دۇئا قىلىش ھەققىدە

تەۋرات، « ئالەمنىڭ يارىتىلىشى » 25- باب

21رىبەقا پەرزەنت كۆرمىگەنلىكى سەۋەبىدىن، ئىسھاق ئۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگارغا دۇئا قىلدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭ دۇئاسىنى قوبۇل قىلىپ، رىبەقا ھامىلىدار بولدى. [داۋامى]

« زەبۇر » 32- مۇناجات

6شۇڭا دۇئا قىلسۇن ساڭا،

تەقۋادارلار پۇرسىتىنىڭ بارىدا.

دېڭىز-ئوكيان تاشقىن بولۇپ تاشسىمۇ ناۋادا،

شۈبھىسىزكى، تاشقىنلىرى يېتىپ بارالماس ئۇلارغا.

7ئى پەرۋەردىگار، سەن مېنىڭ پاناھگاھىمدۇرسەن،

ساقلايسەن كۈلپەتتىن مېنى،

ياڭرار ئەتراپىمدا نىجاتلىق ناخشىلىرى. سېلاھ [داۋامى]

« زەبۇر » 61- مۇناجات

1ئى خۇدا، ئاڭلىغايسەن پەريادىمنى،

قوبۇل قىلغىن ساڭا قىلغان دۇئايىمنى.

2چۈشكۈنلۈك باسقاندا قەلبىمنى، ئىلتىجا قىلىمەن يىراقتىن ساڭا،

يېتەكلىگىن مېنى پاناھلىنىدىغان ئېگىز قورام تاشقا.

3شۈبھىسىزكى، سەن مېنىڭ باشپاناھىم،

دۈشمىنىمدىن قوغدايدىغان مۇستەھكەم قورغىنىم.

4چېدىرىڭنى مەڭگۈلۈك ماكان قىلاي،

قاناتلىرىڭنىڭ سايىسىدا پاناھ تاپاي. سېلاھ

5ئى خۇدا، ئاڭلاپ سەن قەسەملىرىمنى،

بەردىڭ ماڭا، ساڭا ئىخلاس قىلغانلارغا ئاتىغان بەختنى. [داۋامى]

تەۋرات، « پەند-نەسىھەتلەر » 15- باب

29پەرۋەردىگار ياماندىن يىراق تۇرار.

ھەققانىينىڭ دۇئاسىغا ئۇ قۇلاق سالار. [داۋامى]

ئىنجىل، « مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 6- باب

5_ دۇئا قىلغان ۋاقتىڭلاردا، باشقىلارغا كۆز-كۆز قىلىش ئۈچۈن ئىبادەتخانا ياكى تۆت كوچا ئاغزىدا تۇرۇۋېلىپ دۇئا قىلىدىغان ساختىپەزلەردەك دۇئا قىلماڭلار. بىلىپ قويۇڭلاركى، ئۇلار شۇنداق قىلىپ باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىدىن باشقا ھېچقانداق ئىنئامغا ئېرىشەلمەيدۇ.

6دۇئا قىلغان ۋاقتىڭلاردا، ئۆيگە كىرىپ، ئىشىكنى يېپىپ، ئەرشتىكى كۆرۈنمەس ئاتاڭلارغا دۇئا قىلىڭلار. سەزدۈرمەستىن قىلىنغان بارلىق ئىشلارنى بىلىپ تۇرغۇچى ئەرشتىكى ئاتاڭلار جەزمەن سىلەرگە ئىنئام بېرىدۇ.

7دۇئا-تىلاۋەت قىلغاندا، بۇتپەرەسلەردەك قۇرۇق گەپلەرنى تەكرارلاۋەرمەڭلار. ئۇلار گەپنى تەكرارلاۋەرسەك خۇدا تەلىپىمىزنى ئىجابەت قىلىدۇ، دەپ ئويلىسا كېرەك. 8سىلەر ئۇلارنى دورىماڭلار. چۈنكى، ئەرشتىكى ئاتاڭلار سىلەرنىڭ ئېھتىياجىڭلارنى سىلەر تەلەپ قىلىشتىن ئاۋۋاللا بىلىدۇ. 9شۇنىڭ ئۈچۈن، مۇنداق دۇئا قىلىڭلار:

«ئى ئەرشتىكى ئاتىمىز،

سېنىڭ نامىڭ ئۇلۇغلانغاي.

10پادىشاھلىقىڭ يەر يۈزىدە نامايان بولغاي.

ئىرادەڭ ئەرشتىكىدەك يەر يۈزىدىمۇ ئەمەلگە ئاشۇرۇلغاي.

11كۈندىلىك يېمەكلىكىمىزنى بەرگەيسەن.

12بىزگە گۇناھ قىلغانلارنى كەچۈرگىنىمىزدەك،

سەنمۇ گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرگەيسەن.

13بىزنى ئازدۇرۇلۇشلاردىن ساقلاپ قالغايسەن.

بىزنى يامانلىقتىن يىراق قىلغايسەن. »

14سىلەر باشقىلارنىڭ سەۋەنلىكلىرىنى كەچۈرسەڭلار، ئەرشتىكى ئاتاڭلارمۇ سىلەرنى كەچۈرىدۇ. 15بىراق، سىلەر باشقىلارنىڭ سەۋەنلىكلىرىنى كەچۈرمىسەڭلار، ئەرشتىكى ئاتاڭلارمۇ سىلەرنى كەچۈرمەيدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 7- باب

7_ دۇئا قىلىپ تىلەڭلار، خۇدا تىلىگىنىڭلارنى بېرىدۇ. ئىزدەڭلار، تاپىسىلەر. ئىشىكنى قېقىڭلار، ئېچىلىدۇ. 8چۈنكى، تىلىگەنلەر ئېرىشىدۇ، ئىزدىگەنلەر تاپىدۇ، ئىشىكنى قاققانلارغا ئىشىك ئېچىلىدۇ. 9ئەگەر ئوغلۇڭلار نان تەلەپ قىلسا، سىلەر ئۇنىڭغا تاش بېرەتتىڭلارمۇ؟ 10بېلىق تەلەپ قىلسا، يىلان بېرەتتىڭلارمۇ؟ 11گۇناھكار بولغان سىلەر پەرزەنتلىرىڭلارغا ياخشى نەرسىلەرنى بېرىشنى بىلگەن يەردە، ئەرشتىكى ئاتاڭلار تىلىگەنلەرگە ياخشى نەرسىلەرنى تېخىمۇ ئىلتىپات قىلماسمۇ؟ [داۋامى]

ئىنجىل، « ھەزرىتى ئەيسا ئەلچىلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى » 2- باب

42ئۇلار باشقا ئېتىقادچىلار بىلەن دائىم جەم بولۇشۇپ ئەلچىلەرنىڭ تەلىمىنى ئاڭلاپ، ھەزرىتى ئەيسانى خاتىرىلەش ئۈچۈن ناننى بۆلۈشۈپ يېيىشەتتى ۋە دۇئا قىلىشاتتى.

43ئەلچىلەر نۇرغۇن مۆجىزە ۋە كارامەتلەرنى كۆرسەتتى. خالايىقنى قورقۇنچ باستى. 44پۈتۈن ئېتىقادچىلار داۋاملىق بىللە ئىناق ياشاپ، سېنىڭ-مېنىڭ دېيىشمەي، بارىغا دوست بولۇشتى. 45مال-مۈلۈكلىرىنى سېتىپ، پۇلىنى ھەركىمنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ تەقسىم قىلىشتى. 46ھەر كۈنى، مەركىزىي ئىبادەتخانا ھويلىسىغا كىرىپ، ئىبادەت قىلىشاتتى. ئۆيلىرىدىمۇ خۇشال-خۇراملىق ۋە ئاق كۆڭۈللۈك بىلەن بىر-بىرىنى مېھمان قىلىشىپ، ھەزرىتى ئەيسانى خاتىرىلەش ئۈچۈن ناننى بۆلۈشۈپ يېيىشەتتى. 47ئۇلار خۇداغا مەدھىيە ئوقۇشۇپ، پۈتۈن شەھەردىكىلەرنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولدى. خۇدا ھەر كۈنى يېڭى ئېتىقادچىلارنى ئۇلارنىڭ ئارىسىغا قوشاتتى. [داۋامى]

ئىنجىل، « رىملىقلارغا يېزىلغان خەت » 12- باب

12ئۈمىد ئىچىدە شاد-خۇرام ياشاڭلار، قىيىنچىلىقلارغا بەرداشلىق بېرىڭلار. ھەر ۋاقىت دۇئادا بولۇڭلار. [داۋامى]

ئىنجىل، « ئەفەسلىكلەرگە يېزىلغان خەت » 6- باب

17خۇدا ئاتا قىلغان قۇتقۇزۇلۇش دۇبۇلغىسىنى كىيىڭلار ۋە مۇقەددەس روھ قىلىچى، يەنى خۇدانىڭ سۆزىنى مەھكەم تۇتۇڭلار. 18ھەمىشە مۇقەددەس روھقا تايىنىپ، ئىلتىماسىڭلارنى ئېيتىپ دۇئا-تىلاۋەت قىلىڭلار. شۇنداقلا، سەگەك تۇرۇپ، بارلىق ئېتىقادچىلار ئۈچۈن داۋاملىق دۇئا قىلىپ تۇرۇڭلار. 19مەن ئۈچۈنمۇ دۇئا قىلىڭلار. خۇش خەۋەرنىڭ سىرىنى يۈرەكلىك يەتكۈزۈشۈم ئۈچۈن، خۇدا ماڭا توغرا سۆزلەرنى بەرگەي. 20مەن بۇ خۇش خەۋەرنى تارقىتىش سەۋەبىدىن كىشەنلەنگەن ئەلچىمەن. مېنىڭ خۇش خەۋەرنى يۈرەكلىك ھالدا يەتكۈزۈشۈم ئۈچۈن دۇئا قىلغايسىلەر. چۈنكى، بۇ مېنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىمدۇر. [داۋامى]

ئىنجىل، « فىلىپىلىكلەرگە يېزىلغان خەت » 1- باب

9مەن شۇنىڭغا دۇئا قىلىمەنكى، خۇدا توغرىسىدىكى بىلىمىڭلار ۋە ئاقىللىقىڭلارنىڭ ئېشىشى ئارقىلىق مېھىر-مۇھەببىتىڭلار بارغانسېرى ئېشىپ بارسۇن. 10شۇنداق بولغاندا، سىلەر خۇدانىڭ نېمىدىن خۇرسەن بولۇپ، نېمىدىن خۇرسەن بولمايدىغانلىقىنى پەرق ئېتەلەيسىلەر-دە، ئەيسا مەسىھ قايتا كەلگەن كۈندە پاك ۋە ئەيىبسىز بولالايسىلەر. 11ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ھاياتىڭلار يەنە ھەققانىيلىق مېۋىسى بىلەن تولۇپ، خۇداغا شان-شەرەپ ۋە مەدھىيىلەر ئېلىپ كېلىسىلەر. [داۋامى]

ئىنجىل، « فىلىپىلىكلەرگە يېزىلغان خەت » 4- باب

4رەببىمىزگە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن ھەمىشە شاد-خۇرام بولۇڭلار. يەنە تەكرارلايمەنكى، شاد-خۇرام بولۇڭلار! 5خۇش پېئىللىقىڭلار پۈتكۈل ئىنسانغا ئايان بولسۇن. ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلاركى، رەببىمىزنىڭ كېلىشىگە ئاز قالدى. 6ھېچ نەرسىدىن غەم قىلماڭلار. ئەكسىچە، ھەرقانداق تەلىپىڭلار بولسا دۇئا-تىلاۋەت ئارقىلىق خۇدادىن تىلەڭلار ۋە شۈكۈر ئېيتىڭلار. 7شۇنداق قىلساڭلار، خۇدانىڭ كىشىلەرنىڭ ئويلىغىنىدىنمۇ ئېشىپ چۈشىدىغان تىنچلىقى سىلەرنىڭ قەلبىڭلارنى ۋە ئوي-پىكرىڭلارنى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق تىنچلاندۇرىدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « كولوسىلىقلارغا يېزىلغان خەت » 4- باب

2دۇئا قىلىشنى توختاتماڭلار. دۇئا قىلغاندا، پۈتۈن دىققىتىڭلار بىلەن دۇئا قىلىڭلار ۋە خۇداغا شۈكۈر ئېيتىڭلار. 3بىز ئۈچۈن يەنە شۇنداق دۇئا قىلىڭلاركى، خۇدا ئۆز خەۋىرىنى يەتكۈزۈشىمىزگە يول ئېچىپ بەرسۇن. شۇنداق بولغاندا، ئەيسا مەسىھ ھەققىدىكى ئاشكارىلىغان سىرنى جاكارلىيالايمىز. مەن ھازىر دەل مۇشۇ خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈش سەۋەبىدىن كىشەنلەندىم. 4مېنىڭ بۇ خۇش خەۋەرنى قولۇمدىن كېلىشچە ئېنىق چۈشەندۈرۈشۈم ئۈچۈنمۇ دۇئا قىلىڭلار. [داۋامى]

ئىنجىل، « ياقۇپ يازغان خەت » 5- باب

13ئاراڭلاردا جاپا تارتىۋاتقان كىشى بار بولسا، ئۇ خۇداغا دۇئا قىلسۇن. خۇشال بولۇۋاتقان كىشى بار بولسا، ئۇ خۇداغا مەدھىيە ناخشىلىرىنى ئېيتسۇن. 14ئاغرىق-سىلاقلار بار بولسا، ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنىڭ يېتەكچىلىرىنى چاقىرتىپ كەلسۇن. ئۇلار رەببىمىزنىڭ نامى بىلەن بۇ ئاغرىقلارنىڭ بېشىغا ياغ سۈركەپ دۇئا قىلسۇن. 15رەببىمىز تولۇق ئىشەنچ بىلەن قىلىنغان دۇئا ئارقىلىق ئاغرىقنى ساقايتىدۇ ۋە ئۇنى ئورنىدىن تۇرغۇزىدۇ. ئەگەر بىمار گۇناھ قىلغان بولسا، كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. 16شۇڭا، شىپالىق تېپىش ئۈچۈن، ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىڭلارنى ئۆزئارا ئىقرار قىلىڭلار ۋە بىر-بىرىڭلار ئۈچۈن دۇئا قىلىڭلار. ھەققانىي ئادەمنىڭ دۇئاسى زور كۈچ ۋە ئۈنۈمگە ئىگىدۇر. 17ئىلياس پەيغەمبەرمۇ بىزگە ئوخشاش ئادەم ئىدى. ئۇ ئىسرائىلىيىدە يامغۇر ياغماسلىق ئۈچۈن ئىخلاس بىلەن دۇئا قىلغانىدى. نەتىجىدە، ئۈچ يېرىم يىل يامغۇر ياغمىدى. 18كېيىن، قايتا يامغۇر يېغىش ئۈچۈن دۇئا قىلغانىدى، يامغۇر يېغىپ، يەرمۇ ھوسۇل بەردى. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى