سوئال

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 22- باب

2گاداي بىلەن باينىڭ ئورتاقلىقى شۇكى:

پەرۋەردىگار ياراتقۇچىدۇر ھەر ئىككىلىسىنى. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 6- باب

6ئەي ھۇرۇن، ئال چۈمۈلىلەردىن ئۈلگە،

ئەقىل تاپ قاراپ ئۇلارنىڭ ھەرىكىتىگە.

7يوقتۇر باشلىق، نازارەتچى، ھۆكۈمدار ئۇلاردا.

8لېكىن تەييارلار ئۇلار قىشنىڭ ئوزۇقىنى يازدا،

ئاشلىق توپلار ھوسۇل يىغىش ۋاقتىدا.

9ئەي ھۇرۇن، سەن قاچانغىچە ئۇخلايسەن؟

قاچان ئورنۇڭدىن تۇرىسەن؟

10دەيسەنكى:

بىرئاز كۆزۈمنى يۇمۇۋالاي، بىردەم ئۇخلىۋالاي،

يەنە بىردەم پۇت-قولۇمنى ئالماپ يېتىۋالاي.

11يېتىۋەرسەڭ يېنىڭغا كېلەر قاراقچىدەك نامراتلىق،

قوراللىق بۇلاڭچىدەك ھەم موھتاجلىق. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 20- باب

4ھۇرۇن دېھقان ئۆز پەسلىدە يەر ھەيدىمەس،

يىغىم پەيتى ھېچبىر ھوسۇل ئالالماس. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 17- باب

5كەمبەغەلنى مازاق قىلغان ھاقارەت كەلتۈرەر ياراتقۇچىسىغا،

باشقىلارنىڭ بەختسىزلىكىگە شادلانغان چوقۇم دۇچ كېلەر جازاغا. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 28- باب

6دىيانەت يولىدا ماڭغان كەمبەغەل كىشى،

ئەگرى يولدا يۈرگەن بايدىن ياخشى. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 30- باب

7ئى پەرۋەردىگار، تىلەيمەن ئىككى نەرسىنى سەندىن،

ئايىمىغايسەن مەن ئۆلگۈچە بۇلارنى مەندىن.

8مەندىن يىراق قىلغايسەن ساختىلىق ۋە يالغانچىلىقنى،

قىلمىغايسەن گاداي ياكى بايمۇ مېنى،

ئېھتىياجىمغا لايىق بەرگەيسەن رىزقىمنى.

9چۈنكى باياشاتلىق ئىچىدە سەندىن تېنىپ،

«پەرۋەردىگار كىممۇ؟» دەپ قالماي،

ياكى يوقسۇزچىلىقتا ئوغرىلىق قىلىپ،

ئى خۇدا، سېنىڭ نامىڭغا داغ كەلتۈرۈپ قويماي. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 31- باب

8ئۆزىنى ئاقلىيالمايدىغانلار ئۈچۈن سۆزلىگىن،

ئاجىزلارنىڭ ھوقۇق ئۈچۈن ئاغزىڭنى ئاچقىن.

9سۈكۈت قىلما، ئادىل ھۆكۈم قىلغىن،

يوقسۇل ۋە موھتاجلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغدىغىن. [داۋامى]

ئىنجىل، « مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 6- باب

19_ يەر يۈزىدە ئۆزۈڭلارغا بايلىق توپلىماڭلار. چۈنكى، بۇ يەردە يا كۈيە يەپ تۈگىتىدۇ، يا داتلىشىپ تۈگەيدۇ ياكى ئوغرى ئوغرىلاپ كېتىدۇ. 20ئەكسىچە، ئەرشتە ئۆزۈڭلارغا بايلىق توپلاڭلار. ئۇ يەردە كۈيە يېمەيدۇ، داتلاشمايدۇ، ئوغرىمۇ ئالمايدۇ. 21بايلىقىڭلار قەيەردە بولسا، قەلبىڭلارمۇ شۇ يەردە بولىدۇ.

22كۆز تەننىڭ چىرىغىدۇر. ئەگەر كۆزۈڭلار ياخشى بولسا، يەنى كۆزۈڭلار خۇدادا بولسا، پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭلار يورۇقلۇق بىلەن تولىدۇ. 23ئەگەر كۆزۈڭلار يامان بولسا پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭلارنى قاراڭغۇلۇق باسىدۇ. ئەگەر ھاياتىڭلاردىكى «يورۇقلۇق» ئەمەلىيەتتە قاراڭغۇلۇق بولسا، ئۇ قاراڭغۇلۇق نېمىدېگەن قورقۇنچلۇق-ھە!

24ئىككى خوجايىنغا تەڭ خىزمەت قىلالايدىغان ھېچقانداق كىشى يوق. ئۇ ياكى بۇنى يامان كۆرۈپ، ئۇنى ياخشى كۆرىدۇ؛ ياكى بۇنىڭغا ئېتىبار بېرىپ، ئۇنىڭغا سەل قارايدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەرنىڭ بىرلا ۋاقىتتا ھەم خۇدانىڭ، ھەم مال-دۇنيانىڭ قۇلى بولۇشۇڭلار مۇمكىن ئەمەس.

25شۇڭا بىلىپ قويۇڭلاركى، تۇرمۇشۇڭلارغا كېرەكلىك يېمەك-ئىچمەك ياكى ئۇچاڭلارغا كىيىدىغان كىيىم-كېچەكتىن غەم قىلماڭلار. ھاياتلىق يېمەكتىن، تەن كىيىم-كېچەكتىن كۆپ ئەزىز ئەمەسمۇ؟ 26كۆكتىكى ئۇچارقاناتلارغا قاراڭلار! ئۇلار تېرىمايدۇ، يىغمايدۇ، ئامباردا ئوزۇقمۇ ساقلىمايدۇ. ئەرشتىكى ئاتاڭلار ئۇلارنىمۇ ئاچ قويمىغان يەردە، سىلەرنىڭ رىزقىڭلارنى چوقۇم بېرىدۇ. چۈنكى، سىلەر ئاشۇ قۇشلاردىن كۆپ ئەزىز ئەمەسمۇ؟ 27ئاراڭلاردا قايسىڭلار غەم-قايغۇ بىلەن ئۆمرۈڭلارنى كىچىككىنە ئۇزارتالايسىلەر؟

28كىيىم-كېچەك ئۈچۈن غەم قىلىشنىڭ نېمە ھاجىتى؟! دالادىكى ياۋا گۈللەرنىڭ قانداق ئۆسىدىغانلىقىغا قاراپ بېقىڭلار! ئۇلار ئىشمۇ قىلمايدۇ، كىيىممۇ تىكمەيدۇ؛ 29لېكىن سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، ھەتتا ئۇلۇغ پادىشاھ سۇلايماننىڭ ھەشەمەتلىك تونلىرىمۇ بۇ ياۋا گۈللەرنىڭ گۈزەللىكىگە تەڭ كېلەلمەيدۇ. 30ئەي ئىشەنچى ئاجىزلار! خۇدادىن نېمىشقا گۇمانلىنىۋاتىسىلەر؟ دالادىكى بۈگۈنى ئېچىلسا، ئەتىسى قۇرۇپ ئوچاققا قالىنىدىغان ئاشۇ گۈل-گىياھلارنى ئاشۇنچە بېزىگەن خۇدا سىلەرنى تېخىمۇ كىيىندۈرمەسمۇ؟ 31شۇنداق ئىكەن، «نېمە يەيمىز، نېمە ئىچىمىز، نېمە كىيىمىز؟» دەپ غەم قىلماڭلار. 32يەھۇدىي ئەمەسلەر مانا شۇ نەرسىلەر ئۈچۈن ئىزدىنىدۇ. بىراق، ئەرشتىكى ئاتاڭلار سىلەرنىڭ بۇ نەرسىلەرگە موھتاجلىقىڭلارنى بىلىدۇ. 33شۇنداق ئىكەن، ھەممىدىن مۇھىمى خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ۋە ھەققانىيلىقى ھەققىدە ئىزدىنىڭلار. ئۇ چاغدا، خۇدا سىلەرگە مانا بۇلارنىڭ ھەممىسىنى قوشۇپ تەقدىم قىلىدۇ. 34شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەتىدىن غەم قىلماڭلار. ئەتىنىڭ غېمى ئەتىگە قالسۇن. ھەر كۈننىڭ دەردى شۇ كۈنگە يېتىدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 12- باب

41ھەزرىتى ئەيسا مەركىزىي ئىبادەتخانىدىكى ئىئانە يىغىلىدىغان جاينىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپ، ئۆز ئىئانىلىرىنى تاشلاۋاتقان جامائەتكە قاراپ تۇراتتى. نۇرغۇن بايلار ساندۇققا خېلى كۆپ پۇل تاشلىدى. 42بىر كەمبەغەل تۇل ئايالمۇ كېلىپ، بىرنەچچە تىيىنلا قىممىتىدىكى ئىككى تەڭگىنى تاشلىدى.

43ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرىنى يېنىغا چاقىرىپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

_ بىلىپ قويۇڭلاركى، بۇ نامرات تۇل ئايالنىڭ ئىئانىسى خۇدانىڭ نەزىرىدە ھەممەيلەننىڭكىدىن كۆپ. 44چۈنكى، باشقىلار ئۆزلىرىنىڭ ئاشقان بايلىقلىرىدىن ئىئانە قىلدى. لېكىن، بۇ ئايال نامرات تۇرۇقلۇق، ئۆزىنىڭ بار-يوقىنى _ تىرىكچىلىك قىلىدىغان ھەممە نەرسىسىنى ئىئانە قىلدى. [داۋامى]

ئىنجىل، « ياقۇپ يازغان خەت » 2- باب

1قېرىنداشلىرىم، سىلەر ئۇلۇغ رەببىمىز ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغانىكەنسىلەر، باشقىلارغا ئىككى خىل كۆز بىلەن قارىماڭلار. 2سىلەرنىڭ خۇداغا ئىبادەت قىلىدىغان يىغىلىشىڭلارغا پۇزۇر كىيىنىۋالغان بىر باي ۋە جۇل-جۇل كىيىنىۋالغان بىر كەمبەغەل كەلسە، 3سىلەر باي كىشىگە «تۆرگە چىقسىلا!»، كەمبەغەلگە، «ئۇ يەردە تۇر!» ياكى «تۆۋەندە ئولتۇر!» دېسەڭلار، 4سىلەرنىڭ بۇنداق ئوخشىمايدىغان مۇئامىلەڭلار نىيىتىڭلارنىڭ يامان ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەرمەمدۇ؟

5قەدىرلىك قېرىنداشلىرىم، قۇلاق سېلىڭلار! خۇدا بۇ دۇنيادىكى كەمبەغەللەرنى ئېتىقاد جەھەتتە باي قىلىش ھەمدە ئۇلارنى ئۆزىنى سۆيگەنلەرگە بېرىشكە ۋەدە قىلغان پادىشاھلىقىغا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن، تاللىدى. 6بىراق، سىلەر كەمبەغەللەرنى خارلىدىڭلار! سىلەرنى ئەزگەن ۋە سوتقا سۆرىگەنلەر ئەمەلىيەتتە بايلار ئەمەسمۇ؟ 7سىلەر مەنسۇپ بولغان ئەيسا مەسىھنىڭ ئالىيجاناب نامىغا كۇپۇرلۇق قىلىۋاتقانلار يەنە شۇ بايلار ئەمەسمۇ؟

8مۇقەددەس يازمىلاردىكى «قوشناڭنى ئۆزۈڭنى سۆيگەندەك سۆي» دېگەن ئەمرگە، يەنى خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ بۇ قانۇنىغا ھەقىقىي ئەمەل قىلساڭلار، ياخشى قىلغان بولىسىلەر. 9لېكىن، باشقىلارغا ئىككى خىل كۆز بىلەن قارىساڭلار، گۇناھ قىلغان بولىسىلەر. چۈنكى، سىلەر خۇدانىڭ ئاشۇ قانۇنىغا خىلاپلىق قىلدىڭلار. 10ئەگەر بىر كىشى خۇدانىڭ پۈتۈن قانۇنىغا ئەمەل قىلدىم دەپ تۇرۇپ، ئۇنىڭدىكى بىرەر پەرمانغا خىلاپلىق قىلىپ قالسا، ئۇ خۇدانىڭ نەزىرىدە پۈتۈن قانۇنغا خىلاپلىق قىلغان ئادەمگە ئوخشاش گۇناھكار ھېسابلىنىدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « يۇھاننا يازغان بىرىنچى خەت » 3- باب

17ئەگەر مال-دۇنياسى بار بولغان كىشى قېرىندىشىنىڭ ئېھتىياجىنى كۆرۈپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ياردەم قىلمىسا، بۇنداق كىشىدە نەدىمۇ خۇدانىڭ مېھىر-مۇھەببىتى بولسۇن؟ [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر