سوئال

خۇدا زىنا توغرىسىدا نېمە دەيدۇ

تەۋرات، « مىسىردىن چىقىش » 20- باب

14زىنا قىلما. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 6- باب

25بېرىلىپ كەتمە ئۇنىڭ گۈزەللىكىگە،

ئەسىر بولۇپ كەتمە قاش-كۆز ئوينىتىشىغا.

26نان ھەققى يېتەر پاھىشە ئايالغا،

ئۆزگىنىڭ خوتۇنى ئەزىز جېنىڭنى ئالار قارىغا.

27كىيىمى كۆيمەمدۇ ئېتىكىگە چوغ سالغۇچىنىڭ؟

28پۇتى كۆيمەمدۇ چوغ ئۈستىدە ماڭغۇچىنىڭ؟

29ئوخشاشتۇر ئۆزگىنىڭ خوتۇنى بىلەن زىنا قىلغۇچىنىڭ ئاقىۋىتى،

قۇتۇلالماس جازادىن ئۇنىڭ بىلەن بىر ئورۇندا ياتسا كىمكى. [داۋامى]

ئىنجىل، « مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 5- باب

27_ سىلەر «زىنا قىلماڭلار» دېگەن تەلىمنى ئاڭلىغان. 28لېكىن شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، بىرەر ئايالغا شەھۋانىي كۆزى بىلەن قارىغان كىشى كۆڭلىدە ئۇ ئايال بىلەن زىنا قىلغان بولىدۇ. [داۋامى]

پەقەت بىرلا سەۋەبدىن ئاجرىشىپ كېتىشقا يول قويۇلىدۇ

ئىنجىل، « مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 19- باب

9بىلىپ قويۇڭلاركى، ئايالىنى جىنسىي ئەخلاقسىزلىقتىن باشقا بىرەر سەۋەب بىلەن تالاق قىلىپ، باشقا بىرىنى ئەمرىگە ئالغان كىشى زىنا قىلغان بولىدۇ. [داۋامى]

كەچۈرۈۋېتىش

ئىنجىل، « لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 6- باب

37_ باشقىلارنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلىپ يۈرمەڭلار. سىلەرمۇ خۇدانىڭ ھۆكۈمىگە ئۇچرىمايسىلەر. باشقىلارنى ئەيىبلىمەڭلار، خۇدامۇ سىلەرنى ئەيىبلىمەيدۇ. باشقىلارنى كەچۈرۈڭلار، خۇدامۇ سىلەرنى كەچۈرۈم قىلىدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 17- باب

4مۇبادا ئۇ بىر كۈن ئىچىدە سىلەرگە يەتتە قېتىم گۇناھ سادىر قىلىپ، ھەر قېتىم كېلىپ توۋا قىلسا، گۇناھلىرىنىڭ ھەممىسىنى كەچۈرۈم قىلىڭلار. [داۋامى]

ئىنجىل، « ئەفەسلىكلەرگە يېزىلغان خەت » 4- باب

31بارلىق ئاداۋەت تۇتۇش، ئاچچىقلىنىش، غەزەپلىنىش، جېدەللىشىش، تۆھمەت قىلىشتىن ئىبارەت ئىللەتلەردىن ۋە ھەر خىل يامانلىقلاردىن يىراق تۇرۇڭلار. 32بىر-بىرىڭلارغا مېھرىبان، مۇلايىم بولۇڭلار. خۇدا سىلەرنى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق كەچۈرگىنىدەك، سىلەرمۇ بىر-بىرىڭلارنى كەچۈرۈڭلار. [داۋامى]

ئىنجىل، « ئەفەسلىكلەرگە يېزىلغان خەت » 4- باب

2سىلەر ھەمىشە كەمتەر، مۇلايىم، سەۋرچان بولۇپ، مېھىر-مۇھەببىتىڭلار بىلەن بىر-بىرىڭلارغا كەڭ قورساق بولۇڭلار. 3بىر-بىرىڭلار بىلەن ئىناق ئۆتۈش ئارقىلىق مۇقەددەس روھنىڭ ئېتىقادچىلارغا بەرگەن بىرلىكىنى ساقلاشقا تىرىشىڭلار. [داۋامى]

ئىنجىل، « كولوسىلىقلارغا يېزىلغان خەت » 3- باب

13بىر-بىرىڭلارغا كەڭ قورساق بولۇڭلار. ئەگەر ئاراڭلاردا بىركىم سىلەرنىڭ كۆڭلۈڭلارنى ئاغرىتقان بولسا، ئۇنى كەچۈرۈڭلار. رەببىمىز سىلەرنى كەچۈرگىنىدەك، سىلەرمۇ باشقىلارنى كەچۈرۈڭلار. 14ئەڭ مۇھىمى، مېھىر-مۇھەببەتلىك بولۇڭلار. چۈنكى، مېھىر-مۇھەببەت بىر-بىرىمىزنى باغلاپ، مۇكەممەل ئىناقلىققا باشلايدۇ. [داۋامى]

خۇدا زىنا توغرىسىدا نېمە دەيدۇ

ئىنجىل، « ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت » 13- باب

4ھەممە ئادەم نىكاھقا ھۆرمەت قىلسۇن. ئەر-خوتۇن بىر-بىرىگە سادىق بولسۇن. چۈنكى، خۇدا نىكاھسىز جىنسىي مۇناسىۋەتتە بولغانلار ۋە جورىسىغا سادىق بولمىغانلاردىن ھېساب ئالىدۇ. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر