بەيتانىيا يېزىسىدىكى مارتا ۋە مەريەم

ئىنجىل، « لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 10- باب

38ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرى بىلەن بىللە سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، بىر يېزىغا كەلدى. ئۇ يەردە مارتا ئىسىملىك بىر ئايال ئۇنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلدى. 39مارتانىڭ مەريەم ئىسىملىك بىر سىڭلىسى بار ئىدى. ئۇ ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئايىغى تەرەپتە ئولتۇرۇپ، تەلىمىنى ئاڭلاۋاتاتتى. 40ئۆيدىكى ئىشلارنىڭ كۆپلۈكىدىن پايپېتەك بولۇپ يۈرگەن مارتا ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ:

_ ئى رەببىم، سىڭلىم مەريەم شۇنچە كۆپ ئىشلارنى ماڭىلا تاشلىۋەتتى، ئۇنى ماڭا ياردەملەشتۈرگەيسىز! _ دېدى.

41بىراق، ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب بەردى:

_ ئەي مارتا، سەن زىيادە ئىشلارغا باش قاتۇرۇپ ئاۋارە بولۇپ يۈرۈۋاتىسەن. 42بىراق، بىرلا مۇھىم ئىش بار. مەريەم شۇ ياخشى ئىشنى تاللىۋالدى. بۇنى ھېچكىم ئۇنىڭدىن تارتىۋالالمايدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 11- باب

1-2لازار ئىسىملىك بىر ئادەم كېسەل بولۇپ قالغانىدى. ئۇ ھەدىلىرى مەريەم ۋە مارتا بىلەن يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىكى بەيتانىيا يېزىسىدا تۇراتتى. مەريەم بولسا ھەزرىتى ئەيسانىڭ پۇتلىرىغا خۇش پۇراق ياغ سۈركەپ، چاچلىرى بىلەن ئۇلارنى ئېرتىپ قۇرۇتقان ئايال ئىدى.

3لازارنىڭ ھەدىلىرى ھەزرىتى ئەيساغا: «ئى رەببىمىز، سىز ياخشى كۆرىدىغان دوستىڭىز كېسەل بولۇپ قالدى» دەپ خەۋەر بېرىشتى.

4ھەزرىتى ئەيسا بۇنى ئاڭلاپ:

_ بۇ كېسەللىك لازارنىڭ ئۆلۈمى بىلەن ئاياغلاشمايدۇ. ئەكسىچە، بۇ ئارقىلىق خۇدانىڭ ئوغلىنىڭ ئۇلۇغلۇقى ئايان بولۇپ، خالايىق خۇداغا مەدھىيە ئوقۇيدۇ، _ دېدى.

5ھەزرىتى ئەيسا مارتا، مەريەم ۋە لازارنى بەك ياخشى كۆرەتتى. 6گەرچە ئۇ لازارنىڭ كېسەل ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغان بولسىمۇ، ئۆزى تۇرۇۋاتقان يەردە يەنە ئىككى كۈن تۇردى. 7ئاندىن كېيىن، شاگىرتلىرىغا:

_ يەھۇدىيىگە قايتا بارايلى! _ دېدى.

8شاگىرتلىرى ئۇنىڭغا:

_ ئۇستاز، يېقىندىلا ئۇ يەردىكى خەقلەر سىزنى چالما-كېسەك قىلماقچى بولغان تۇرسا، يەنە ئۇ يەرگە قايتا بارامسىز؟ _ دېيىشتى.

9ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى:

_ كۈندۈز ئون ئىككى سائەت ئەمەسمۇ؟ كۈندۈزى يول ماڭغان يىقىلماس، چۈنكى ئۇ بۇ دۇنيانىڭ يورۇقىنى كۆرىدۇ. 10لېكىن، كېچىسى يول ماڭغان يىقىلار، چۈنكى ئۇنىڭدا يورۇقلۇق يوقتۇر.

11ھەزرىتى ئەيسا بۇ سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن:

_ دوستىمىز لازار ئۇخلاپ قالدى، مەن ئۇنى ئويغاتقىلى بارىمەن، _ دەپ قوشۇپ قويدى.

12شاگىرتلار:

_ ئۇخلىغان بولسا ياخشى بولۇپ قالىدۇ، ئى رەببىمىز، _ دېدى.

13ھەزرىتى ئەيسا لازارنىڭ ئۆلۈمىنى دېمەكچىدى، لېكىن ئۇلار ئادەتتىكى ئۇيقۇنى دەۋاتىدۇ، دەپ ئويلاشتى. 14شۇنىڭ بىلەن، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا ئوچۇقىنى ئېيتىپ:

_ لازار ئالەمدىن ئۆتتى، دېمەكچىمەن. 15سىلەرنى دەپ، ئۇنىڭ قېشىدا بولمىغانلىقىمغا خۇشالمەن. چۈنكى، بۇ سىلەرنىڭ ئېتىقادىڭلارنىڭ كۈچەيتىلىشى ئۈچۈن، يەنە بىر پۇرسەت يارىتىپ بەردى. ئەمدى ئۇ بار يەرگە بارايلى، _ دېدى.

16«قوشكېزەك» دەپ ئاتىلىدىغان توماس باشقا شاگىرتلارغا:

_ بىزمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىللە بارايلى ھەم ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆلەيلى، _ دېدى.

17ھەزرىتى ئەيسا شاگىرتلىرى بىلەن بەيتانىياغا بارغاندا، لازارنىڭ يەرلىككە قويۇلغىنىغا تۆت كۈن بولغانلىقىدىن خەۋەر تاپتى. 18بەيتانىيا يېرۇسالېمدىن ئۈچ چاقىرىم يىراقلىقتا ئىدى. 19نۇرغۇن يەھۇدىيلار مارتا بىلەن مەريەمنىڭ ئىنىسىنىڭ ئۆلۈمىگە تەسەللى بېرىش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ يېنىغا كەلگەنىدى. 20مارتا ھەزرىتى ئەيسانىڭ كېلىۋاتقانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، ئۇنىڭ ئالدىغا چىقتى. مەريەم بولسا ئۆيدە قالدى.

21_ ئى رەببىم، _ دېدى مارتا ھەزرىتى ئەيساغا، _ بۇ يەردە بولغان بولسىڭىز، ئىنىم ئۆلمەس ئىدى. 22ھېلىمۇ، خۇدادىن نېمە تىلىسىڭىز، ئۇنىڭ سىزگە شۇنى بېرىدىغانلىقىنى بىلىمەن.

23_ ئىنىڭىز تىرىلىدۇ، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا.

24مارتا:

_ قىيامەت كۈنى، ئۇنىڭ جەزمەن تىرىلىدىغانلىقىنى بىلىمەن، _ دېدى.

25_ ئىنسانلارنى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگۈچى ۋە ھاياتلىق بەرگۈچى ئۆزۈمدۇرمەن، _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا، _ ماڭا ئېتىقاد قىلغان كىشى ئۆلسىمۇ، يەنە ھايات بولىدۇ. 26ماڭا ئېتىقاد قىلىپ، مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشكەنلەر ئەسلا ئۆلمەيدۇ؛ بۇنىڭغا ئىشىنەمسىز؟

27_ ئىشىنىمەن رەببىم، _ دېدى مارتا، _ سىزنىڭ ئىنسانلار ئارىسىغا كېلىشكە تەيىنلەنگەن قۇتقۇزغۇچى _ مەسىھ، خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەنلىكىڭىزگە ئىشىنىمەن.

28مارتا بۇنى دەپ بولغاندىن كېيىن، قايتىپ سىڭلىسى مەريەمنى ئاستىغىنا چاقىرىپ:

_ ئۇستازىمىز كېلىپ بولدى. سېنى چاقىرىۋاتىدۇ، _ دېدى.

29مەريەم بۇنى ئاڭلاپ، دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ، ھەزرىتى ئەيسا بىلەن كۆرۈشكىلى ماڭدى.

30ئۇ پەيتتە ھەزرىتى ئەيسا تېخى يېزىغا كىرمىگەن بولۇپ، مارتا ئالدىغا چىققان يەردە ئىدى. 31ئۆيدە مەريەمگە تەسەللى بېرىۋاتقان خالايىق مەريەمنىڭ بىردىنلا ئورنىدىن تۇرۇپ، سىرتقا چىقىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈشتى ۋە ئۇنى قەبرىستانلىققا يىغا-زار قىلغىلى ماڭدى دەپ ئويلاپ، ئۇنىڭ كەينىدىن مېڭىشتى.

32بىراق، مەريەم ھەزرىتى ئەيسا بار يەرگە باردى ۋە ئۇنى كۆرۈپ، ئايىغىغا يىقىلىپ:

_ ئى رەببىم، بۇ يەردە بولغان بولسىڭىز، ئىنىم ئۆلمەس ئىدى! _ دېدى.

33مەريەمنىڭ ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە كەلگەن خالايىقنىڭ يىغا-زار قىلىشقىنىنى كۆرگەن ھەزرىتى ئەيسا غەزەپلىنىپ، كۆڭلى قاتتىق ئازابلىنىشقا باشلىدى ۋە:

34_ ئۇنى قەيەرگە قويدۇڭلار؟ _ دەپ سورىدى.

_ ئى رەببىمىز، كېلىپ كۆرۈڭ، _ دېيىشتى ئۇلار.

35ھەزرىتى ئەيسا كۆز يېشى قىلدى. 36خەقلەر:

_ قاراڭلار، ئۇ لازارنى نېمىدېگەن ياخشى كۆرگەن! _ دېيىشتى.

37ئۇلارنىڭ ئىچىدە بەزىلىرى:

_ قارىغۇنىڭ كۆزىنى ئاچقان كىشى لازارنىڭ ھاياتىنى ئۆلۈمدىن ساقلاپ قالالمايتتىمۇ؟ _ دېيىشتى.

38ھەزرىتى ئەيسا ئىچىدە يەنە غەزەپلىنىپ، يەرلىكنىڭ ئالدىغا باردى. يەرلىك كىرىش ئاغزى چوڭ بىر تاش بىلەن توسۇلغان ئۆڭكۈر ئىدى. 39ھەزرىتى ئەيسا:

_ تاشنى ئېلىۋېتىڭلار! _ دېدى.

ئۆلگۈچىنىڭ ھەدىسى مارتا:

_ ئى رەببىم، ئالەمدىن ئۆتكىنىگە تۆت كۈن بولدى، ھازىر جەسىتى پۇراپ كەتكەندۇ، _ دېدى.

40ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا:

_ مەن ساڭا: «ئېتىقاد قىلساڭ، خۇدانىڭ ئۇلۇغلۇقىنى كۆرىسەن» دېگەنىدىمغۇ! _ دېدى.

41بۇنىڭ بىلەن، خالايىق تاشنى ئېلىۋەتتى، ھەزرىتى ئەيسا كۆزلىرىنى ئاسمانغا تىكىپ، مۇنداق دۇئا قىلدى:

_ ئى ئاتا، تەلىپىمنى ئاڭلايدىغىنىڭ ئۈچۈن ساڭا شۈكۈر ئېيتىمەن. 42تەلەپلىرىمنى ھەمىشە ئاڭلايدىغانلىقىڭنى بىلىمەن. شۇنداق بولسىمۇ، ئەتراپىمدىكى خالايىق سېنىڭ مېنى ئەۋەتكەنلىكىڭگە ئىشەنسۇن دەپ، بۇنى ئېيتىۋاتىمەن.

43ھەزرىتى ئەيسا بۇ سۆزلەرنى قىلغاندىن كېيىن، يۇقىرى ئاۋازدا:

_ لازار، تاشقىرىغا چىق! _ دەپ توۋلىدى.

44لازار قول-پۇتلىرى كېپەنلەنگەن، ئېڭىكى تېڭىلغان ھالدا تاشقىرىغا چىقتى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا:

_ كېپەنلىكنى سالدۇرۇپ، ئۇنى ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىڭلار! _ دېدى. [داۋامى]

ئىنجىل، « يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 12- باب

1ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدىن ئالتە كۈن ئىلگىرى، ھەزرىتى ئەيسا ئۆزى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرگەن لازار تۇرغان جاي _ بەيتانىياغا كەلدى. 2ئۇ يەردە ئۇنىڭغا زىياپەت بېرىلدى. مارتا ئۇ يەردە مېھمانلارنى كۈتۈۋاتاتتى. لازار ھەزرىتى ئەيسا بىلەن ھەمداستىخان بولغانلاردىن بىرى ئىدى. 3مەريەم ساپ سۇمبۇلدىن ياسالغان ئىنتايىن قىممەت باھالىق ئەتىردىن ئاز كەم بىر قاداق ئەكېلىپ، ھەزرىتى ئەيسانىڭ پۇتلىرىغا قۇيدى ۋە چاچلىرى بىلەن ئەتىرنى ئۇنىڭ پۇتلىرىغا سۈردى. ئۆي ئەتىرنىڭ خۇش پۇرىقى بىلەن تولدى. 4لېكىن، ھەزرىتى ئەيسانىڭ شاگىرتلىرىدىن بىرى، يەنى كېيىن ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلىدىغان يەھۇدا ئىشقارىيوت:

5_ بۇ ئەتىرنىڭ قىممىتى بىر ئادەمنىڭ يىللىق كىرىمىگە تەڭ كېلىدىكەن! نېمىشقا بۇ ئەتىر سېتىلىپ، پۇلى كەمبەغەللەرگە بېرىلمىدى؟ _ دېدى.

6بۇ سۆزنى ئۇ كەمبەغەللەرگە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، ئوغرى بولغانلىقى ئۈچۈن دېگەنىدى. ئۇ شاگىرتلارنىڭ ئورتاق پۇلىنى باشقۇراتتى ۋە ئوغرىلاپ خەجلەيتتى.

7_ ئايالنىڭ ئىختىيارىغا قويۇۋەت! _ دېدى ھەزرىتى ئەيسا، _ ئۇ بۇ ئارقىلىق مېنىڭ دەپنە قىلىنىدىغان كۈنۈمگە تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ. 8كەمبەغەللەر ھەر دائىم ئاراڭلاردا، لېكىن مەن ھەر دائىم ئاراڭلاردا بولمايمەن. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى