ئەيسا مەسىھ: «دۇنيانىڭ نۇرى»

ئىنجىل، « يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 8- باب

12ھەزرىتى ئەيسا يەنە كۆپچىلىككە مۇنداق دېدى:

_ دۇنيانىڭ نۇرى ئۆزۈمدۇرمەن. ماڭا ئەگەشكەنلەر قاراڭغۇلۇقتا قالمايدۇ. ئەكسىچە، ھاياتلىق نۇرىغا ئېرىشىدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 9- باب

4كۈننىڭ يورۇق ۋاقتىدا، مېنى ئەۋەتكۈچىنىڭ بىزگە تاپشۇرغان ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشىمىز كېرەك. كەچ كىرىپ قاراڭغۇ چۈشۈپ كەتسە، ھېچكىم ئىش قىلالمايدۇ. 5دۇنيادا بولغان مەزگىلىمدە، دۇنيانىڭ نۇرى ئۆزۈمدۇرمەن. [داۋامى]

ئىنجىل، « يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 1- باب

1ھەممىدىن بۇرۇن «كالام» مەۋجۇت ئىدى. ئۇ خۇدا بىلەن بىللە ئىدى ھەم ئۆزى خۇدا ئىدى. 2ئۇ، ئالەم يارىتىلىشتىن بۇرۇنلا خۇدا بىلەن بىللە ئىدى. 3ئۇ ئارقىلىق بارلىق مەۋجۇداتلار يارىتىلدى. ھېچقانداق مەۋجۇدات ئۇنىڭسىز يارىتىلغان ئەمەس. 4«كالام» ھاياتلىقنىڭ مەنبەسى بولۇپ، بۇ ھاياتلىق ئىنسانلارغا نۇر ئېلىپ كەلدى. 5نۇر قاراڭغۇلۇقنى يورۇتىدۇ. قاراڭغۇلۇق بولسا نۇرنى ھەرگىز بېسىپ چۈشەلىگەن ئەمەس.

6ۋاقىت-سائىتى كەلگەندە، بىر ئادەم خۇدا تەرىپىدىن مەيدانغا كەلدى. ئۇنىڭ ئىسمى يەھيا ئىدى. 7ئۇ ئىنسانلارنىڭ ئۆزى ئارقىلىق «ھەقىقىي نۇر»غا ئىشىنىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا گۇۋاھلىق بېرىشكە كەلگەنىدى. 8يەھيا پەيغەمبەر ئۆزى «ھەقىقىي نۇر» ئەمەس، ئۇ پەقەت «ھەقىقىي نۇر»غا گۇۋاھلىق بەرگۈچىدۇر. 9دۇنياغا كېلىدىغان بۇ «ھەقىقىي نۇر» پۈتكۈل ئىنساننى يورۇتىدىغان نۇردۇر.

10دۇنيا «كالام» ئارقىلىق يارىتىلغان بولسىمۇ، «كالام» بۇ دۇنياغا كەلگەندە، دۇنيا ئۇنى تونۇمىدى. 11ئۇ ئۆز تۇپرىقىغا كەلگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇنى ئۆز خەلقى قوبۇل قىلمىدى. 12شۇنداقتىمۇ، ئۇ ئۆزىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىگە ئېتىقاد قىلغانلارنىڭ ھەممىسىگە خۇدانىڭ پەرزەنتى بولۇش ھوقۇقىنى بەردى. 13بۇ ھوقۇققا ئېرىشكەنلەر يا قاندىن، يا جىنسىي تەلەپتىن، يا ئىنسان خاھىشىدىن ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ئىرادىسىدىن قايتا تۆرەلگەن بولىدۇ. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى