سوئال

تەۋرات، « ئالەمنىڭ يارىتىلىشى » 21- باب

1پەرۋەردىگار ئۆزى ۋەدە قىلغاندەك، سارەگە بەخت ئاتا قىلدى. 2سارە ھامىلىدار بولۇپ، ئىبراھىمنىڭ ياشىنىپ قالغان ۋاقتىدا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەردى. بالا دەرۋەقە خۇدا بەلگىلىگەن ۋاقىتتا تۇغۇلدى. 3ئىبراھىم ئۇنىڭغا ئىسھاق [مەنىسى «كۈلكە»] دەپ ئات قويدى. 4خۇدا بۇيرۇغاندەك، ئىسھاق تۇغۇلۇپ سەككىزىنچى كۈنى ئىبراھىم ئۇنىڭ خەتنىسىنى قىلدى.

5ئىسھاق تۇغۇلغان چاغدا، ئىبراھىم يۈز ياشتا ئىدى.

6سارە ئۆزىگە: «خۇدا مېنى خۇرسەن قىلدى. بۇ ئىشنى ئاڭلىغانلارمۇ مەن بىلەن بىللە خۇش كۈلىدۇ! 7كىم سارەنى ئۆز بالىسىنى ئېمىتىشكە مۇيەسسەر بولىدۇ، دەپ ئويلىغان؟ شۇنداق بولسىمۇ، ئىبراھىمنىڭ قېرىغان ۋاقتىدا، مەن ئۇنىڭغا بىر ئوغۇل تۇغۇپ بەردىم!» دېدى. [داۋامى]

تەۋرات، « ئالەمنىڭ يارىتىلىشى » 22- باب

1بۇ ۋەقەلەردىن كېيىن، خۇدا ئىبراھىمنىڭ ئېتىقادىنى سىناپ، ئۇنى:

_ ئىبراھىم! _ دەپ چاقىردى.

ئىبراھىم:

_ لەببەي! _ دېدى.

2خۇدا ئۇنىڭغا:

_ سەن ئوغلۇڭنى، يەنى ئامراق يالغۇز ئوغلۇڭ ئىسھاقنى ئېلىپ، مورىيا رايونىغا بېرىپ، مەن كۆرسىتىدىغان تاغنىڭ ئۈستىدە ئۇنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۈپىتىدە ماڭا ئاتىغىن، _ دېدى.

3ئەتىسى سەھەردە، ئىبراھىم ئېشەكنى ئېگەرلەپ، ئىسھاق بىلەن ئىككى چاكىرىنى ئېلىپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىققا ئىشلىتىدىغان ئوتۇنلارنى تەييارلاپ، خۇدا كۆرسەتكەن جايغا قاراپ ماڭدى. 4ئۈچىنچى كۈنى، ئىبراھىم ئۇ يەرنى يىراقتىن كۆردى 5ۋە چاكارلىرىغا:

_ سىلەر ئېشەك بىلەن بۇ يەردە تۇرۇپ تۇرۇڭلار. بالام ئىككىمىز ئۇ يەرگە بېرىپ، ئىبادەت قىلىپ كېلەيلى، _ دېدى.

6ئىبراھىم ئىسھاققا ئوتۇنلارنى كۆتۈرتۈپ، ئۆزى قولىغا پىچاق بىلەن ئوت ئېلىپ، ئىسھاق بىلەن يۈرۈپ كەتتى. 7ئىسھاق:

_ ئاتا، _ دەپ چاقىردى.

ئىبراھىم:

_ ھە، ئوغلۇم؟ _ دېدى.

_ ئوت بىلەن ئوتۇن بار، لېكىن كۆيدۈرمە قۇربانلىققا ئىشلىتىلىدىغان قوزا قېنى؟ _ دەپ سورىدى ئىسھاق.

8ئىبراھىم ئۇنىڭغا:

_ ئەي ئوغلۇم! قۇربانلىق قىلىدىغان قوزىنى خۇدا ئۆزى يەتكۈزۈپ بېرىدۇ، _ دەپ جاۋاب بەردى. ئىككىيلەن توختىماي مېڭىۋەردى.

9ئۇلار خۇدا ئىبراھىمغا كۆرسەتكەن جايغا كەلگەندە، ئىبراھىم قۇربانلىق سۇپىسى ياساپ، ئوتۇنلارنى ئۈستىگە قويۇپ، ئۆز ئوغلىنى باغلاپ، ئوتۇن دۆۋىلەنگەن سۇپىغا ياتقۇزدى. 10ئاندىن، ئوغلىنى بوغۇزلاش ئۈچۈن پىچاقنى كۆتۈردى. 11بىراق، پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئەرشتىن:

_ ئىبراھىم! ئىبراھىم! _ دەپ، ۋاقىرىدى.

_ لەببەي! _ دېدى ئۇ.

12پەرىشتە ئۇنىڭغا:

_ قولۇڭنى تارت! بالىغا چېقىلما! سېنىڭ ماڭا بولغان ئىخلاسمەنلىكىڭنى ئەمدى كۆردۈم. چۈنكى، سەن ئۆز ئوغلۇڭنى، يەنى بىر تال ئوغلۇڭنىمۇ مەندىن ئايىمىدىڭ، _ دېدى.

13ئىبراھىم ئەتراپىغا قارىۋىدى، مۈڭگۈزى چاتقالغا ئېلىشىپ قالغان بىر قوچقار ئۇنىڭ كۆزىگە چېلىقتى. ئۇ بېرىپ قوچقارنى يېشىپ، ئۇنى ئۆز ئوغلىنىڭ ئورنىدا قۇربانلىق قىلىپ كۆيدۈرۈۋەتتى.

14شۇڭا، ئىبراھىم ئۇ يەرنى ياھۋە-يىرەھ [مەنىسى «پەرۋەردىگار تەمىنلەيدۇ»] دەپ ئاتىدى. ھازىرغا قەدەر كىشىلەر «پەرۋەردىگار ئۆز تېغىدا تەمىنلەيدۇ» دېيىشىدۇ.

15پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئىككىنچى قېتىم ئاسماندىن ئىبراھىمغا:

16_ پەرۋەردىگار دەيدۇكى: «سەن سۆيۈملۈك بىر تال ئوغلۇڭنى ئايىمىغانىكەنسەن، مەن ئۆز نامىم بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، 17ساڭا بەخت ئاتا قىلىش بىلەن، نۇرغۇن ئەۋلادلارنى بېرىمەن. ئۇلارنىڭ سانى ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك، دېڭىز ساھىللىرىدىكى قۇمدەك كۆپ بولىدۇ. سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ دۈشمەن شەھەرلىرىنى ئىشغال قىلىدۇ. 18مېنىڭ ئەمرىمگە ئىتائەت قىلغانلىقىڭ ئۈچۈن، سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ ئارقىلىق يەر يۈزىدىكى ھەممە خەلقلەر بەختكە ئېرىشىدۇ» _ دېدى.

19ئىبراھىم چاكارلىرىنىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىپ، ئۇلار بىلەن بىللە ئۆزى ئولتۇراقلاشقان يەرگە، يەنى بەئەرشەباغا قايتتى. [داۋامى]

تەۋرات، « ئالەمنىڭ يارىتىلىشى » 24- باب

62شۇ ۋاقىتتا، ئىسھاق بېئېر-لاھايروي دېگەن يەردىن ئايرىلىپ، ئۆزى ئولتۇرۇۋاتقان كەنئاننىڭ جەنۇبىدىكى نەگېب رايونىغا قايتىپ كەلدى. 63بىر كۈنى كۈن پېتىش ۋاقتىدا ئۇ دالادا خۇدانى چوڭقۇر سېغىنىپ، بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىۋىدى، تۆگە كارۋىنىنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردى.

64-65رىبەقا ئىسھاقنى كۆرۈش بىلەنلا، تۆگىدىن چۈشۈپ، ئىبراھىمنىڭ چاكىرىدىن:

_ دالادا بىز تەرەپكە قاراپ كېلىۋاتقان ئاۋۇ كىشى كىم؟ _ دەپ سورىدى.

_ ئۇ مېنىڭ كىچىك خوجايىنىم، _ دەپ جاۋاب بەردى چاكار.

بۇنىڭ بىلەن، رىبەقا يۈزىنى ياغلىقى بىلەن يېپىۋالدى.

66چاكار ئۆزىنىڭ قىلغان ئىشلىرىنى ئىسھاققا بىر-بىرلەپ سۆزلەپ بەردى. 67ئىسھاق رىبەقانى ئانىسى سارە ھايات ۋاقتىدا تۇرغان چېدىرغا باشلاپ كىرىپ، نىكاھىغا ئالدى. ئانىسى ۋاپات بولغان بولسىمۇ، ئۇ رىبەقانىڭ مۇھەببىتىدىن ئۆزىگە تەسەللى تاپتى. [داۋامى]

تەۋرات، « ئالەمنىڭ يارىتىلىشى » 25- باب

19ئىبراھىمنىڭ ئوغلى ئىسھاقنىڭ ئىش-ئىزلىرى تۆۋەندىكىچە:

20ئىسھاق قىرىق يېشىدا رىبەقاغا ئۆيلەندى. رىبەقا بولسا پاددان-ئاررامنىڭ ئارران دېگەن يېرىدىن بولغان بېتۇئېلنىڭ قىزى ۋە لاباننىڭ سىڭلىسى ئىدى. 21رىبەقا پەرزەنت كۆرمىگەنلىكى سەۋەبىدىن، ئىسھاق ئۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭ دۇئاسىنى قوبۇل قىلىپ، رىبەقا ھامىلىدار بولدى. 22بالا قوشكېزەك بولۇپ، ئۇلار تۇغۇلۇشتىن ئىلگىرى، ئانىسىنىڭ قورسىقىدا قاتتىق سوقۇشتى. رىبەقا: «ماڭا نېمە بولغىنى؟» دەپ پەرۋەردىگاردىن سورىدى.

23پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب بەردى:

«سېنىڭ قورسىقىڭدىن ئىككى خەلق چىقىدۇ.

تۇغۇلۇپلا ئايرىم بولىدۇ.

بىرى يەنە بىرىدىن كۈچلۈك بولۇپ،

چوڭى كىچىكىگە خىزمەت قىلىدۇ.»

24ئۇنىڭ ئاي-كۈنى توشۇپ، قوشكېزەك تۇغدى. 25ئاۋۋال تۇغۇلغىنى قىزغۇچ بولۇپ، پۈتۈن بەدىنى ھايۋاننىڭكىدەك تۈكلۈك ئىدى. شۇڭا، ئۇنىڭ ئىسمىنى ئەساۋ [مەنىسى «تۈكلۈك»] دەپ قويدى. 26كېيىن تۇغۇلغىنىنىڭ قولى ئەساۋنىڭ تاپىنىنى چىڭ تۇتۇۋالغانلىقى ئۈچۈن، ئىسمىنى ياقۇپ [مەنىسى «تاپىنىغا ئېسىلىۋالغۇچى»] دەپ قويدى. ئۇلار تۇغۇلغاندا، ئىسھاق ئاتمىش ياشقا كىرگەنىدى.

27ئىككى بالا چوڭ بولدى. ئەساۋ ئۇستا ئوۋچى بولۇپ، دالادا يۈرۈشنى ياخشى كۆرەتتى. لېكىن، ئىنىسى ياقۇپ جىمجىت يۈرىدىغان ئادەم بولۇپ، ھەمىشە ئۆيدە تۇراتتى. 28ئىسھاق ئەساۋنى ياخشى كۆرەتتى. چۈنكى، ئۇ ئەساۋ ئوۋلاپ كەلگەن ئوۋ گۆشىگە ئامراق ئىدى. رىبەقا بولسا ياقۇپنى ياخشى كۆرەتتى. [داۋامى]

تەۋرات، « ئالەمنىڭ يارىتىلىشى » 26- باب

2پەرۋەردىگار ئىسھاققا كۆرۈنۈپ، ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:

_ سەن مىسىرغا بارماي، مەن تۇر دېگەن جايدا تۇرۇپ قال. 3سەن بۇ يەردە تۇرساڭ، مەن ساڭا يار بولىمەن ھەمدە سېنى بەختلىك قىلىمەن. مەن بۇ زېمىننى ساڭا ۋە سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭغا تەقدىم قىلىمەن. ئاتاڭ ئىبراھىم بىلەن تۈزگەن ئەھدەمدە چىڭ تۇرىمەن. 4مەن ساڭا ئاسماندىكى يۇلتۇزلاردەك نۇرغۇن ئەۋلاد بېرىمەن ھەمدە بۇ پۈتكۈل زېمىننى ئۇلارغا تەقدىم قىلىمەن. سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ ئارقىلىق يەر يۈزىدىكى پۈتكۈل خەلقلەر بەخت تاپىدۇ. 5چۈنكى، ئىبراھىم ماڭا ئىتائەت قىلىپ، پۈتۈن قانۇن ۋە ئەمر-پەرمانلىرىمغا رىئايە قىلدى.

6شۇنىڭ بىلەن، ئىسھاق گىراردا تۇرۇپ قالدى. [داۋامى]

تەۋرات، « ئالەمنىڭ يارىتىلىشى » 35- باب

27ياقۇپ ئاتىسى ئىسھاقنىڭ يېنىغا، يەنى مامرە دېگەن يەرگە كەلدى. مامرە بولسا قىريات-ئاربا، يەنى ھىبروننىڭ يېنىدا بولۇپ، بۇ دەل ئىبراھىم بىلەن ئىسھاق تۇرغان جاي ئىدى. 28ئىسھاق يۈز سەكسەن ياش ئۆمۈر كۆردى. 29ئۇ ئۇزۇن ياشاپ، ئەجدادلىرىنىڭ قېشىغا كەتتى. ئۇنى ئوغۇللىرى ئەساۋ بىلەن ياقۇپ دەپنە قىلدى. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر