ئۇرۇق چاچقان دېھقان

ئىنجىل، « مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 13- باب

3ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا تەمسىل بىلەن نۇرغۇن ھېكمەتلەرنى ئېيتىپ بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

_ بىر دېھقان ئۇرۇق چاچقىلى ئېتىزىغا چىقىپتۇ. 4چاچقان ئۇرۇقلىرىنىڭ بەزىلىرى چىغىر يول ئۈستىگە چۈشۈپتۇ، قۇشلار كېلىپ ئۇلارنى يەپ كېتىپتۇ. 5بەزىلىرى تۇپرىقى كەم تاشلىق يەرلەرگە چۈشۈپتۇ. توپىسى نېپىز بولغانلىقتىن، تېزلا ئۈنۈپ چىقىپتۇ، 6لېكىن چوڭقۇر يىلتىز تارتمىغاچقا، كۈن چىقىش بىلەنلا سولىشىپ قۇرۇپ كېتىپتۇ. 7بەزىلىرى تىكەنلەرنىڭ ئارىسىغا چۈشۈپتۇ، تىكەنلەر ئۆسۈپ مايسىلارنى بېسىۋاپتۇ. 8بەزىلىرى بولسا مۇنبەت تۇپراققا چۈشۈپتۇ. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى يۈز ھەسسە، بەزىلىرى ئاتمىش ھەسسە، يەنە بەزىلىرى ئوتتۇز ھەسسە ھوسۇل بېرىپتۇ. 9بۇ سۆزلەرنى قۇلىقىڭلاردا چىڭ تۇتۇڭلار!

10شاگىرتلىرى كېلىپ، ھەزرىتى ئەيسادىن:

_ سىز نېمە ئۈچۈن كۆپچىلىككە تەلىم بەرگەندە تەمسىل كەلتۈرىسىز؟ _ دەپ سورىدى.

11ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق جاۋاب بەردى:

_ ئەرشنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ سىرلىرى ئۇلارغا ئەمەس، سىلەرنىڭ بىلىشىڭلارغا بېرىلدى. 12چۈنكى، كىمدە ئەقىل-پاراسەت بولسا، ئۇنىڭغا تېخىمۇ كۆپ بېرىلىدۇ. ئۇنىڭدىكى ئەقىل-پاراسەت ئېشىپ-تاشقۇچە بولىدۇ. لېكىن، كىمدە ئەقىل-پاراسەت بولمىسا، ئۇنىڭدا بار بولغىنىمۇ ئېلىپ كېتىلىدۇ. 13ئۇلارغا تەمسىل بىلەن سۆزلىشىمنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئۇلار قارىسىمۇ كۆرمەيدۇ، ئاڭلىسىمۇ تىڭشىمايدۇ ھەم ھەقىقىي چۈشەنمەيدۇ. 14بۇنىڭ بىلەن، خۇدانىڭ يەشايا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئالدىنئالا ئېيتقان مۇنۇ سۆزلىرى ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى:

«سۆزلىرىمنى ئاڭلايسىلەر، ئاڭلايسىلەر، چۈشەنمەيسىلەر.

قىلغانلىرىمغا قارايسىلەر، قارايسىلەر، مەنىسىنى ئۇقمايسىلەر.

15چۈنكى، بۇ خەلقنىڭ زېھنى زەئىپلەشكەن.

ئۇلار قۇلاقلىرىنى ئېتىۋالغان، كۆزلىرىنىمۇ يۇمۇۋالغان.

ئۇنداق بولمىسىدى، كۆزلىرى كۆرەتتى، قۇلاقلىرىمۇ ئاڭلايتتى،

زېھنى ئويغىنىپ، ماڭا قايتاتتى. مەنمۇ ئۇلارنى ساقايتاتتىم.»

16لېكىن، سىلەر نەقەدەر بەختلىك! چۈنكى، كۆزۈڭلار كۆرىدۇ، قۇلىقىڭلار ئاڭلايدۇ. 17بىلىپ قويۇڭلاركى، بۇرۇنقى نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر ۋە دۇرۇس ئادەملەر سىلەر كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلارنى كۆرۈشنى ۋە ئاڭلاشنى ئارزۇ قىلغان بولسىمۇ، مۇرادىغا يېتەلمىدى.

18_ ئەمدى ئۇرۇق چېچىش توغرىسىدىكى تەمسىلنىڭ مەنىسىنى ئاڭلاڭلار. 19ئەگەر بىرى خۇدانىڭ پادىشاھلىقى توغرىسىدىكى سۆزنى ئاڭلاپ تۇرۇپ چۈشەنمىسە، شەيتان كېلىپ ئۇنىڭ كۆڭلىگە چۈشكەن سۆزنى ئېلىپ كېتىدۇ. بۇ دەل چىغىر يول ئۈستىگە چېچىلغان ئۇرۇقلاردۇر. 20تۇپرىقى كەم تاشلىق يەرلەرگە چېچىلغان ئۇرۇقلارغا كەلسەك، ئۇلار خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، خۇشاللىق بىلەن دەرھال قوبۇل قىلغانلارغا تەمسىل قىلىنغان. 21ھالبۇكى، خۇدانىڭ سۆزى ئۇلاردا يىلتىز تارتمىغاچقا، ئۇلار ئۇزۇنغا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. خۇدانىڭ سۆزىگە ئىشەنگەنلىكىدىن قىيىنچىلىق ياكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىسا، خۇدا يولىدىن دەرھال چەتنەپ كېتىدۇ. 22تىكەنلەرنىڭ ئارىسىغا چېچىلغىنى شۇنداق ئادەملەرگە تەمسىل قىلىنغانكى، بۇ ئادەملەر خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلىسىمۇ، لېكىن كۆڭلىگە بۇ دۇنيانىڭ ئەندىشىلىرى، بايلىقنىڭ ئېزىقتۇرۇشى كىرىۋېلىپ، خۇدانىڭ سۆزىنى بوغۇۋېتىدۇ-دە، ئۇلار ھوسۇلسىز قالىدۇ. 23مۇنبەت تۇپراققا چېچىلغان ئۇرۇقلار بولسا خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ چۈشەنگەن ئادەمگە تەمسىل قىلىنغان. بۇنداق ئادەملەر ئەلۋەتتە ھوسۇل بېرىدۇ، بەزىلىرى يۈز ھەسسە، بەزىلىرى ئاتمىش ھەسسە، يەنە بەزىلىرى ئوتتۇز ھەسسە ھوسۇل بېرىدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 4- باب

3_ قۇلاق سېلىڭلار! بىر دېھقان ئۇرۇق چاچقىلى ئېتىزىغا چىقىپتۇ. 4چاچقان ئۇرۇقلىرىنىڭ بەزىلىرى چىغىر يول ئۈستىگە چۈشۈپتۇ، قۇشلار كېلىپ ئۇلارنى يەپ كېتىپتۇ. 5بەزىلىرى تۇپرىقى كەم تاشلىق يەرلەرگە چۈشۈپتۇ. توپىسى نېپىز بولغانلىقتىن، تېزلا ئۈنۈپ چىقىپتۇ، 6لېكىن چوڭقۇر يىلتىز تارتمىغاچقا، كۈن چىقىش بىلەنلا سولىشىپ قۇرۇپ كېتىپتۇ. 7بەزىلىرى تىكەنلەرنىڭ ئارىسىغا چۈشۈپتۇ، تىكەنلەر ئۆسۈپ مايسىلارنى بېسىۋاپتۇ. نەتىجىدە، مايسىلار ھوسۇل بېرەلمەپتۇ. 8بەزىلىرى بولسا مۇنبەت تۇپراققا چۈشۈپتۇ. ئۇلار ئۈنۈپ چىققاندىن كېيىن، ئۆسۈپ چوڭ بولۇپ، ياخشى ھوسۇل بېرىپتۇ. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئوتتۇز، بەزىلىرى ئاتمىش، يەنە بەزىلىرى بولسا يۈز ھەسسە ھوسۇل بېرىپتۇ.

9ھەزرىتى ئەيسا يەنە مۇنداق دېدى:

_ بۇ سۆزلەرنى قۇلىقىڭلاردا چىڭ تۇتۇڭلار!

10خالايىق كەتكەندىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئون ئىككى شاگىرتى بىلەن ئەگەشكۈچىلىرى ئۇنىڭدىن تەمسىللەرنىڭ مەنىسىنى سوراشتى. 11ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

_ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ سىرى سىلەرنىڭ بىلىشىڭلارغا بېرىلدى. لېكىن، پادىشاھلىقنىڭ سىرتىدىكىلەرگە ھەممە ئىش تەمسىللەر بىلەن ئۇقتۇرۇلىدۇ. 12بۇنىڭ بىلەن، خۇدانىڭ مۇنۇ سۆزلىرى ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى:

«قىلغانلىرىمغا قارايدۇ، قارايدۇ، مەنىسىنى ئۇقمايدۇ.

سۆزلىرىمنى ئاڭلايدۇ، ئاڭلايدۇ، چۈشەنمەيدۇ.

ئۇنداق بولمىسىدى، ماڭا قايتاتتى،

مەنمۇ ئۇلارنى كەچۈرۈم قىلاتتىم.»

13ئاندىن، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

_ سىلەر مۇشۇ تەمسىلنىمۇ چۈشەنمىدىڭلارمۇ؟ ئۇنداقتا، باشقا تەمسىللەرنى قانداقمۇ چۈشىنىسىلەر؟ 14دېھقان چاچقان ئۇرۇق خۇدانىڭ سۆزىدۇر. 15چىغىر يولغا چۈشكەن ئۇرۇقلار مۇنداق ئادەملەرگە تەمسىل قىلىنغان بولۇپ، ئۇلار خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلىغان ھامان شەيتان كېلىپ ئۇلارنىڭ قەلبىگە چۈشكەن سۆزنى ئېلىپ كېتىدۇ. 16تۇپرىقى كەم تاشلىق يەرلەرگە چۈشكەن ئۇرۇقلار مۇنداق كىشىلەرگە تەمسىل قىلىنغان. ئۇلار خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلىغان ھامان خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىدۇ. 17ھالبۇكى، خۇدانىڭ سۆزى ئۇلاردا يىلتىز تارتمىغاچقا، ئۇلار ئۇزۇنغا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. خۇدانىڭ سۆزىگە ئىشەنگەنلىكىدىن قىيىنچىلىق ياكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىسا، دەرھال خۇدا يولىدىن چەتنەپ كېتىدۇ. 18يەنە بەزى كىشىلەر بولسا تىكەنلىككە چۈشكەن ئۇرۇقلارغا تەمسىل قىلىنغان. 19ئۇنداق كىشىلەرنىڭ كۆڭلىگە بۇ دۇنيانىڭ ئەندىشىلىرى، بايلىقنىڭ ئېزىقتۇرۇشى ۋە باشقا نەرسىلەرگە بولغان ھەۋەسلەر كىرىۋېلىپ، خۇدانىڭ سۆزىنى بوغۇۋېتىدۇ-دە، ئۇلار ھوسۇلسىز قالىدۇ. 20يەنە بەزى كىشىلەر مۇنبەت تۇپراققا چۈشكەن ئۇرۇقلارغا تەمسىل قىلىنغان. ئۇلار خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، قوبۇل قىلىدۇ. خۇدانىڭ سۆزى ئۇلاردا ئوتتۇز، ئاتمىش، ھەتتا يۈز ھەسسە ھوسۇل بېرىدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « لۇقا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 8- باب

4خالايىق ھەرقايسى يۇرتلاردىن ھەزرىتى ئەيسا بىلەن كۆرۈشكىلى ئۈزۈلمەي كېلىپ تۇراتتى. بىر كۈنى نۇرغۇن ئادەم يىغىلغاندا، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا تۆۋەندىكى تەمسىلنى سۆزلەپ بەردى:

5_ بىر دېھقان ئۇرۇق چاچقىلى ئېتىزىغا چىقىپتۇ. چاچقان ئۇرۇقلىرىنىڭ بەزىلىرى چىغىر يول ئۈستىگە چۈشۈپ، كىشىلەرنىڭ ئايىغى ئاستىدا قاپتۇ ۋە قۇشلارغا يەم بوپتۇ. 6بەزىلىرى ئاستى تاشلىق تۇپراققا چۈشۈپتۇ. ئەمما، يەردىكى نەملىك يېتىشمىگەنلىكتىن، ئۇرۇقلار ئۈنۈپ چىققاندىن كېيىن قۇرۇپ كېتىپتۇ. 7بەزىلىرى تىكەنلەرنىڭ ئارىسىغا چۈشۈپتۇ. مايسىلار تىكەنلەر بىلەن بوي تالىشىپ ئۆسۈپتۇ. بىراق، نەتىجىدە تىكەنلەر مايسىلارنى بېسىۋاپتۇ. 8بەزىلىرى بولسا مۇنبەت تۇپراققا چۈشۈپ، ئوبدان ئۆسۈپ، يۈز ھەسسىلەپ ھوسۇل بېرىپتۇ.

ھەزرىتى ئەيسا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن يەنە:

_ بۇ سۆزلەرنى قۇلىقىڭلاردا چىڭ تۇتۇڭلار! _ دېدى.

9كېيىن، ئۇنىڭ شاگىرتلىرى ئۇنىڭدىن بۇ تەمسىلنىڭ مەنىسىنى سورىدى. 10ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

_ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ سىرلىرى سىلەرنىڭ بىلىشىڭلارغا بېرىلدى. بىراق، باشقىلارغا كەلسەك، ئۇلارغا تەمسىللەر بىلەنلا چۈشەندۈرىمەن. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۇلار سۆزۈمنى ئاڭلىسىمۇ چۈشەنمەيدۇ. بۇ ئەھۋال يەشايا پەيغەمبەرنىڭ دېگىنىدەك بولدى: «ئۇلار قارىسىمۇ كۆرمەيدۇ، ئاڭلىسىمۇ چۈشەنمەيدۇ.»

11بۇ تەمسىلنىڭ مەنىسى مۇنداق:

_ ئۇرۇق خۇدانىڭ سۆزىدۇر. 12چىغىر يولدىكى تۇپراققا چۈشكەن ئۇرۇقلار شۇنداق كىشىلەرگە تەمسىل قىلىنغانكى، ئۇلار خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلىسىمۇ، ئۇنى قوبۇل قىلمايدۇ. شەيتان ئۇلارنى ئېتىقاد ئارقىلىق قۇتقۇزۇلمىسۇن دەپ، ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىن خۇدانىڭ سۆزىنى ئېلىپ قېچىپ كېتىدۇ. 13تاشلىق تۇپراققا چۈشكەن ئۇرۇقلار خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلىغان ھامان خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلغانلارغا تەمسىل قىلىنغان. ئۇلار بۇنىڭغا بىر مەھەل ئىشەنگەن بولىدۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ يىلتىزى بولمىغانلىقى ئۈچۈن، بىرەر مۈشكۈللۈككە يولۇقسىلا، بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ. 14تىكەنلىككە چۈشكەن ئۇرۇقلارغا كەلسەك، ئۇلار شۇنداق كىشىلەرگە تەمسىل قىلىنغانكى، ئۇلار خۇدانىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىسىمۇ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا كۆڭلىگە بۇ دۇنيانىڭ ئەندىشە، بايلىق ۋە ھالاۋەتلىرىنىڭ ئېزىقتۇرۇشلىرى كىرىۋېلىپ، خۇدانىڭ سۆزىنى بوغۇۋېتىدۇ-دە، ئۇلار ھوسۇلسىز قالىدۇ. 15مۇنبەت تۇپراققا چۈشكەن ئۇرۇقلار بولسا خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلايدىغان، ئۇلارنى پاك ۋە چىن دىلىدا چىڭ ساقلايدىغان، ھوسۇل بەرگۈچە سەۋر قىلىدىغان كىشىلەردۇر. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى