدۇ. ئەگەر ھاياتىڭلاردىكى «يورۇقلۇق» ئەمەلىيەتتە قاراڭغۇلۇق بولسا، ئۇ قاراڭغۇلۇق نېمىدېگەن قورقۇنچلۇق-ھە! [داۋامى]

ئىنجىل، « گالاتىيالىقلارغا يېزىلغان خەت » 5- باب

19ئىنساننىڭ گۇناھكار تەبىئىتىگە باش ئېگىشى جىنسىي ئەخلاقسىزلىق، ناپاكلىق، شەھۋانىيلىق، 20بۇتپەرەسلىك، سېھىرگەرلىك، ئۆچمەنلىك، ئۇرۇشقاقلىق، قىزغانچۇقلۇق، غەزەپلىنىش، شەخسىيەتچىلىك، بۆلگۈنچىلىك، گۇرۇھۋازلىق، 21ھەسەتخورلۇق، ھاراقكەشلىك، ئەيش-ئىشرەت قاتارلىق گۇناھلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇرۇنقىدەك يەنە بىر قېتىم ئاگاھلاندۇرىمەنكى، بۇ ئىشلارنى قىلغۇچىلارغا خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدا ئۇرۇن يوق. [داۋامى]

ھاياتنىڭ ئۆزگىرىشى

ئىنجىل، « ئەفەسلىكلەرگە يېزىلغان خەت » 4- باب

22ئۇنداقتا، خۇددى كونا كىيىمىڭلارنى تاشلىۋەتكەندەك، بۇرۇنقى رەزىل تۇرمۇش ئادەتلىرىڭلارنى كونا تەبىئىتىڭلار بىلەن بىرگە تاشلىۋېتىڭلار. چۈنكى، ئۇ تەبىئەت سىلەرنى ئازدۇرىدىغان چاكىنا ھەۋەسلەر بىلەن چىرىپ كەتكەن. 23روھىڭلار ۋە ئوي-پىكرىڭلارمۇ يېڭىلانسۇن. 24يېڭى تەبىئەتنى ئۆزۈڭلارغا ئۆزلەشتۈرۈڭلار. بۇ يېڭى تەبىئەت خۇدانىڭ تەبىئىتىگە ماس بولۇپ، ئۇ ھەققانىيلىق ۋە ھەققىقىي پاكلىقتا ئىپادىلىنىدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « فىلىپىلىكلەرگە يېزىلغان خەت » 4- باب

8قېرىنداشلىرىم، سۆزۈمنىڭ ئاخىرىدا شۇنى ئېيتىمەنكى، ھەقىقىي، ماختاشقا ئەرزىيدىغان، ئادىل، پاك، گۈزەل، شەرەپلىك، ئەخلاق-پەزىلەتلىك ۋە مەدھىيىلەشكە سازاۋەر ھەرقانداق ئىشلارغا كۆڭۈل قويۇڭلار. [داۋامى]

ئىنجىل، « كولوسىلىقلارغا يېزىلغان خەت » 3- باب

5شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۆزۈڭلاردىكى بۇ دۇنياغا خاس ئارزۇ-ھەۋەسلەرنى، يەنى جىنسىي ئەخلاقسىزلىق، ناپاكلىق، شەھۋانىيلىق، رەزىل ھەۋەس ۋە ئاچكۆزلۈكلەرنى تاشلاڭلار. ئاچكۆزلۈك بۇتپەرەسلىكتىن پەرقلەنمەيدۇ. 6خۇدانىڭ غەزىپى مۇشۇنداق ئىشلارنى قىلغۇچىلارنىڭ بېشىغا چۈشىدۇ. 7بۇرۇن سىلەرمۇ بۇنداق ئارزۇ-ھەۋەسلەر ئىچىدە ياشاپ، رەزىل تۇرمۇش كەچۈرگەنىدىڭلار. [داۋامى]

ئىنجىل، « سالونىكالىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت » 4- باب

3خۇدانىڭ ئىرادىسى شۇكى، پاك بولۇڭلار ۋە جىنسىي ئەخلاقسىزلىقتىن ساقلىنىڭلار؛ 4-5ھەربىرىڭلار خۇدانى تونۇمايدىغان ئادەملەردەك شەھۋانىي ھەۋەسلەرگە بېرىلمەي، بەلكى تېنىڭلاردىكى بۇ ھەۋەسلەرنى باشقۇرۇپ، پاك ۋە ئىززەت-ھۆرمىتىڭلار بىلەن ھايات كەچۈرۈڭلار. [داۋامى]

ئىنجىل، « يۇھاننا يازغان بىرىنچى خەت » 2- باب

16چۈنكى، بۇ دۇنيادىكى ئىشلار، يەنى جىسمانىي ھەۋەس، ئاچكۆزلۈك ۋە مەغرۇرلۇققا ئوخشاشلارنىڭ ھەممىسى بۇ دۇنياغا مەنسۇپ بولۇپ، ئۇلار ھەرگىزمۇ ئەرشتىكى ئاتىمىزدىن كەلگەن ئەمەس. [داۋامى]

ئىنجىل، « يۇھاننا يازغان بىرىنچى خەت » 1- باب

8گۇناھىمىز يوق دېسەك، ئۆز-ئۆزىمىزنى ئالدىغان بولىمىز ۋە ھەقىقەت قەلبىمىزدىن ئورۇن ئالمىغان بولىدۇ. 9گۇناھلىرىمىزنى ئىقرار قىلساق، ئىشەنچلىك ۋە ئادىل خۇدا گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرۈم قىلىپ، بىزنى بارلىق گۇناھلىرىمىزدىن پاك قىلىدۇ. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر