جاسارەت

« زەبۇر » 31- مۇناجات

23ئەي پەرۋەردىگارنىڭ تەقۋادارلىرى، سۆيۈڭلار ئۇنى،

پەرۋەردىگار قوغدار ئۆزىگە سادىقلارنى،

ئەمما قاتتىق جازالار ھاكاۋۇرلارنى.

24ئەي ئۈمىدىنى پەرۋەردىگارغا باغلىغانلار،

غەيرەتلىك بولۇڭلار، جاسارەتكە تولسۇن قەلبىڭلار. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 3- باب

5ئىشەنمەي ئۆز ئەقلىڭگە،

ئىشەن پۈتۈن قەلبىڭ بىلەن پەرۋەردىگارغا،

6ياد ئەت پەرۋەردىگارنى ھەر ئىشتا،

ئوچۇق قىلار يولۇڭنى ئۇ شۇندا. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 24- باب

10ئېغىر كۈندە جاسارىتىڭنى يوقاتساڭ،

سەن ئاجىزسەن.

11قۇتقۇز ئۆلۈم خەۋپىدە قالغانلارنى،

قۇتۇلدۇر ئۆلتۈرۈلۈش ئالدىدا تۇرغانلارنى.

12گەر«بىلمەپتىمەن» دەپ قاچۇرساڭ ئۆزۈڭنى،

ئىنسان كۆڭلىنى دەڭسىگۈچى كۆرۈپ تۇرماسمۇ بۇنى؟

ھاياتىڭنى قوغدىغۇچى بىلمەسمۇ؟

ئۇ ھەربىر ئادەمنىڭ ئەمەلىيىتىگە قاراپ ياندۇرماسمۇ؟ [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 28- باب

1قاچار ھېچكىم قوغلىمىسىمۇ يامانلار،

شىردەك باتۇردۇر ھەققانىيلار. [داۋامى]

ئىنجىل، « ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 5- باب

35ھەزرىتى ئەيسا بۇ سۆزنى قىلىۋاتقاندا، ئىبادەتخانا مەسئۇلىنىڭ ئۆيىدىن كىشىلەر كېلىپ، ئىبادەتخانا مەسئۇلى يائىرغا:

_ قىزىڭىز جان ئۈزدى. ئەمدى ئۇستازنى ئاۋارە قىلىشنىڭ ھاجىتى يوقمىكىن، _ دېيىشتى.

36ھەزرىتى ئەيسا بۇ سۆزلەرگە قارىماي، ئىبادەتخانا مەسئۇلىغا:

_ قورقمىغىن! ئىشەنچىڭ بولسۇن، _ دېدى. [داۋامى]

ئىنجىل، « يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 16- باب

33بۇلارنى سىلەرگە مەن ئارقىلىق ئامانلىق تاپسۇن، دەپ ئېيتتىم. بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرى سىلەرنى ئازاب-ئوقۇبەتكە سالىدۇ. ئەمما، غەيرەتلىك بولۇڭلار! چۈنكى، مەن بۇ دۇنيا ئۈستىدىن غەلىبە قىلدىم! [داۋامى]

ئىنجىل، « رىملىقلارغا يېزىلغان خەت » 8- باب

15ئەمدى سىلەر قوبۇل قىلغان مۇقەددەس روھ سىلەرنى قۇل قىلىپ، قۇل خوجايىنىدىن قورققاندەك قورقۇنچقا سالمايدۇ. ئەكسىچە، سىلەر بۇ مۇقەددەس روھ ئارقىلىق خۇدانىڭ ئەتىۋارلاپ بېقىۋالغان پەرزەنتلىرى بولۇپ، خۇدانى «ئى سۆيۈملۈك ئاتا!» دەپ چاقىرالايدىغان بولدۇڭلار. 16بۇ مۇقەددەس روھ قەلب روھىمىز بىلەن بىللە بىزنىڭ خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى ئىكەنلىكىمىزگە گۇۋاھلىق بېرىدۇ. 17خۇدانىڭ پەرزەنتلىرى ئىكەنمىز، ئۇنىڭ ۋەدە قىلغان ھەقىقىي بايلىقىغا مىراسخورمىز، شۇنداقلا ئۇنىڭغا ئەيسا مەسىھ بىلەن بىللە مىراسخورلۇق قىلىمىز. كەلگۈسىدە ئەيسا مەسىھ بىلەن بىرلىكتە خۇدانىڭ شان-شەرىپىدىن بەھرىمەن بولۇش ئۈچۈن، بىزمۇ ھازىر ئەيسا مەسىھكە ئوخشاش، ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى تارتىۋاتىمىز. [داۋامى]

ئىنجىل، « كورىنتلىقلارغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت » 5- باب

4ھازىرقى تېنىمىزدە ياشاۋاتقان بىزلەر ئېغىر يۈكلەر ئاستىدا ھەسرەت چەكمەكتىمىز. چۈنكى، بىز ھازىرقى تېنىمىزدىن قۇتۇلۇپ، ئۆلۈشكە ئەمەس، بەلكى چىرىمەس تەنگە ئىگە بولۇپ، مەڭگۈلۈك ھاياتنىڭ ئۆتكۈنچى ھاياتىمىزنىڭ ئورنىنى ئېلىشىغا ئىنتىزار بولماقتىمىز. 5بىزنى بىز ئىنتىزار بولغان ھاياتلىققا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن تەييارلىغۇچى، شۇنداقلا بۇنىڭ كاپالىتى سۈپىتىدە بىزگە مۇقەددەس روھنى ئاتا قىلغۇچى دەل خۇدانىڭ ئۆزىدۇر.

6شۇنىڭ ئۈچۈن، ھازىرقى تەندە ياشىغىنىمىزدا، رەببىمىزنىڭ ماكانىدا بولالمايدىغانلىقىمىزنى بىلىمىز. ۋەھالەنكى، خۇدانىڭ بىزگە يېڭى تەن بېرىدىغانلىقىدىن ئىبارەت ھەقىقەتكە ئىشەنچىمىز كامىل. 7چۈنكى، كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغانغا ئەمەس، ئېتىقادقا تايىنىپ ياشايمىز. 8ئىشەنچكە ئىگە ئىكەنمىز، ھازىرقى تېنىمىزدىن ۋاز كېچىپ، رەببىمىزنىڭ ماكانىدا بولۇشقا رازىمىز. 9قىسقىسى، مەيلى بۇ تەندە ياشايلى ياكى بۇ تەندىن ۋاز كېچەيلى، نىشانىمىز يەنىلا رەببىمىزنى خۇرسەن قىلىشتۇر. [داۋامى]

ئىنجىل، « تىموتىيغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت » 1- باب

7چۈنكى، خۇدا بىزگە ئاتا قىلغان مۇقەددەس روھ بىزنى قورقۇنچقا سالمايدۇ، بەلكى خۇداغا خىزمەت قىلىشىمىز ئۈچۈن، بىزنى كۈچ-قۇدرەت ۋە مېھىر-مۇھەببەت بىلەن تولدۇرۇپ، ئۆزىمىزنى تۇتۇۋېلىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ.

8شۇڭا، رەببىمىز ھەققىدە خۇش خەۋەر يەتكۈزۈشتىن ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەت قىلىش يولىدا مەھبۇس بولغان مەندىن نومۇس قىلما. ئەكسىچە، خۇدا ساڭا ئاتا قىلغان كۈچ-قۇدرەتكە تايىنىپ، خۇش خەۋەر يەتكۈزۈش يولىدا مەن بىلەن بىللە ئازاب-ئوقۇبەت چېكىشكە تەييار تۇر. 9خۇدا بىزنى قۇتقۇزۇپ، پاك ياشاشقا چاقىردى. بۇ، بىزنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرىمىز بىلەن ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ئىرادىسى ۋە مېھىر-شەپقىتى بىلەن بولدى. خۇدا بىزگە ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق بۇ مېھىر-شەپقەتنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى دۇنيا ئاپىرىدە بولۇشتىن ئىلگىرىلا پىلانلىغانىدى. 10ھازىر بۇ مېھىر-شەپقەت قۇتقۇزغۇچىمىز ئەيسا مەسىھنىڭ كېلىشى بىلەن ئايان بولدى. ئەيسا مەسىھ ئىنسانلارنى ئىسكەنجىگە ئالغان ئۆلۈمنىڭ كۈچىنى بىكار قىلىپ، خۇش خەۋەر ئارقىلىق ئىنسانلارغا مەڭگۈلۈك ھايات يولىنى ئېچىپ بەردى. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى