سوئال

تەۋرات، « ئالەمنىڭ يارىتىلىشى » 6- باب

5پەرۋەردىگار ئىنسانلارنىڭ رەزىللىكىنى، نىيىتىنىڭ ھەرقاچان يامانلىقىنى كۆرۈپ، 6ئۆزىنىڭ ئادەمنى ياراتقانلىقىغا پۇشايمان قىلدى. ئۇ ئىنتايىن ئېچىنغان ھالدا:

7_ مەن ياراتقان ئىنسانلارنى يەر يۈزىدىن يوقىتىمەن. شۇنداقلا، بارلىق چوڭ-كىچىك ھايۋاناتلار ۋە ئۇچارقاناتلارنىمۇ يوق قىلىمەن. ئۇلارنى ياراتقانلىقىم ئۈچۈن ئەپسۇسلىنىمەن! _ دېدى.

8لېكىن، پەرۋەردىگار نۇھتىن خۇرسەن ئىدى.

9-10نۇھنىڭ ئىش-ئىزلىرى تۆۋەندىكىچە: نۇھنىڭ سام، ھام، ياپەت ئىسىملىك ئۈچ ئوغلى بار ئىدى. نۇھ ئۆز زامانىدا بىردىنبىر دۇرۇس، قۇسۇرسىز ئادەم بولۇپ، خۇداغا يېقىن ياشىغانىدى. 11باشقا ئىنسانلار بولسا خۇدانىڭ نەزىرىدە گۇناھقا پاتقان بولۇپ، يەر يۈزى ئۇلار سەۋەبلىك زوراۋانلىققا تولغانىدى. 12خۇدا دۇنياغا نەزەر سېلىپ، كىشىلەرنىڭ قىلمىشلىرىنىڭ رەزىللىكىدىن دۇنيانىڭ ئىنتايىن بۇزۇلغانلىقىنى كۆردى. 13شۇنىڭ بىلەن، خۇدا نۇھقا:

_ دۇنيا ئىنسانلارنىڭ زوراۋانلىقىغا تولۇپ كەتتى. شۇڭا، مەن ئۇلارنى يوقىتىمەن! دۇنيا بىلەن قوشۇپ پۈتۈنلەي يوقىتىمەن! 14سەن ياخشى شەمشاد ياغىچىدىن ئۆزۈڭگە بىر كېمە ياسا. ياسىغان كېمىنىڭ ئىچىدە ئۆيلەر بولسۇن. سۇ كىرمەسلىكى ئۈچۈن، ئىچى-سىرتىنى موملا. [داۋامى]

تەۋرات، « ئالەمنىڭ يارىتىلىشى » 7- باب

6توپان يەر يۈزىنى باسقاندا، نۇھ ئالتە يۈز ياشتا ئىدى. 7ئۇ توپان بالاسىدىن قۇتۇلۇپ قېلىش ئۈچۈن، ئايالى، ئوغۇللىرى ۋە كېلىنلىرىنى ئېلىپ كېمىگە چىقتى. 8-9«ھالال» ۋە «ھارام» دەپ بېكىتىلگەن ھەر خىل چوڭ-كىچىك ھايۋاناتلار ۋە ئۇچارقاناتلارمۇ خۇدانىڭ نۇھقا ئېيتقىنىدەك نۇھنىڭ ئالدىغا كېلىپ، جۈپلىرى بىلەن كېمىگە كىردى. 10يەتتە كۈندىن كېيىن، يەر يۈزىنى توپان بېسىشقا باشلىدى. [داۋامى]

تەۋرات، « ئالەمنىڭ يارىتىلىشى » 8- باب

20نۇھ پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياساپ، «ھالال» دەپ بېكىتىلگەن ھايۋانات ۋە ئۇچارقاناتلارنىڭ ھەر تۈرىدىن تاللاپ سويۇپ، قۇربانلىق سۈپىتىدە كۆيدۈرۈۋەتتى. 21پەرۋەردىگار قۇربانلىقتىن مەمنۇن بولۇپ، كۆڭلىدە: «ئىنسانلارنىڭ قىلمىشلىرى ئۈچۈن يەرگە قايتا لەنەت ئوقۇمايمەن. ئىنسانلارنىڭ كىچىكىدىن تارتىپ نىيىتىنىڭ پۈتۈنلەي يامانلىقىنى بىلىمەن. شۇنداق بولسىمۇ، يەر يۈزىدىكى بارلىق جانلىقلارنى ھەرگىز بۇ قېتىمقىدەك قايتا يوقىتىۋەتمەيمەن. 22يەر يۈزى بىر كۈن مەۋجۇت بولسا، ئۇنىڭدا تېرىم-يىغىم، ئىسسىق-سوغۇق، قىش-ياز، كېچە-كۈندۈزمۇ مەۋجۇت بولىدۇ!» دېدى. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر