خۇدا ئۆزگەرمەستۇر

« زەبۇر » 13- مۇناجات

5تايىنىپ كەلدىم مەن مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭگە،

نىجاتىڭدىن تولۇپ تاشسۇن شادلىق قەلبىمگە. [داۋامى]

« زەبۇر » 23- مۇناجات

6بەرھەق، شاپائەت ۋە مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭ،

ھەمراھ بولار ئۆمۈرۋايەت ياندىشىپ ماڭا،

مەڭگۈ ياشايمەن پەرۋەردىگار ھۇزۇرۇڭدا. [داۋامى]

« زەبۇر » 33- مۇناجات

5ئۇ سۆيەر ھەققانىيەت ۋە ئادالەتنى،

تولدۇرغاندۇر زېمىنغا مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىنى. [داۋامى]

« زەبۇر » 33- مۇناجات

11ئەمما مەڭگۈلۈكتۇر پەرۋەردىگارنىڭ قارارلىرى،

ئەۋلادتىن-ئەۋلادقىچە ئەمەلگە ئاشار مەقسەتلىرى. [داۋامى]

« زەبۇر » 33- مۇناجات

18بەرھەق، خۇدانىڭ نەزىرى ئۇنىڭغا ئىخلاس قىلغانلاردا،

ئۇنىڭ مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىگە ئۈمىد باغلىغانلاردا. [داۋامى]

« زەبۇر » 33- مۇناجات

22ئى پەرۋەردىگار، ئۈمىدىمىز سەندە،

مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىڭ يار بولغاي بىزگە. [داۋامى]

« زەبۇر » 41- مۇناجات

13مەدھىيەلەر بولغاي پەرۋەردىگارغا،

ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇداغا،

مەڭگۈدىن-مەڭگۈگە! ئامىن، ئامىن! [داۋامى]

« زەبۇر » 42- مۇناجات

8كۈندۈزى كۆرسىتەر پەرۋەردىگار مەڭگۈلۈك مۇھەببىتىنى،

كېچىسى ئاتا قىلار ئۇ ماڭا مەن ئېيتىدىغان ناخشامنى،

ھاياتىمنىڭ ئىگىسى خۇداغا بېغىشلىغان مۇناجاتلىرىمنى. [داۋامى]

ئىنجىل، « يۇھاننا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 17- باب

5ئى ئاتا، سېنىڭ يېنىڭغا قايتقىنىمدا، دۇنيا ئاپىرىدە بولۇشتىن بۇرۇن بىز بەھرىمەن بولغان ئۇلۇغلۇقتىن مېنى قايتا بەھرىمەن قىلغايسەن. [داۋامى]

ئىنجىل، « رىملىقلارغا يېزىلغان خەت » 8- باب

28خۇدانىڭ ئۆزىنى سۆيىدىغانلارنىڭ، يەنى ئۆزىنىڭ ئىرادىسى بويىچە چاقىرىلغانلارنىڭ ھاياتىدا مەيلى قانداق ئىشلار يۈز بەرسۇن، ئۇلارنىڭ پۈتكۈل ئىشلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ، ھەممىنى شۇلارنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلىمىز. [داۋامى]

ئىنجىل، « تىموتىيغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت » 1- باب

9خۇدا بىزنى قۇتقۇزۇپ، پاك ياشاشقا چاقىردى. بۇ، بىزنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرىمىز بىلەن ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ئىرادىسى ۋە مېھىر-شەپقىتى بىلەن بولدى. خۇدا بىزگە ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق بۇ مېھىر-شەپقەتنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى دۇنيا ئاپىرىدە بولۇشتىن ئىلگىرىلا پىلانلىغانىدى. [داۋامى]

ئىنجىل، « تىموتىيغا يېزىلغان ئىككىنچى خەت » 2- باب

13بىز ئۇنىڭغا ساداقەتسىزلىك قىلساقمۇ، ئۇ يەنىلا ساداقەتلىكتۇر. چۈنكى، ئۇ چوقۇم ئۆزىنىڭ سۆزىدە تۇرماي قالمايدۇ. [داۋامى]

ئىنجىل، « ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت » 1- باب

10خۇدا ئوغلىغا يەنە مۇنداق دېگەن:

«ئى رەب، سەن ھەممىدىن بۇرۇن زېمىننىڭ ئاساسىنى سالدىڭ،

ئاسمانمۇ سېنىڭ قوللىرىڭنىڭ ئىجادىيىتىدۇر.

11ئۇلار يوقىلىدۇ، لېكىن سەن مەڭگۈ يوقالمايسەن.

ئاسمان-زېمىن كىيىم-كېچەكتەك كونىرايدۇ.

12ئۇلارنى خۇددى كونا چاپاننى يىغىشتۇرغاندەك پۈرلەپ يىغىشتۇرىسەن.

كىيىم-كېچەك يەڭگۈشلەنگەندەك،

ئاسمان-زېمىنمۇ يەڭگۈشلىنىدۇ.

لېكىن، سەن ئەسلا ئۆزگەرمەيسەن.

ھاياتلىقىڭ ئاخىرلاشمايدۇ.» [داۋامى]

ئىنجىل، « ئىبرانىيلارغا يېزىلغان خەت » 13- باب

7خۇدانىڭ سۆزىنى سىلەرگە يەتكۈزگەن يېتەكچىلەرنى ئېسىڭلاردا تۇتۇڭلار. ئۇلارنىڭ ھاياتىنىڭ نەقەدەر ياخشى مېۋىلەرنى بەرگەنلىكىنى ئەسلەپ، ئۇلارنىڭ ئېتىقادىدىن ئۈلگە ئېلىڭلار.

8ئەيسا مەسىھ تۈنۈگۈن، بۈگۈن ۋە مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدۇ. 9شۇنىڭ ئۈچۈن، ھەر خىل غەيرىي تەلىملەرنىڭ ئازدۇرۇشىغا بېرىلىپ، تۇيۇق يولغا كىرىپ قالماڭلار. ئۆزۈڭلارنى يېمەكلىكلەر توغرىسىدىكى قائىدىلەرگە رىئايە قىلىش بىلەن ئەمەس، خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى بىلەن مۇستەھكەملەڭلار. چۈنكى، بۇنداق قائىدىلەرگە رىئايە قىلىشنىڭ ھېچقانداق قىممىتى يوقتۇر. [داۋامى]

ئىنجىل، « ياقۇپ يازغان خەت » 1- باب

17ھەرقانداق ئېسىل ۋە كەم-كۈتىسىز ئىلتىپات خۇدادىن كېلىدۇ. ئاسماندىكى پۈتكۈل يورۇقلۇقلارنى ياراتقان خۇدا يورۇقلۇقتىن پەيدا بولغان كۆلەڭگىلەردەك ئۆزگىرىشچان ئەمەس. [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى