خۇدا قۇتقۇزغۇچىدۇر

تەۋرات، « ئالەمنىڭ يارىتىلىشى » 19- باب

29بىراق، خۇدا لۇت ياشىغان تۈزلەڭلىكتىكى شەھەرلەرنى خارابىلىككە ئايلاندۇرغىنىدا، ئىبراھىمنىڭ تەلىپىنى ئېسىگە ئېلىپ، لۇتنى قۇتقۇزدى. [داۋامى]

تەۋرات، « ئالەمنىڭ يارىتىلىشى » 45- باب

7شۇڭا، سىلەرنىڭ نەسلىڭلارنى ساقلاپ قېلىش ھەم ھاياتىڭلارنى قۇتقۇزۇپ قېلىش ئۈچۈن، خۇدا چوڭ مۆجىزە كۆرسىتىپ مېنى بۇ يەرگە ئاۋۋال ئەۋەتتى. [داۋامى]

« زەبۇر » 18- مۇناجات

17قۇتقۇزدى مېنى ۋەھشىي دۈشمىنىمدىن،

ماڭا ئۆچ بولغانلاردىن،

چۈنكى ئۇلار كۈچلۈك ئىدى مەندىن. [داۋامى]

« زەبۇر » 18- مۇناجات

48قۇتقۇزدۇڭ مېنى دۈشمەنلىرىمدىن،

ئۈستۈن قىلدىڭ ماڭا ھۇجۇم قىلغانلاردىن،

قۇتۇلدۇردۇڭ ھەم زوراۋانلاردىن. [داۋامى]

« زەبۇر » 34- مۇناجات

6پەرۋەردىگار ئاڭلاپ پېقىرنىڭ نىدايىنى،

ھەممە كۈلپەتلەردىن قۇتقۇزدى مېنى.

7ھەر تەرەپتىن قوغداپ خۇدانىڭ پەرىشتىسى،

قۇتقۇزار خەۋپتىن پەرۋەردىگارغا ئىخلاسمەنلەرنى.

8ھېس قىلغىن ۋە بىلگىن خۇدانىڭ مېھرىبانلىقىنى،

شۇنچىلىك بەختلىك بولار باشپاناھ قىلغانلار ئۇنى. [داۋامى]

« زەبۇر » 7- مۇناجات

10قالقىنىمدۇر خۇدا،

نىجاتكار بولۇر قەلبى پاكلارغا. [داۋامى]

تەۋرات، « مىسىردىن چىقىش » 3- باب

7پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:

_ مەن خەلقىم ئىسرائىللارنىڭ مىسىردا خارلىنىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. ئۇلارنىڭ ئەمگەك نازارەتچىلىرىنىڭ زۇلمىدىن قىلغان نالە-پەريادلىرىنى ئاڭلىدىم. ئۇلارنىڭ ئازاب تارتىۋاتقانلىقىنى بىلىمەن. [داۋامى]

ئىنجىل، « مەتتا بايان قىلغان خۇش خەۋەر » 22- باب

41پەرىسىيلەر توپلىشىپ تۇرغاندا، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلاردىن:

42_ قۇتقۇزغۇچى _ مەسىھ توغرىسىدا نېمە ئويلاۋاتىسىلەر؟ ئۇ كىمنىڭ ئەۋلادى؟ _ دەپ سورىدى.

_ داۋۇت پادىشاھنىڭ ئەۋلادى، _ دېيىشتى ئۇلار.

43ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى:

_ ئۇنداقتا، نېمە ئۈچۈن داۋۇت پادىشاھ مۇقەددەس روھنىڭ ئىلھامى بىلەن قۇتقۇزغۇچى _ مەسىھنى «خوجايىنىم» دەپ ئاتايدۇ؟ داۋۇت زەبۇردا مۇنداق دېگەنغۇ:

44«پەرۋەردىگار خوجايىنىمغا ئېيتتىكى:

‹مەن سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭنى

ئايىغىڭ ئاستىدا دەسسەتكۈچە،

مېنىڭ ئوڭ يېنىمدا ئولتۇرغىن!›»

45قۇتقۇزغۇچى _ مەسىھ پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادى بولسىمۇ، لېكىن پادىشاھ داۋۇت مەسىھنى «خوجايىنىم» دېگەن يەردە مەسىھ ئۇنىڭدىن ئۇلۇغ بولمامدۇ؟! [داۋامى]

ئىنجىل، « ھەزرىتى ئەيسا ئەلچىلىرىنىڭ پائالىيەتلىرى » 7- باب

9كېيىن، ئەجدادىمىز ياقۇپنىڭ ئوغۇللىرى ئىنىسى يۈسۈپتىن ھەسەت قىلىپ، ئۇنى مىسىرغا بارىدىغان سودىگەرلەرگە قۇل ئورۇندا سېتىۋەتتى. لېكىن، خۇدا ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغاچقا، 10ئۇنى پۈتۈن تارتقان قىيىنچىلىقىدىن قۇتقۇزۇپ، ئۇنىڭغا دانىشمەنلىك ئاتا قىلىپ، مىسىر پادىشاھىنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشتۈردى. پادىشاھ ئۇنى مىسىرغا باش ۋەزىر ۋە ئوردىنىڭ باش غوجىدارى قىلدى. [داۋامى]

ئىنجىل، « گالاتىيالىقلارغا يېزىلغان خەت » 1- باب

3خۇدائاتىمىز ۋە رەببىمىز ئەيسا مەسىھ سىلەرگە مېھىر-شەپقەت ۋە ئامانلىق ئاتا قىلغاي! 4ئەيسا مەسىھ خۇدائاتىمىزنىڭ ئىرادىسى بويىچە گۇناھلىرىمىز ئۈچۈن ئۆزىنى پىدا قىلىپ، بىزنى بۇ رەزىل دۇنيادىن قۇتقۇزدى. 5بارلىق شان-شەرەپ خۇداغا ئەبەدىلئەبەد مەنسۇپ بولغاي، ئامىن! [داۋامى]

ئىنجىل، « فىلىپىلىكلەرگە يېزىلغان خەت » 3- باب

12بۇنداق دېيىش بىلەن، بۇ مەقسەتكە ئېرىشىپ بولدۇم ياكى كامالەتكە يەتتىم، دېمەكچى ئەمەسمەن. لېكىن، ئەيسا مەسىھ مېنى نېمە مەقسەت بىلەن قۇتقۇزغان بولسا، مەنمۇ شۇ مەقسەت ئۈچۈن چېپىپ يۈرۈۋاتىمەن. [داۋامى]

ئىنجىل، « تىموتىيغا يېزىلغان بىرىنچى خەت » 4- باب

10بۇنىڭ ئۈچۈن ئەجىر سىڭدۈرۈۋاتىمىز ۋە كۈرەش قىلىۋاتىمىز. چۈنكى، ئۈمىدىمىزنى پۈتكۈل ئىنساننىڭ، بولۇپمۇ ئېتىقاد قىلغۇچىلارنىڭ قۇتقۇزغۇچىسى _ مەڭگۈ ھايات خۇداغا باغلىدۇق. [داۋامى]

ئىنجىل، « تىتۇسقا يېزىلغان خەت » 3- باب

4لېكىن، قۇتقۇزغۇچىمىز خۇدا ئىنسانلارغا بولغان مېھرىبانلىقى ۋە مۇھەببىتىنى ئوچۇق ئايان قىلدى. 5بىز ياخشى ئەمەللەر بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ رەھىم-شەپقىتىدىن قۇتقۇزۇلدۇق. خۇدا بىزنىڭ گۇناھلىرىمىزنى يۇيۇپ، مۇقەددەس روھ ئارقىلىق بىزنى قايتىدىن تۆرەلدۈرۈپ، يېڭى ھاياتقا ئېرىشتۈرۈش بىلەن بىزنى قۇتقۇزدى. 6قۇتقۇزغۇچىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق خۇدا كەڭچىلىك بىلەن مۇقەددەس روھنى قەلبىمىزگە تۆكتى. [داۋامى]

ئىنجىل، « يەھۇدا يازغان خەت » 1- باب

24-25ھەممىمىزنى قۇتقۇزغان يېگانە خۇدا سىلەرنى يىقىلىپ چۈشۈشتىن ساقلاپ، ئەيىبسىز ۋە خۇشال-خۇرام ھالدا ئۆزىنىڭ ئۇلۇغۋار ھۇزۇرىغا ئېلىپ كېلىشكە قادىردۇر. بارلىق شان-شەرەپ، ئۇلۇغلۇق، قۇدرەت ۋە ھوقۇق رەببىمىز ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئەزەلدىن تا ھازىرغىچە ۋە ئەبەدىلئەبەد خۇداغا مەنسۇپ بولغاي، ئامىن! [داۋامى]

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

يېڭى مەزمۇن

يېڭى مەزمۇن

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى