سوئال

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 12- باب

24تىرىشچان قول ھوقۇق تۇتار،

ھۇرۇن ئالۋانغا تۇتۇلار. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 14- باب

23كېلەر ھەربىر مېھنەتتىن پايدا،

قالدۇرار قۇرۇق پاراڭ ئادەمنى موھتاجلىقتا. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 27- باب

18مېۋىسىنى يەر ئەنجۈر كۆچىتىنى پەرۋىش قىلغۇچى،

ئىززەتكە ئېرىشەر خوجايىنىنى ياخشى كۈتكۈچى. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 13- باب

4ئېرىشەلمەس ھۇرۇنلار كۆڭلى خالىغان ھەر قانداق نەرسىگە،

ئېرىشەر تىرىشچانلار بارلىق ئارزۇسىغا. [داۋامى]

ئىنجىل، « ئەفەسلىكلەرگە يېزىلغان خەت » 6- باب

5ئەي قۇللار، بۇ دۇنيادىكى خوجايىنلىرىڭلارغا خۇددى ئەيسا مەسىھكە بويسۇنغاندەك چوڭقۇر ھۆرمەت ۋە چىن قەلب بىلەن بويسۇنۇڭلار. 6خوجايىنىڭلارنى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن، پەقەت ئۇلارنىڭ ئالدىدىلا ئەمەس، بەلكى ھەمىشە ئۇلارغا خىزمەت قىلىڭلار. چۈنكى، سىلەر ئەيسا مەسىھنىڭ خىزمەتكارى بولۇش سۈپىتىڭلار بىلەن خۇدانىڭ ئىرادىسىگە چىن دىلىڭلاردىن ئەمەل قىلىشىڭلار كېرەك. 7خوجايىنىڭلارغا رازىمەنلىك بىلەن خىزمەت قىلىڭلار. ئۇنى ئادەملەر ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى رەببىمىز ئۈچۈن قىلغاندەك قىلىڭلار. 8ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلاركى، مەيلى قۇل ياكى ھۆر بولسۇن، رەببىمىز ھەركىمنىڭ قىلغان ھەربىر ياخشىلىقىنى قايتۇرىدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « كولوسىلىقلارغا يېزىلغان خەت » 3- باب

22ئەي قۇللار، بۇ دۇنيادىكى خوجايىنلىرىڭلارغا ھەممە ئىشتا بويسۇنۇڭلار. بۇنى ئۇلارنى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن پەقەت ئۇلارنىڭ ئالدىدىلا ئەمەس، بەلكى ھەمىشە چىن قەلبىڭلار ۋە رەببىمىزگە بولغان چوڭقۇر ھۆرمىتىڭلار بىلەن قىلىڭلار. 23ھەرقانداق ئىش قىلغاندا، جان-دىل بىلەن قىلىڭلار. بۇنى ئادەملەر ئۈچۈن ئەمەس، رەببىمىز ئۈچۈن قىلغاندەك قىلىڭلار. 24ئېسىڭلاردا بولسۇنكى، رەببىمىز ئۆز خەلقىگە بېرىشكە ۋەدە قىلغان مىراسنى سىلەرگە ئىنئام قىلىدۇ. چۈنكى، سىلەر ھەقىقىي خوجايىنىڭلار رەببىمىز ئەيسا مەسىھكە خىزمەت قىلىۋاتىسىلەر. 25مەيلى كىم بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، يامان ئىش قىلسا، قىلغان يامان ئىشىغا يارىشا خۇدانىڭ جازاسىغا تارتىلىدۇ. چۈنكى، خۇدا ھەممە ئىنسانلارغا ئوخشاش مۇئامىلە قىلىدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت » 13- باب

17يېتەكچىلىرىڭلارغا بويسۇنۇڭلار. ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار. چۈنكى، ئۇلار ئۆز خىزمىتىدىن خۇداغا ھېساب بەرگەچكە، ھەمىشە سىلەرگە ئاگاھ بولۇپ تۇرىدۇ. ئۇلارنىڭ خىزمىتىنىڭ غەم-ئەندىشە بىلەن ئەمەس، خۇشال-خۇراملىق بىلەن ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ گېپىگە كىرىڭلار. [داۋامى]

ئىنجىل، « پېترۇس يازغان بىرىنچى خەت » 2- باب

18ئەي قۇللار، خوجايىنلىرىڭلارنى ھۆرمەتلەپ، ئۇلارغا بويسۇنۇڭلار. سىلەر ياخشى ۋە خۇش پېئىل خوجايىنلارغىلا ئەمەس، بەلكى قاتتىق قول خوجايىنلارغىمۇ بويسۇنۇڭلار. 19ئەگەر ئاراڭلاردىن بىرى ناھەق ئازاب-ئوقۇبەت چەكسە ھەمدە بۇ ئازاب-ئوقۇبەتكە سەۋر-تاقەت قىلىش خۇدانىڭ ئىرادىسى ئىكەنلىكىنى بىلىپ، ئۇنىڭغا سەۋر-تاقەت قىلسا، ئۇ خۇدانى خۇرسەن قىلىدۇ. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر