سوئال

ئىنجىل، « مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 10- باب

1ھەزرىتى ئەيسا ئون ئىككى شاگىرتىنى يېنىغا چاقىرىپ، ئۇلارغا جىنلارنى ھەيدەش ۋە ھەر خىل ئاغرىق-سىلاقلارنى ساقايتىش ھوقۇقىنى بەردى. 2بۇ ئون ئىككى شاگىرتنىڭ ئىسىملىرى مۇنداق: پېترۇس دەپمۇ ئاتالغان سىمۇن ۋە ئۇنىڭ ئىنىسى ئەندەر، زەبەدىينىڭ ئوغلى ياقۇپ ۋە ئۇنىڭ قېرىندىشى يۇھاننا، 3فىلىپ ۋە بارتولوماي، توماس ۋە باجگىر مەتتا، ھالپاينىڭ ئوغلى ياقۇپ ۋە تاداي، 4ۋەتەنپەرۋەر دەپ ئاتالغان سىمۇن ۋە ھەزرىتى ئەيساغا ساتقۇنلۇق قىلغان يەھۇدا ئىشقارىيوت.

5ھەزرىتى ئەيسا بۇ ئون ئىككى شاگىرتىنى خەلقنىڭ ئارىسىغا ئەۋەتىشتىن ئاۋۋال، ئۇلارغا مۇنداق تاپىلىدى:

_ يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ زېمىنلىرىغا بارماڭلار. سامارىيىلىكلەرنىڭ شەھەرلىرىگىمۇ بارماڭلار. 6ئۇنىڭدىن كۆرە، خۇدانىڭ يوقالغان قوي پادىلىرى، يەنى ئىسرائىللار ئارىسىغا بېرىڭلار. 7بارغان يېرىڭلاردا: «ئەرشنىڭ پادىشاھلىقى نامايان بولۇش ئالدىدا تۇرىدۇ!» دەپ جاكارلاڭلار. 8كېسەللەرنى ساقايتىڭلار، ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈڭلار، ماخاۋ كېسەللىرىنى ساقايتىڭلار، جىنلارنى ھەيدىۋېتىڭلار. بۇ ئىمتىيازلارنى ھەقسىز ئالغانىكەنسىلەر، ھەقسىز ئىشلىتىڭلار. 9ھەميانىڭلاردا ئالتۇن، كۈمۈش ۋە مىس پۇللارنى ئېلىپ يۈرمەڭلار. 10سەپەرگە چىققاندا نە خۇرجۇن، نە بىرەر ئارتۇق كۆڭلەك، نە ئاياغ، نە ھاسا ئېلىۋالماڭلار. چۈنكى، خىزمەتكار كىمگە خىزمەت قىلسا، شۇنىڭدىن ئىش ھەققى ئېلىشقا ھەقلىق.

11بىرەر شەھەر ياكى يېزىغا بارغان ۋاقتىڭلاردا، ئالدى بىلەن ئۇ يەردە سىلەرنى قوبۇل قىلىشنى خالايدىغان كىشىنى ئىزدەپ تېپىپ، ئۇ يەردىن كەتكۈچە شۇ كىشىنىڭ ئۆيىدە تۇرۇڭلار. 12بىرەر ئۆيگە كىرگىنىڭلاردا، ئۇلارغا ئامانلىق تىلەڭلار. 13ئەگەر ئۇ ئائىلىدىكىلەر سىلەرنى قوبۇل قىلسا، ئۇلارغا تىلىگەن ئامانلىقىڭلار ئىجابەت بولىدۇ. ئەگەر سىلەرنى قوبۇل قىلمىسا، تىلىگەن ئامانلىقىڭلار ئۆزۈڭلارغا يانىدۇ. 14سىلەرنى قوبۇل قىلمىغان، سۆزۈڭلارنى ئاڭلىمىغان كىشىنىڭ ئۆيىدىن ياكى شۇ شەھەردىن ئايرىلغىنىڭلاردا، ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن ئايىغىڭلاردىكى توپىنى قېقىۋېتىڭلار. 15بىلىپ قويۇڭلاركى، ئۇ شەھەردىكىلەرنىڭ قىيامەت كۈنى تارتىدىغان جازاسى سودوم ۋە گومورا شەھىرىدىكى رەزىل كىشىلەرنىڭ تارتىدىغان جازاسىدىنمۇ ئېغىر بولىدۇ! [داۋامى]

ئىنجىل، « ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 3- باب

13ھەزرىتى ئەيسا بىر تاغقا چىقىپ، ئۆزى خالىغان كىشىلەرنى يېنىغا چاقىردى. چاقىرىلغانلار ئۇنىڭ يېنىغا كېلىشتى. 14ھەزرىتى ئەيسا ئۇلاردىن ئون ئىككى كىشىنى ئەلچى دەپ ئاتاپ، ئۇلارنى ئۆزى بىلەن بىللە بولۇش، خۇدانىڭ سۆزىنى يەتكۈزۈش 15ۋە جىنلارنى ھەيدەش ھوقۇقىغا ئىگە قىلىش ئۈچۈن تاللىدى.

16بۇ ئون ئىككى كىشى: سىمۇن (ھەزرىتى ئەيسا ئۇنى پېترۇس دەپمۇ ئاتىغان)، 17زەبەدىينىڭ ئوغلى ياقۇپ ۋە ئۇنىڭ قېرىندىشى يۇھاننا، (ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنى «بېنى رەگەش»، يەنى «گۈلدۈرماما ئوغۇللىرى» دەپمۇ ئاتىغان)، 18ئەندەر، فىلىپ، بارتولوماي، مەتتا، توماس، ھالپاينىڭ ئوغلى ياقۇپ، تاداي، ۋەتەنپەرۋەر دەپ ئاتالغان سىمۇن 19ۋە ھەزرىتى ئەيساغا ساتقۇنلۇق قىلىدىغان يەھۇدا ئىشقارىيوتلاردىن ئىبارەت. [داۋامى]

ئىنجىل، « لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 5- باب

1بىر كۈنى ھەزرىتى ئەيسا گىنەسار كۆلىنىڭ بويىدا تۇرغاندا، كىشىلەر ئۇنىڭدىن خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلاش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئولاشتى. 2ھەزرىتى ئەيسا كۆل بويىدا تۇرغان ئىككى كېمىنى كۆردى. بېلىقچىلار كېمىدىن چۈشۈپ، قىرغاقتا تورلىرىنى يۇيۇشۇۋاتاتتى. 3ھەزرىتى ئەيسا بېلىقچى سىمۇننىڭ كېمىسىگە چىقىپ، ئۇنىڭدىن كېمىنى قىرغاقتىن سەل يىراقلىتىشنى تەلەپ قىلدى. ئاندىن، ئۇ كېمىدە ئولتۇرۇپ خالايىققا تەلىم بەردى. 4تەلىم بېرىپ بولغاندىن كېيىن، سىمۇنغا:

_ كېمىنى چوڭقۇرراق يەرگە ھەيدەپ بېرىپ، تورلىرىڭلارنى سېلىپ، بېلىقىڭلارنى تۇتۇڭلار، _ دېدى.

5_ ئۇستازىم، بىز كېچىچە جاپا تارتىپ ھېچ نەرسە تۇتالمىدۇق، _ دېدى سىمۇن، _ بىراق، دېگىنىڭىزگە بىنائەن تورنى سالساق سالايلى.

6شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار تورلىرىنى كۆلگە سېلىۋىدى، بېلىقلار تورغا پاتماي قېلىپ، تورلار يىرتىلىشقا باشلىدى. 7ئۇلار باشقا كېمىدىكى شېرىكلىرىنى ياردەمگە چاقىرىشتى. ئۇلار كېلىپ، بېلىقلارنى ئىككى كېمىگە لىق قاچىلىۋىدى، كېمىلەر بېلىقنىڭ جىقلىقىدىن چۆكۈپ كەتكىلى تاس قالدى. 8بۇ ئىشنى كۆرگەن سىمۇن ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ تۇرۇپ:

_ ئى رەببىم، مەندىن يىراقلىشىڭ، گۇناھكارمەن! _ دېدى. 9چۈنكى، سىمۇن ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرى بۇنچىۋالا كۆپ بېلىق تۇتقانلىقىدىن ھەيران بولغانىدى. 10باشقا كېمىدىكى شېرىكلىرى _ زەبەدىينىڭ ئوغۇللىرى ياقۇپ بىلەن يۇھاننامۇ ھەيران بولدى. ھەزرىتى ئەيسا سىمۇنغا:

_ قورقما، بۇنىڭدىن كېيىن بېلىق تۇتۇشنىڭ ئورنىغا، ماڭا ئادەم تۇتىسەن، _ دېدى.

11ئۇلار كېمىنى قىرغاققا توختىتىپ، ھەممە نەرسىنى تاشلاپ، ھەزرىتى ئەيساغا ئەگىشىپ ماڭدى. [داۋامى]

ئىنجىل، « لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 6- باب

12بىر كۈنى، ھەزرىتى ئەيسا دۇئا قىلىش ئۈچۈن تاغقا چىقتى. ئۇ يەردە خۇداغا كېچىچە دۇئا قىلدى. 13تاڭ ئاتقاندا، شاگىرتلىرىنى ئالدىغا چاقىرىپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئون ئىككى كىشىنى تاللاپ، ئۇلارنى ئەلچى دەپ ئاتىدى. 14ئۇلار: سىمۇن (ھەزرىتى ئەيسا ئۇنى پېترۇس دەپمۇ ئاتىغان) ۋە ئۇنىڭ ئىنىسى ئەندەر، ياقۇپ، يۇھاننا، فىلىپ، بارتولوماي، 15مەتتا، توماس، ھالپاينىڭ ئوغلى ياقۇپ، ۋەتەنپەرۋەر دەپ ئاتالغان سىمۇن، 16باشقا بىر ياقۇپنىڭ ئوغلى يەھۇدا ۋە كېيىن ھەزرىتى ئەيساغا ساتقۇنلۇق قىلغان يەھۇدا ئىشقارىيوتلار ئىدى. [داۋامى]

ئىنجىل، « يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 1- باب

35ئەتىسى، يەھيا پەيغەمبەر ئىككى شاگىرتى بىلەن يەنە شۇ يەردە ئىدى. 36ئۇ، ئۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقان ھەزرىتى ئەيسانى كۆرۈپ:

_ قاراڭلار! خۇدانىڭ قۇربان قىلىنىدىغان قوزىسى! _ دېدى.

37بۇ سۆزنى ئاڭلىغان ئىككى شاگىرت ھەزرىتى ئەيسانىڭ كەينىدىن مېڭىشتى. 38ھەزرىتى ئەيسا كەينىگە بۇرۇلۇپ، ئەگىشىپ كېلىۋاتقانلاردىن:

_ نېمىگە ھاجىتىڭلار چۈشۈپ قالدى؟ _ دەپ سورىدى.

ئۇلار:

_ راببونى (بۇ ئىبرانىيچە سۆز بولۇپ، «ئۇستاز» دېگەن مەنىدە)، قەيەردە تۇرىسىز؟ _ دېدى.

39_ كېلىپ كۆرۈڭلار، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا. شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار بېرىپ ئۇنىڭ قەيەردە تۇرىدىغانلىقىنى كۆردى. بۇ، چۈشتىن كېيىن سائەت تۆتلەر بولغان ۋاقىت بولۇپ، ئۇلار ئۇ كۈننى ھەزرىتى ئەيسا بىلەن بىللە ئۆتكۈزدى.

40يەھيا پەيغەمبەرنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ كەينىدىن ماڭغان ئىككى كىشىنىڭ بىرى سىمۇن پېترۇسنىڭ ئىنىسى ئەندەر ئىدى. 41ئەندەر دەرھال ئۆز ئاكىسى سىمۇننى تېپىپ، ئۇنىڭغا:

_ بىز «مەسىھ»نى تاپتۇق! _ دېدى. («مەسىھ» ئىبرانىيچە سۆز بولۇپ، «خۇدا تەيىنلىگەن قۇتقۇزغۇچى» دېگەن مەنىدە.)

42ئەندەر ئاكىسىنى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا ئېلىپ باردى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا قاراپ:

_ يۇھاننانىڭ ئوغلى سىمۇن، بۇنىڭدىن كېيىن سېنىڭ ئىسمىڭ «كىفاس» بولسۇن، _ دېدى. («كىفاس» گرېك تىلىدىكى «پېترۇس» دېگەن سۆز بىلەن مەنىداش بولۇپ، «قورام تاش» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.)

43ئەتىسى، ھەزرىتى ئەيسا جەلىلىيە ئۆلكىسىگە بېرىشنى قارار قىلدى. ئۇ فىلىپنى تېپىپ، ئۇنىڭغا:

_ ماڭا ئەگىشىپ ماڭ! _ دېدى.

44فىلىپ بەيتسايدالىق بولۇپ، ئەندەر بىلەن پېترۇسنىڭ يۇرتدىشى ئىدى.

45فىلىپ ناتانيەلنى تېپىپ، ئۇنىڭغا:

_ مۇسا پەيغەمبەر تەۋراتتا ئالدىن ئېيتقان، باشقا پەيغەمبەرلەرمۇ تىلغا ئالغان قۇتقۇزغۇچى _ مەسىھنى تاپتۇق. ئۇ، يۈسۈپنىڭ ئوغلى ناسىرەلىك ئەيسا ئىكەن! _ دېدى.

46بىراق، ناتانيەل:

_ ناسىرەلىكمۇ؟! ئاشۇ كىچىك بىر شەھەردىن مۇنداق ياخشى ئىش چىقارمۇ؟ _ دېدى.

_ كېلىپ كۆرۈپ باق! _ دېدى فىلىپ.

47ھەزرىتى ئەيسا ناتانيەلنىڭ ئۆزىنىڭ ئالدىغا كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇ توغرۇلۇق:

_ مانا بۇ، ئىچىدە قىلچە ھىيلە-مىكرىسى يوق ھەقىقىي بىر ئىسرائىل! _ دېدى.

48_ مېنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىمنى قەيەردىن بىلدىڭىز؟ _ دەپ سورىدى ناتانيەل ھەيران بولۇپ.

ھەزرىتى ئەيسا:

_ فىلىپ سېنى چاقىرىشتىن ئاۋۋال، سېنىڭ ئەنجۈر دەرىخىنىڭ تۈۋىدە ئولتۇرغانلىقىڭنى كۆرگەنىدىم، _ دەپ جاۋاب بەردى.

49ناتانيەل ھەزرىتى ئەيسانىڭ باشقىلار كۆرەلمەيدىغان ئىشلارنى كۆرەلەيدىغانلىقىدىن ھەيران بولۇپ:

_ ئۇستاز، سىز شەكسىزكى خۇدانىڭ ئوغلى، ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھى ئىكەنسىز! _ دەپ ئېتىراپ قىلدى.

50ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:

_ سېنى ئەنجۈر دەرىخىنىڭ تۈۋىدە كۆرگەنلىكىمنى ئېيتقانلىقىم ئۈچۈن ئىشىنىۋاتامسەن؟ بۇنىڭدىنمۇ چوڭ ئىشلارنى كۆرىسەن تېخى!

51ئاندىن، شاگىرتلىرىغا يەنە:

_ بىلىپ قويۇڭلاركى، سىلەر ئاسماننىڭ ئېچىلىپ، خۇدانىڭ پەرىشتىلىرىنىڭ ئىنسانئوغلىنىڭ يېنىغا چۈشۈپ-چىقىپ يۈرىدىغانلىقىنى كۆرىسىلەر! _ دېدى. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر