چۈش كۆرۈش ھەققىدە

تەۋرات، « ئالەمنىڭ يارىتىلىشى » 28- باب

10ياقۇپ بەئەرشەبادىن ئايرىلىپ، ھارانغا قاراپ يولغا چىقتى. 11كۈن پاتقاندا، ئۇ بىر يەرگە يېتىپ كېلىپ، شۇ يەردە قوندى. ئۇ بىر تاشنى بېشىغا قويۇپ، يەردە يېتىپ ئۇيقۇغا كەتتى. 12ئۇ چۈشىدە يەردىن تاكى ئاسمانغىچە تاقىشىدىغان بىر پەلەمپەينى كۆردى. خۇدانىڭ پەرىشتىلىرى پەلەمپەيدە يۇقىرى-تۆۋەن مېڭىپ يۈرەتتى. 13ئۇ يەنە پەرۋەردىگارنىڭ پەلەمپەينىڭ ئۈستى تەرەپتە تۇرۇپ، ئۇنىڭغا: «مەن پەرۋەردىگار، بوۋاڭ ئىبراھىم ۋە ئاتاڭ ئىسھاق ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا بولىمەن. مەن ھازىر سەن ياتقان زېمىننى ساڭا ۋە سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭغا ئاتا قىلىمەن. 14ئۇلارنىڭ سانى يەردىكى قۇمدەك كۆپ بولۇپ، شەرقتىن غەربكە، جەنۇبتىن شىمالغا تارقىلىپ، پۈتۈن زېمىننى قاپلايدۇ. يەر يۈزىدىكى پۈتكۈل مىللەتلەر سەن ۋە سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭ ئارقىلىق بەخت تاپىدۇ. 15مەن ساڭا يار بولىمەن. سەن قەيەرگە بارساڭ، سېنى شۇ يەردە قوغدايمەن ھەمدە سېنى بۇ يەرگە قايتۇرۇپ كېلىمەن. ساڭا بەرگەن ۋەدەمنى ئىشقا ئاشۇرمىغۇچە، سېنى ھەرگىز تاشلىمايمەن!» دەۋاتقانلىقىنى كۆردى.

16ياقۇپ ئۇيقۇسىدىن ئويغىنىپلا: «مەن بىلمەپتىكەنمەن، پەرۋەردىگار ھەقىقەتەن بۇ يەردە ئىكەن!» دېدى. 17ئۇ قورقۇپ كېتىپ: «بۇ نېمىدېگەن قورقۇنچلۇق جاي، بۇ باشقا يەر ئەمەس، دەل خۇدانىڭ ئۆيى، ئەرشكە چىقىدىغان دەرۋازا ئىكەن!» دېدى.

18ئەتىسى تاڭ سەھەردىلا، ياقۇپ ئورنىدىن تۇرۇپ، بېشىغا قويغان ھېلىقى تاشنى خاتىرە قىلىش ئۈچۈن تىكلەپ، ئۈستىگە ياغ قويۇپ، ئۇنى خۇداغا ئاتىدى. 19بۇ يەرنىڭ بۇرۇنقى ئىسمى لۇز بولسىمۇ، ياقۇپ ئۇنى بەيتەل [مەنىسى «خۇدانىڭ ئۆيى»] دەپ ئاتىدى.

20ئاندىن ئۇ خۇداغا قەسەم قىلىپ:

_ ئەگەر سەن ماڭا يار بولۇپ، سەپىرىمدە مېنى قوغداپ، ماڭا يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك يەتكۈزۈپ بېرىپ، 21مېنى يۇرتۇمغا ئامان-ئېسەن قايتۇرساڭ، شۇ ۋاقىتتا ساڭا مەڭگۈ ئەگىشىمەن. [داۋامى]

تەۋرات، « ئالەمنىڭ يارىتىلىشى » 41- باب

14پادىشاھ يۈسۈپنى چاقىرىپ كېلىشكە ئادەم ئەۋەتتى. ئۇلار دەرھال بېرىپ، ئۇنى زىنداندىن چىقىرىپ، چاچ-ساقاللىرىنى چۈشۈرتۈپ، كىيىملىرىنى يەڭگۈشلەپ، پادىشاھنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. 15پادىشاھ ئۇنىڭغا:

_ مەن بىر چۈش كۆرگەنىدىم. چۈشۈمگە ھېچكىم تەبىر بېرەلمىدى. بىراق ئاڭلىشىمچە، سەن تەبىر بېرەلەيدىكەنسەن، _ دېدى.

16يۈسۈپ:

_ جانابلىرى، مەن شەخسەن ئۆزۈم چۈشكە تەبىر بېرەلمەيمەن. لېكىن، خۇدا ئۆزلىرىگە ياخشى تەبىر بېرىدۇ، _ دەپ جاۋاب بەردى.

17پادىشاھ مۇنداق دېدى:

_ چۈشۈمدە مەن نىل دەرياسىنىڭ بويىدا تۇرۇپتىمىشمەن. 18يەتتە تۇياق ساغلام ھەم سېمىز كالا دەريادىن چىقىپ، قىرغاقتىكى قومۇشلۇقتا ئوتلاۋاتاتتى. 19ئارقىدىن يەنە يەتتە تۇياق سەت قوتۇر ۋە ئاۋاق كالا دەريادىن چىقتى. مەن بۇرۇن مىسىردا بۇنداق قورقۇنچلۇق كالا كۆرۈپ باقمىغانىدىم. 20بۇ قوتۇر كالىلار ھېلىقى سېمىز كالىلارنى يەۋەتتى. 21لېكىن، يەنىلا بۇرۇنقىدەك سەت ئىدىكى، سېمىز كالىلارنى يەۋەتكەندەك تۇرمايتتى. بۇ چاغدا، مەن ئويغىنىپ كەتتىم.

22كەينىدىن، يەنە بىر چۈش كۆردۈم. چۈشۈمدە بىر تۈپ بۇغداي يەتتە دانە تولۇق ۋە يېتىلگەن باشاق چىقاردى. 23كەينىدىن، يەنە يەتتە دانە ئىسسىق شامالدىن سولىشىپ كەتكەن ئاجىز ۋە پۇچەك باشاق چىقاردى. 24بۇ دانسىز باشاقلار ھېلىقى تولۇق يېتىلگەن باشاقلارنى يۇتۇۋەتتى. مەن بۇ چۈشنى تەبىرچىلەرگە ئېيتىپ بەرگەنىدىم، لېكىن ھېچكىم تەبىر بېرەلمىدى.

25يۈسۈپ پادىشاھقا مۇنداق دېدى:

_ بۇ ئىككى چۈشنىڭ مەنىسى بىردۇر. خۇدا ئۆزى قىلماقچى بولغان ئىشلارنى جانابلىرىغا ئالدىن بىلدۈرۈپتۇ. 26يەتتە سېمىز كالا يەتتە يىلنى كۆرسىتىدۇ. تولۇق يېتىلگەن يەتتە باشاقمۇ يەتتە يىلنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئىككى چۈشنىڭ مەنىسى ئوخشاش. 27كەينىدىن چىققان يەتتە قوتۇر كالا بىلەن ئىسسىق شامالدىن سولىشىپ كەتكەن يەتتە پۇچەك باشاق بولسا يەتتە قەھەتچىلىك يىلنى كۆرسىتىدۇ. 28دېمەك، پېقىر ھېلى ئۆزلىرىگە دېگىنىمدەك، خۇدا ئۆزى قىلماقچى بولغان ئىشلارنى جانابلىرىغا ئالدىن كۆرسىتىپتۇ. 29پۈتكۈل مىسىردا مىسلى كۆرۈلمىگەن يەتتە باياشاتچىلىق يىل بولىدۇ. 30كەينىدىن، يەتتە قەھەتچىلىك يىل بولۇپ، پۈتكۈل مىسىرنى ئاچارچىلىق قاپلاپ، ئىلگىرىكى باياشات يىللارنى كىشىلەرنىڭ يادىدىن چىقىرىۋېتىدۇ. 31ئاچارچىلىق ئاپىتى شۇنداق قاتتىق بولىدۇكى، كىشىلەر بۇرۇنقى باياشات يىللارنى ئۇنتۇپ كېتىدۇ. 32جانابلىرىنىڭ ئوخشاش ئىككى چۈش كۆرۈشلىرى خۇدانىڭ بۇ ئىشلارنى پات ئارىدا جەزمەن ئەمەلگە ئاشۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.

33شۇنىڭ ئۈچۈن، جانابلىرىنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىشقا ئەقىل-پاراسەتلىك ۋە يىراقنى كۆرەلەيدىغان بىر كىشىنى قويۇشلىرىنى 34ھەم ئەمەلدارلارنى تاللاپ، يەتتە باياشاتچىلىق يىللىرىدا پۈتۈن مەملىكەتتىكى دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ بەشتىن بىرىنى يىغىۋېلىشلىرىنى، 35شۇنداقلا ئۇلارغا كەلگۈسىدىكى باياشاتچىلىق يىللىرىدا ھەر خىل ئاشلىقنى توپلاپ، ھەرقايسى شەھەرلەردە ئاشلىق ساقلاش ھوقۇقىنى بېرىشلىرىنى ۋە ئاشلىق ئىقتىساد قىلىش توغرىسىدا ئەمر چۈشۈرۈش تەكلىپىنى بېرىمەن. 36كەينى-كەينىدىن كېلىدىغان يەتتە قەھەتچىلىك يىلىدا بۇ زاپاس ئاشلىق پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى تەمىنلەپ، خەلقنى ئاچ قېلىپ ئۆلۈپ كېتىشتىن ساقلاپ قالىدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 1- باب

18ئەيسا مەسىھنىڭ دۇنياغا كېلىشى مۇنداق بولغان: مەريەم بىلەن يۈسۈپنىڭ چېيى ئىچكۈزۈلگەنىدى. بىراق، ئۇلار نىكاھلىنىپ بىرلىشىشتىن ئىلگىرى، مەريەمنىڭ مۇقەددەس روھتىن ھامىلىدار بولغانلىقى مەلۇم بولدى. 19مەريەمنىڭ لايىقى يۈسۈپ دۇرۇس ئادەم بولغاچقا، مەريەمنى خالايىق ئالدىدا نومۇسقا قالدۇرماسلىق ئۈچۈن، ئۇنىڭدىن جىمجىتلا ئايرىلىپ كەتمەكچى بولدى. 20بىراق، ئۇ بۇ ئىشنى ئويلاپ يۈرگىنىدە، پەرۋەردىگارنىڭ بىر پەرىشتىسى ئۇنىڭ چۈشىدە كۆرۈنۈپ: «ئەي داۋۇت پادىشاھنىڭ ئەۋلادى يۈسۈپ، مەريەمنى ئەمرىڭگە ئېلىشتىن قورقما، چۈنكى تۇغۇلىدىغان بالا مۇقەددەس روھتىن كەلگەن. 21ئۇ بىر ئوغۇل تۇغىدۇ. ئۇنىڭغا ئەيسا [مەنىسى «پەرۋەردىگار قۇتقۇزىدۇ»] دەپ ئىسىم قويغىن، چۈنكى ئۇ ئۆز خەلقىنى گۇناھلىرىدىن قۇتقۇزىدۇ» دېدى.

22مانا بۇلار پەرۋەردىگارنىڭ پەيغەمبەر ئارقىلىق: 23«پاك قىز ھامىلىدار بولۇپ بىر ئوغۇل تۇغىدۇ، ئۇنىڭ ئىسمى ئىممانۇئېل [مەنىسى ‹خۇدا بىز بىلەن بىللە›] قويۇلىدۇ» دېگەن سۆزىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشىدۇر. 24يۈسۈپ ئويغىنىپ پەرىشتىنىڭ دېگىنىنى قىلىپ، مەريەمنى ئەمرىگە ئالدى. [داۋامى]

ئىنجىل، « مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 27- باب

15ھەر قېتىملىق ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدا، ۋالىي ئادىتى بويىچە خالايىق تەلەپ قىلغان بىر مەھبۇسنى قويۇپ بېرەتتى. 16ئەينى ۋاقىتتا، بارابباس ئىسىملىك نامى چىققان بىر مەھبۇس زىنداندا ئىدى. 17خەلق بىر يەرگە جەم بولغاندا، پىلاتۇس ئۇلاردىن:

_ سىلەر ئۈچۈن كىمنى قويۇپ بېرىشىمنى تەلەپ قىلىسىلەر؟ بارابباسنىمۇ ياكى مەسىھ دەپ ئاتالغان ئەيسانىمۇ؟ _ دەپ سورىدى. 18پىلاتۇس ئالىي روھانىيلار ۋە ئاقساقاللارنىڭ ھەزرىتى ئەيساغا ھەسەتخورلۇق قىلىپ ئۇنى ئۆزىگە تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكىنى بىلەتتى.

19پىلاتۇس سوراق مۇنبىرىدە ئولتۇرغاندا، ئايالى ئۇنىڭغا:

_ ئۇ بىگۇناھ ئادەمگە تەگمەڭ. ئۇ تۈنۈگۈن كېچە چۈشۈمگە كىرىپ، كۆپ ئازابلاندىم، _ دەپ خەۋەر ئەۋەتتى. [داۋامى]

ئىنجىل، « ھەزرىتى ئەيسا ئەلچىلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى » 2- باب

14بۇنى ئاڭلىغان پېترۇس باشقا ئون بىر ئەلچى بىلەن بىللە ئورنىدىن تۇرۇپ، يۇقىرى ئاۋاز بىلەن كۆپچىلىككە:

_ ئەي يېرۇسالېم ئاھالىلىرى ۋە باشقا يەھۇدىي قېرىنداشلار! سىلەرگە ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتەي. سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىڭلار. 15سىلەر بىزنى مەس بولۇپ قاپتۇ، دەۋاتامسىلەر؟ ئۇنداق ئەمەس، تېخى ئەمدى ئەتىگەن سائەت توققۇز بولدى. 16ھالبۇكى، خۇدا بۇرۇن بۇ ئىش ھەققىدە يوئېل پەيغەمبەر ئارقىلىق ئالدىن ئېيتىپ مۇنداق دېگەن:

17«خۇدا شۇنى ۋەدە قىلدىكى:

‹مەن ئاخىر زاماندا ھەممە ئىنسانلارنى مۇقەددەس روھىمغا چۆمدۈرىمەن.

ئوغۇل-قىزلىرىڭلار مېنىڭ ۋەھىيلىرىمنى يەتكۈزىدۇ. سۆزلىرىم يىگىتلەرگە غايىبانە ئالامەتلەر، ياشانغانلارغا چۈشلەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلىدۇ.

18ئۇ كۈنلەردە، بارلىق ئەر-ئايال خىزمەتكارلىرىم روھىمغا چۆمۈلدۈرۈلۈپ، مەندىن كەلگەن ۋەھىيلەرنى سۆزلەيدۇ.

19-20سوراق قىلىدىغان ئۇلۇغ كۈن كېلىشتىن بۇرۇن، كۆكتە كارامەت كۆرسىتىمەن، يەر يۈزىدىمۇ مۆجىزىلەرنى يارىتىمەن.

يەردە قان، ئوت ۋە قاپقارا ئىس-تۈتەكلەر كۆرۈنىدۇ، كۆكتە قۇياش نۇرى قاراڭغۇلۇققا چۆكۈپ، ئايمۇ قان رەڭگىگە كىرىدۇ.

21پەرۋەردىگاردىن نىجاتلىق تىلەيدىغانلارنىڭ ھەممىسى قۇتقۇزۇلىدۇ.›» [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى