سوئال

تەۋرات، « مىسىردىن چىقىش » 20- باب

12ئاتا-ئاناڭنى ھۆرمەت قىل. شۇ چاغدا مەن ساڭا ئاتا قىلماقچى بولغان زېمىندا ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىسەن. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 23- باب

22ئاڭلا سېنى تاپقان ئاتاڭنىڭ سۆزىنى،

كەمسىتمە ئاناڭ ياشانغاندا ئۇنى.

23بەدەل تۆلىسەڭمۇ ھەقىقەتنى تاپ، ساتما ئۇنى،

تاپ ھەم دانالىق، تەربىيە ۋە پاراسەتنى.

24ھەققانىي ئوغلى بولغان ئاتا زور خۇشاللىق تاپار،

ئاقىل ئوغۇل تاپقان ئاتا ئۇنىڭدىن شادلىققا تولار.

25ئاتا-ئاناڭ سەندىن خوش بولسۇن!

سېنى تۇغقان ئاناڭ شادلانسۇن. [داۋامى]

ئىنجىل، « ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 7- باب

9ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا يەنە مۇنداق دېدى:

_ ئۆز ئەنئەنەڭلارنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، خۇدانىڭ ئەمرلىرىنى بىر ياققا قايرىپ قويۇشتا نېمانچە ئۇستىلىق قىلىسىلەر! 10مۇسا پەيغەمبەر: «ئاتا-ئاناڭنى ھۆرمەت قىل» ۋە «ئاتىسى ياكى ئانىسىنى ھاقارەتلىگەنلەرگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلسۇن» دەپ بۇيرۇغان. 11لېكىن، سىلەر: «ئاتا-ئانىسىغا: ‹مەندىن ئالىدىغان پۈتۈن ماددىي ياردىمىڭلارنى قۇربان قىلدىم، يەنى خۇداغا ئاتىۋەتتىم› دېسە، 12ئۇ ئادەم ئۆز ئاتا-ئانىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالمىسىمۇ بولىدۇ» دەپ ئۆگىتىسىلەر. 13شۇنداق قىلىپ، ئەۋلادتىن ئەۋلادقىچە داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن ئەنئەنىلىرىڭلارنى دەپ خۇدانىڭ ئەمرىنى يوققا چىقىرىسىلەر. سىلەر بۇنداق ئىشلارنى كۆپ قىلىسىلەر. [داۋامى]

ئىنجىل، « تىموتىيغا يېزىلغان بىرىنچى خەت » 5- باب

1ياشانغان ئەرلەر سەۋەنلىك ئۆتكۈزسە، ئۇلارنى قاتتىق ئەيىبلىمىگىن. ئەكسىچە، ئۇلارغا ئاتاڭنى ھۆرمەتلىگەندەك ھۆرمەت بىلەن نەسىھەت بەرگىن. شۇنىڭدەك، ياش ئەرلەرگە ئۆز قېرىنداشلىرىڭغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىل. 2ياشانغان ئاياللارغا ئاناڭغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇئامىلە قىل. ياش ئاياللارغىمۇ سىڭىللىرىڭغا مۇئامىلە قىلغاندەك پاك قەلب بىلەن مۇئامىلە قىل. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر