سوئال

« زەبۇر » 23- مۇناجات

1قويچىمدۇر پەرۋەردىگار، باقار ئۇ مېنى،

كۆرمەسمەن شۇڭا مەن ھېچ موھتاجلىقنى.

2يايلىتار ئۇ مېنى ياپيېشىل يايلاقلاردا،

باشلاپ بارار شىلدىرلىغان سۇلار بويىغا.

3ئۇرغۇتار روھىمنى كۈچ-قۇۋۋەت بېرىپ ماڭا،

شەرىپى ئۈچۈن باشلار مېنى ھەققانىيەت يولىدا.

4ئۆتسەممۇ گەر ئۆلۈم سايە تاشلاپ تۇرغان جىلغىلاردىن،

ئۆزۈڭ ماڭا يار بولغاچ قورقماسمەن خەتەرلەردىن،

ھاساڭ بىلەن تايىقىڭ خالاس قىلار تەشۋىشلەردىن.

5دۈشمەنلىرىم ئالدىدا داستىخان سېلىپ ماڭا،

ئەزىزلەپ مېنى ياغ سۈركەرسەن بېشىمغا،

بەخت شارابىم تولۇپ تاشار ھايات جامىمغا.

6بەرھەق، شاپائەت ۋە مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭ،

ھەمراھ بولار ئۆمۈرۋايەت ياندىشىپ ماڭا،

مەڭگۈ ياشايمەن پەرۋەردىگار ھۇزۇرۇڭدا. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 3- باب

5ئىشەنمەي ئۆز ئەقلىڭگە،

ئىشەن پۈتۈن قەلبىڭ بىلەن پەرۋەردىگارغا،

6ياد ئەت پەرۋەردىگارنى ھەر ئىشتا،

ئوچۇق قىلار يولۇڭنى ئۇ شۇندا. [داۋامى]

ئىنجىل، « مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 6- باب

25شۇڭا بىلىپ قويۇڭلاركى، تۇرمۇشۇڭلارغا كېرەكلىك يېمەك-ئىچمەك ياكى ئۇچاڭلارغا كىيىدىغان كىيىم-كېچەكتىن غەم قىلماڭلار. ھاياتلىق يېمەكتىن، تەن كىيىم-كېچەكتىن كۆپ ئەزىز ئەمەسمۇ؟ 26كۆكتىكى ئۇچارقاناتلارغا قاراڭلار! ئۇلار تېرىمايدۇ، يىغمايدۇ، ئامباردا ئوزۇقمۇ ساقلىمايدۇ. ئەرشتىكى ئاتاڭلار ئۇلارنىمۇ ئاچ قويمىغان يەردە، سىلەرنىڭ رىزقىڭلارنى چوقۇم بېرىدۇ. چۈنكى، سىلەر ئاشۇ قۇشلاردىن كۆپ ئەزىز ئەمەسمۇ؟ 27ئاراڭلاردا قايسىڭلار غەم-قايغۇ بىلەن ئۆمرۈڭلارنى كىچىككىنە ئۇزارتالايسىلەر؟

28كىيىم-كېچەك ئۈچۈن غەم قىلىشنىڭ نېمە ھاجىتى؟! دالادىكى ياۋا گۈللەرنىڭ قانداق ئۆسىدىغانلىقىغا قاراپ بېقىڭلار! ئۇلار ئىشمۇ قىلمايدۇ، كىيىممۇ تىكمەيدۇ؛ 29لېكىن سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، ھەتتا ئۇلۇغ پادىشاھ سۇلايماننىڭ ھەشەمەتلىك تونلىرىمۇ بۇ ياۋا گۈللەرنىڭ گۈزەللىكىگە تەڭ كېلەلمەيدۇ. 30ئەي ئىشەنچى ئاجىزلار! خۇدادىن نېمىشقا گۇمانلىنىۋاتىسىلەر؟ دالادىكى بۈگۈنى ئېچىلسا، ئەتىسى قۇرۇپ ئوچاققا قالىنىدىغان ئاشۇ گۈل-گىياھلارنى ئاشۇنچە بېزىگەن خۇدا سىلەرنى تېخىمۇ كىيىندۈرمەسمۇ؟ 31شۇنداق ئىكەن، «نېمە يەيمىز، نېمە ئىچىمىز، نېمە كىيىمىز؟» دەپ غەم قىلماڭلار. 32يەھۇدىي ئەمەسلەر مانا شۇ نەرسىلەر ئۈچۈن ئىزدىنىدۇ. بىراق، ئەرشتىكى ئاتاڭلار سىلەرنىڭ بۇ نەرسىلەرگە موھتاجلىقىڭلارنى بىلىدۇ. 33شۇنداق ئىكەن، ھەممىدىن مۇھىمى خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ۋە ھەققانىيلىقى ھەققىدە ئىزدىنىڭلار. ئۇ چاغدا، خۇدا سىلەرگە مانا بۇلارنىڭ ھەممىسىنى قوشۇپ تەقدىم قىلىدۇ. 34شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەتىدىن غەم قىلماڭلار. ئەتىنىڭ غېمى ئەتىگە قالسۇن. ھەر كۈننىڭ دەردى شۇ كۈنگە يېتىدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 14- باب

27سىلەرگە ئامانلىق قالدۇرىمەن، ئۆز ئامانلىقىمنى سىلەرگە تەقدىم قىلىمەن. مېنىڭ سىلەرگە تەقدىم قىلغىنىم بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرىنىڭ سىلەرگە بەرگىنىگە ئوخشىمايدۇ. كۆڭلۈڭلارنى بىئارام قىلماڭلار، قورقماڭلار. [داۋامى]

ئىنجىل، « فىلىپىلىكلەرگە يېزىلغان خەت » 4- باب

6ھېچ نەرسىدىن غەم قىلماڭلار. ئەكسىچە، ھەرقانداق تەلىپىڭلار بولسا دۇئا-تىلاۋەت ئارقىلىق خۇدادىن تىلەڭلار ۋە شۈكۈر ئېيتىڭلار. 7شۇنداق قىلساڭلار، خۇدانىڭ كىشىلەرنىڭ ئويلىغىنىدىنمۇ ئېشىپ چۈشىدىغان تىنچلىقى سىلەرنىڭ قەلبىڭلارنى ۋە ئوي-پىكرىڭلارنى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق تىنچلاندۇرىدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « پېترۇس يازغان بىرىنچى خەت » 5- باب

7بارلىق غەم-قايغۇلىرىڭلارنى خۇداغا تاپشۇرۇڭلار. چۈنكى، ئۇ سىلەرگە غەمخورلۇق قىلىدۇ. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر