سوئال

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 13- باب

24ئوغلىدىن تاياقنى ئايىسا، ئۇنى ئۆچ كۆرگەنلىك بولار،

ئوغلىنى سۆيسە، دەل ۋاقتىدا ئۇنىڭغا تەربىيە قىلار. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 19- باب

18پەرزەنتىڭگە بەر تۈزىتىش تەربىيىسى ئۈمىد بار ۋاقتىدا،

لېكىن غەزىپىڭ كەلگىنىدە ئۇنى نابۇت قىلما. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 29- باب

15تاياق ۋە تەنبىھ ئەقىل تاپقۇزار بالىغا،

ئۆز مەيلىگە قويۇپ بېرىلگەن بالا ئۇيات كەلتۈرەر ئانىسىغا.

16ناھەقلىق كۆپىيەر ھوقۇق تۇتسا يامانلار،

ئۇلارنىڭ يىقىلغىنىنى كۆرەر ھەققانىيلار.

17ئوغلۇڭنى تەربىيىلىسەڭ، ئارام تاپقۇزار ئۇ سېنى،

سۆيۈندۈرەر ھەم كۆڭلۈڭنى. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 23- باب

13بالاڭدىن تۈزىتىش تەربىيىسىنى ئايىما،

ئۇ ئۆلۈپ قالماس تاياق بىلەن سالغانغا.

14گەر ئۇرساڭ تاياق بىلەن ئۇنى،

ساقلاپ قالارسەن ئەجەلدىن ئۇنىڭ جېنىنى. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 22- باب

6تەربىيىلە بالاڭنى توغرا يولدا مېڭىشقا،

چوڭ بولغاندىمۇ شۇ يولدىن چىقماس ئۇ شۇندا. [داۋامى]

ئىنجىل، « ئەفەسلىكلەرگە يېزىلغان خەت » 6- باب

4ئەي ئاتىلار، پەرزەنتلىرىڭلارنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ، ئۆچمەنلىك پەيدا قىلماڭلار. ئۇلارنى رەببىمىزنىڭ تەلىمى بويىچە تەربىيىلەڭلار. [داۋامى]

ئىنجىل، « كولوسىلىقلارغا يېزىلغان خەت » 3- باب

20ئەي بالىلار، ھەرقانداق ئىشتا ئاتا-ئاناڭلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار. چۈنكى بۇ، رەببىمىزنى خۇرسەن قىلىدۇ. 21ئەي ئاتىلار، پەرزەنتلىرىڭلارغا بولغان مۇئامىلىدە ئۇلارنىڭ نەپرىتىنى قوزغاپ قويماڭلار. ئۇنداق قىلساڭلار پەرزەنتىڭلار چۈشكۈنلىشىپ كېتىدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت » 12- باب

11قاتتىق تەربىيە بىلەن تۈزىتىلگەن ئادەم تۈزىتىش بېرىلگەن ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە خۇشال بولمايدۇ، كۆڭلى بۇزۇلىدۇ. بىراق، كېيىن ئۇ بۇنداق تۈزىتىش بىلەن تاۋلىنىپ، ئامانلىق ۋە ھەققانىيلىق يولىدا ماڭىدۇ. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر