سوئال

خۇدانىڭ ئەر-ئايالنىڭ توي قىلىشىغا بولغان كۆز قارىشى

ئىنجىل، « مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 19- باب

3ھەزرىتى ئەيسانىڭ يېنىغا كەلگەن بەزى پەرىسىيلەر ئۇنىڭغا تۇزاق قۇرۇش مەقسىتىدە ئۇنىڭدىن:

_ بىر ئادەمنىڭ ھەرقانداق بىر سەۋەب بىلەن ئايالىنى تالاق قىلىشى تەۋرات قانۇنىغا ئۇيغۇنمۇ؟ _ دەپ سورىدى.

4ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق جاۋاب قايتۇردى:

_ تەۋراتنى ئوقۇمىدىڭلارمۇ؟ ياراتقۇچى بۇرۇنلا ئىنسانلارنىڭ بىر گەۋدە بولۇشى ئۈچۈن، ئۇلارنى «ئەر ۋە ئايال قىلىپ ياراتتى» ۋە 5«بىر ئادەمنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ، ئايالى بىلەن بىرلىشىپ بىر تەن بولۇشى ئەنە شۇ سەۋەبتىندۇر» دېدى. 6شۇنداق ئىكەن، ئەر-ئايال ئەمدى ئىككى تەن ئەمەس، بىر تەندۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن، خۇدا قوشقاننى ئىنسان ئايرىمىسۇن. [داۋامى]

توي قىلىش، قىلماسلىق گۇناھ ئەمەس، لېكىن بويتاقلار ئۆز پاكلىقىنى ساقلاش كېرەك

ئىنجىل، « كورىنتلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت » 7- باب

8ئەمدى جورىسى ئۆلۈپ كەتكەن ئەر ۋە ئاياللارغا كەلسەك، سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، سىلەرنىڭ ماڭا ئوخشاش توي قىلماي ياشىغىنىڭلارنى ياخشى دەيمەن. 9لېكىن، ئۆزۈڭلارنى تۇتۇۋالالمىساڭلار، نىكاھلىنىڭلار. چۈنكى، شەھۋەت ئوتىدا كۆيگەندىن كۆرە، نىكاھلىق بولغان ياخشىدۇر. [داۋامى]

ئىنجىل، « كورىنتلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت » 7- باب

27ئۆيلەنگەن بولساڭ، ئايالىڭنى قويۇۋېتىشنى ئويلىما. ئۆيلەنمىگەن بولساڭ، ئۆيلىنىمەن دېمە. 28لېكىن، ئۆيلەنسەڭمۇ گۇناھ قىلغان بولمايسەن. بويىغا يەتكەن قىزلارمۇ ئەرگە تەگسە، گۇناھ قىلغان بولمايدۇ. بىراق، نىكاھلىق بولغانلارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشتا خىلمۇخىل قىيىنچىلىقلىرى بولىدۇ. مەن سىلەرنىڭ بۇ قىيىنچىلىقلاردىن ساقلىنىشىڭلارنى خالايمەن. [داۋامى]

ئىنجىل، « كورىنتلىقلارغا يېزىلغان بىرىنچى خەت » 7- باب

32غەمسىز بولۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. ئۆيلەنمىگەن ئەر رەببىمىزنى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن، رەببىمىزنىڭ ئىشلىرىنىڭ غېمىنى قىلىدۇ. 33لېكىن، ئۆيلەنگەن ئەر ئايالىنى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن، بۇ دۇنيانىڭ ئىشلىرىنىڭ غېمىنى قىلىدۇ. 34شۇنىڭ بىلەن، ئۇنىڭ كۆڭلى ئىككىگە بۆلۈنۈپ كېتىدۇ. ئەرسىز ئايال ياكى نىكاھلىق بولمىغان قىز بولسا جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتە ئۆزىنى خۇداغا ئاتاش مەقسىتىدە رەببىمىزنىڭ ئىشلىرىنىڭ غېمىنى قىلىدۇ. لېكىن، نىكاھلانغان ئايال بولسا ئېرىنى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن، بۇ دۇنيانىڭ ئىشلىرىنىڭ غېمىنى قىلىدۇ. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر