سوئال

« زەبۇر » 90- مۇناجات

تەقۋادار مۇسا پەيغەمبەرنىڭ دۇئاسى

1ئى رەببىم، پاناھ بولۇپ كەلدىڭ بىزگە،

ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە.

2تاغلار بەرپا قىلىنماستىنلا،

زېمىن ۋە ئالەم يارىتىلماستىنلا،

ئۆزۈڭ خۇدا ئىدىڭ ئەزەلدىنلا،

مەڭگۈگە خۇدادۇرسەن يەنىلا. [داۋامى]

تەۋرات، « مىسىردىن چىقىش » 2- باب

1ئىسرائىللارنىڭ لاۋىي قەبىلىسىدىكى بىر كىشى ئۆز قەبىلىسىدىن بولغان بىرسىگە نىكاھلاندى. 2ئايالى ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغدى. ئانا بوۋاقنىڭ چىرايلىق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۇنى ئۈچ ئاي يوشۇرۇن ساقلىدى. 3ئۇ بالىنى زادى يوشۇرالمايدىغان يەرگە كەلگەندە، قومۇشتىن بىر سېۋەت توقۇپ، ئۇنى موم ۋە لاي بىلەن سۇۋاپ، سۇ ئۆتمەس قىلدى ۋە بالىنى سېۋەتكە سېلىپ، ئاندىن سېۋەتنى نىل دەرياسى بويىدىكى قومۇشلۇققا ئاپىرىپ، يوشۇرۇنچە سۇغا قويۇۋەتتى. 4بالىنىڭ ھەدىسى قانداق ئەھۋال يۈز بېرىدىكىن دەپ، يىراقتىن سېۋەتنى كۆزىتىپ تۇردى.

5پادىشاھنىڭ قىزى دەريا بويىغا سۇغا چۆمۈلگىلى كەلدى. ئۇنىڭ كېنىزەكلىرى دەريا بويىدا سەيلە قىلىشقا باشلىدى. تۇيۇقسىز، مەلىكە قومۇشلۇقتا بىر سېۋەتنىڭ تۇرغىنىنى كۆرۈپ قالدى-دە، ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن خاس كېنىزىكىنى ئەۋەتتى. 6مەلىكە سېۋەتنى ئېچىپ، بىر ئوغۇل بوۋاقنىڭ يىغلاپ ياتقىنىنى كۆردى. مەلىكە ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىپ:

_ بۇ چوقۇم بىر ئىبرانىينىڭ بوۋىقى، _ دېدى.

7بۇ چاغدا، بوۋاقنىڭ ھەدىسى كېلىپ، مەلىكىگە:

_ مەن بېرىپ، ئىبرانىيلار ئارىسىدىن سىز ئۈچۈن بوۋاقنى ئېمىتىدىغان بىر ئىنىكئانا تېپىپ كېلەيمۇ؟ _ دەپ سورىدى.

8مەلىكە:

_ ماقۇل، بارغىن، _ دېدى. ئۇ بېرىپ، بوۋاقنىڭ ئۆز ئانىسىنى چاقىرىپ كەلدى. 9مەلىكە بۇ ئايالغا:

_ بوۋاقنى ئۆيۈڭگە ئېلىپ كېتىپ، مەن ئۈچۈن ئېمىت. ئىش ھەققىڭنى بېرىمەن، _ دېدى. بۇنىڭ بىلەن، ئايال بوۋاقنى ئۆيىگە ئېلىپ كېتىپ ئېمىتتى. 10بالا خېلى چوڭ بولغاندا، ئانىسى ئۇنى مەلىكىنىڭ ئالدىغا ئېلىپ باردى. مەلىكە ئۇنى ئۆز ئوغلى قىلىپ بېقىۋالدى ۋە «مەن ئۇنى سۇدىن تارتىپ چىقىرىۋالغان» دەپ، ئۇنىڭغا مۇسا [ئىبرانىي تىلىدىكى «تارتىپ چىقىرىش» دېگەن سۆز بىلەن ئاھاڭداش] دېگەن ئىسىمنى قويدى. [داۋامى]

تەۋرات، « مىسىردىن چىقىش » 3- باب

1مۇسا قېيناتىسى، مىديان روھانىيسى يېترو (يەنە بىر ئىسمى رەئۇل)نىڭ قويىنى باقاتتى. بىر كۈنى، ئۇ پادىسىنى ھەيدەپ چۆلنى كېسىپ ئۆتۈپ، خۇدانىڭ تېغى _ سىناي تېغىغا كەلدى. 2ئۇ يەردە پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى تىكەنلىكتىكى يالقۇنجاپ يېنىۋاتقان ئوت ئىچىدىن مۇساغا تۇيۇقسىز كۆرۈندى. مۇسا تىكەنلىكتە ئوت يېنىۋاتقان بولسىمۇ، تىكەنلىكنىڭ كۆيۈپ كەتمەيۋاتقانلىقىنى كۆردى. 3ئۇ «بۇ ئاجايىپ ئىشقۇ، تىكەنلىك نېمىشقا كۆيۈپ كەتمەيدىغاندۇ؟ يېنىغا بېرىپ قاراپ باقايچۇ!» دەپ ئويلىدى.

4مۇسانىڭ يېقىنلاپ كەلگىنىنى كۆرگەن پەرۋەردىگار تىكەنلىكنىڭ ئىچىدىن:

_ مۇسا! مۇسا! _ دەپ توۋلىدى.

_ مانا مەن! _ دەپ جاۋاب بەردى مۇسا.

5خۇدا ئۇنىڭغا:

_ بۇ يەرگە يېقىن كەلمە، چورۇقلىرىڭنى سالغىن. چۈنكى، سەن تۇرۇۋاتقان يەر مۇقەددەستۇر. 6مەن سېنىڭ ئاتاڭ، شۇنداقلا ئەجدادلىرىڭ ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا بولىمەن، _ دېدى.

بۇنى ئاڭلىغان مۇسا خۇداغا قاراشقا پېتىنالماي، يۈزىنى ئېتىۋالدى. [داۋامى]

تەۋرات، « مىسىردىن چىقىش » 5- باب

1شۇنىڭدىن كېيىن، مۇسا بىلەن ھارۇن مىسىر پادىشاھى بىلەن كۆرۈشۈپ:

_ پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا سىزگە: «خەلقىمنىڭ مەن ئۈچۈن ھېيت ئۆتكۈزگىلى چۆل-باياۋانغا بېرىشىغا يول قوي» دەيدۇ، _ دېدى.

2مىسىر پادىشاھى ئۇلارغا:

_ مېنى سۆزىگە ئىتائەت قىلدۇرۇپ، ئىسرائىل خەلقىنى قويۇپ بەرگۈزگۈدەك قانداق پەرۋەردىگار ئىكەن ئۇ؟ مەن پەرۋەردىگارنى تونۇمايمەن. ئىسرائىللارنىمۇ قويۇپ بەرمەيمەن، _ دېدى. [داۋامى]

ئىنجىل، « ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت » 11- باب

23ئېتىقادى ۋەجىدىن، مۇسا پەيغەمبەر تۇغۇلغاندا، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇنى ئۈچ ئاي يوشۇردى. چۈنكى، ئۇلار مۇسانىڭ ئادەتتىكى بالا ئەمەس ئىكەنلىكىنى كۆردى، پادىشاھنىڭ پەرمانىدىنمۇ قورقمىدى. 24ئېتىقادى ۋەجىدىن، مۇسا پەيغەمبەر چوڭ بولغاندىن كېيىن، مىسىر پادىشاھىنىڭ قىزىنىڭ ئوغلى بولۇش سالاھىيىتىنى رەت قىلدى. 25ئۇ گۇناھلىق ئىشلارنى قىلىشتىن كېلىدىغان ۋاقىتلىق خۇشاللىقتىن بەھرىمەن بولۇشنىڭ ئورنىغا، خۇدانىڭ خەلقى بىلەن بىللە ئازاب چېكىشنى تاللىدى. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر