« سامۇئىل بىرىنچى قىسىم »

2

ھاننانىڭ پەرۋەردىگارغا ئوقۇغان مەدھىيەسى

1ھاننا مەدھىيە ئوقۇپ، مۇنداق دېدى:

ئى پەرۋەردىگار، شادلاندۇردىڭ قەلبىمنى،

رۇسلىدىڭ قەددىمنى.

دۈشمەنلىرىم ئالدىدا ماختىنار بولدۇم،

يايرىدىم سەن بەرگەچ نىجاتلىقىڭنى.

2پەرۋەردىگار بىردىنبىر مۇقەددەستۇر،

ئى پەرۋەردىگار، سېنىڭ تەڭدىشىڭ يوقتۇر.

خۇدايىمىزدەك پاناھگاھ قورام تاش يوقتۇر.

3ئارتۇق سۆزلىمەڭلار بېرىلىپ كىبىرلىككە،

ئاغزىڭلاردىن چىقمىسۇن تەكەببۇرلۇق سۆزلەر يەنە.

چۈنكى پەرۋەردىگار ھەممىنى بىلگۈچى خۇدادۇر،

قىلغان ئەمەللەرنى ئۇ تارتار تارازىدا.

4كۈچلۈكلەرنىڭ يالىرى سۇنار،

ئاجىزلار قۇدرەت كەمىرىنى باغلار.

5ئەمدى نان ئۈچۈن مەدىكاردۇر بۇرۇن توق بولغانلار،

بۇنىڭدىن كېيىن ئاچ قالماس، ئاچ قالغانلار.

تۇغماس ئايال يەتتىنى تۇغار،

كۆپ بالىلىق ئايال ئەمدى مۇسىبەتتە قالار.

6جاننى ئالغۇچىمۇ، بەرگۈچىمۇ پەرۋەردىگاردۇر،

گۆرگە چۈشۈرگۈچىمۇ، ئېلىپ چىققۇچىمۇ ئۇنىڭ ئۆزىدۇر.

7نامرات قىلغۇچىمۇ، باي قىلغۇچىمۇ پەرۋەردىگاردۇر.

پەس قىلغۇچىمۇ، ئېگىزگە كۆتۈرگۈچىمۇ ئۇنىڭ ئۆزىدۇر.

8ئۇ كۆتۈرۈپ ئالار كەمبەغەلنى چاڭ-توزاندىن،

ئېلىپ چىقار يوقسۇلنى ئەخلەت دۆۋىلىرىدىن.

ئېسىلزادىلەر ئارىسىدىن جاي بېرىپ ئۇلارغا،

مۇيەسسەر قىلار ئۇلارنى شان-شۆھرەت ئورنىغا.

چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭكىدۇر زېمىننىڭ ئۇللىرى،

ئۇ قويغاندۇر ئۇلارنىڭ ئۈستىگە دۇنيانى.

9ئۇ ئۆز تەقۋادارلىرىنىڭ يوللىرىنى قوغدار،

نۇسرەت تاپالماس ئىنسان ئۆز قۇدرىتى بىلەن،

يامانلار قاراڭغۇلۇقتا جىمىقتۇرۇلار.

10پەرۋەردىگارغا قارشىلىق قىلغۇچىلار بىتچىت قىلىنار،

ئۇ ئۆزى ئاسماندىن ئۇلارغا چاقماق چۈشۈرەر.

پەرۋەردىگار پۈتكۈل دۇنياغا ھۆكۈم چىقىرار.

ئۆزى تىكلىگەن پادىشاھقا كۈچ ئاتا قىلار،

ئۆزى تاللىغان پادىشاھنىڭ قۇدرىتىنى ئاشۇرار.

11كېيىن ئەلقانالار راماھقا قايتىپ كەتتى. لېكىن بالا سامۇئىل پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىدە بولۇش ئۈچۈن روھانىي ئەلىنىڭ ھۇزۇرىدا قالدى.

ئەلىنىڭ ئوغۇللىرى

12ئەلىنىڭ ئوغۇللىرى ئوسال بولۇپ، پەرۋەردىگارغا بىپەرۋا ئىدى. 13ئۇلار روھانىيلارنىڭ قۇربانلىق قىلىنغان گۆشنى ئېلىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسىگە بويسۇنماي، ئۆز خاھىشى بويىچە ئىش قىلاتتى. بىر كىشى قۇربانلىق قىلسا، گۆش تېخى داش قازاندا قايناۋاتقاندا، ئۇلارنىڭ خىزمەتكارلىرى ئۈچ چىشلىق ئارا تۇتۇپ كېلىپ، 14ئۇنى گۆشكە سانجىپ، ئارىغا نېمە ئېلىنسا، شۇنى «روھانىيغا تەۋە» دەپ ئېلىپ كېتەتتى. مانا بۇ ئۇلارنىڭ شىلوغا قۇربانلىق قىلغىلى كەلگەن ئىسرائىللارنىڭ ھەممىسىگە قىلغانلىرى ئىدى. 15بۇنىڭ بىلەنلا قالماي، ھەتتا قۇربانلىقنىڭ يېغى كۆيدۈرۈلمەي تۇرۇپلا، ئۇلارنىڭ خىزمەتكارى كېلىپ، قۇربانلىق قىلغۇچىغا: «روھانىيغا كاۋاپ قىلىش ئۈچۈن گۆش بەر، ئۇ سەندىن سۇدا پىشۇرۇلغان گۆشنى ئەمەس، بەلكى خام گۆشنى ئېلىشنى خالايدۇ» دەيتتى. 16ئەگەر قۇربانلىق قىلغۇچى: «ئالدى بىلەن يېغى كۆيدۈرۈلسۇن، ئاندىن كېيىن خالىغىنىڭچە ئېلىۋەر!» دېسە، ئۇلارنىڭ خىزمەتكارى: «ياق، ھازىرلا بەر! بولمىسا بۇلاپ ئالىمەن!» دەيتتى.

17ئەلىنىڭ بۇ ئىككى ئوغلىنىڭ گۇناھى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تولىمۇ ئېغىر ئىدى. چۈنكى ئۇلار پەرۋەردىگارغا سۇنۇلغان قۇربانلىققا شۇنداق ھۆرمەتسىزلىك قىلىشاتتى.

سامۇئىل شىلو شەھىرىدە

18ئۇ چاغدا سامۇئىل تېخى بالا ئىدى. ئۇ كەندىر رەختتىن تىكىلگەن روھانىيلىق تونىنى كىيىپ، پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىدە بولاتتى. 19ئانىسى ئۇنىڭغا ھەر يىلى بىر كىچىك چاپان تىكىپ، ئېرى بىلەن يىللىق قۇربانلىق قىلىشقا بارغىنىدا ئالغاچ باراتتى. 20ئەلى ئەلقانا ۋە ئۇنىڭ ئايالىغا بەخت تىلەپ، ئەلقاناغا:

_ پەرۋەردىگاردىن تىلەپ ئالغان ھەم ئۇنىڭغا بېغىشلىغان ئوغلۇڭنىڭ ئورنىغا، پەرۋەردىگار بۇ ئايالىڭدىن ساڭا پەرزەنتلەر ئاتا قىلغاي، _ دەيتتى. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار ئۆيىگە قايتاتتى. 21پەرۋەردىگار ھانناغا غەمخورلۇق قىلغاچقا، ئۇ ھامىلىدار بولۇپ، ئۈچ ئوغۇل، ئىككى قىز تۇغدى. بالا سامۇئىل بولسا پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىدە بولۇپ، كۈندىن-كۈنگە چوڭ بولدى.

ئەلىنىڭ ئوغۇللىرىنى ئەيىبلىشى

22ئەلى ناھايىتى قېرىپ كەتكەنىدى. ئۇ ئىككى ئوغلىنىڭ ئىسرائىل خەلقىگە قىلغان ئەتكەنلىرىنىڭ ھەممىسىنى، ھەتتا ئۇلارنىڭ «پەرۋەردىگار بىلەن ئۇچرىشىش چېدىرى»* ئالدىدا خىزمەت قىلىدىغان ئاياللار بىلەن بىر ئورۇندا ياتقانلىقىنى ئاڭلاپ تۇراتتى. 23ئەلى ئۇلارغا:

_ سىلەر نېمىشقا بۇنداق ئىشلارنى قىلىسىلەر؟ ھەممەيلەندىن سىلەرنىڭ قىلغان ئەسكىلىكىڭلارنى ئاڭلاپ تۇرۇۋاتىمەن. 24ئەي ئوغۇللىرىم، بۇنداق قىلماڭلار! مېنىڭ قۇلىقىمغا يەتكەن، پەرۋەردىگارنىڭ خەلقى ئارىسىدا تارقىلىپ يۈرگەن بۇ خەۋەرلەر ياخشى ئەمەس! 25ئەگەر بىر كىشى يەنە بىر كىشىگە قارشى گۇناھ ئۆتكۈزسە، خۇدا ئۇنىڭغا مۇرەسسەچى بولىدۇ. لېكىن بىر كىشى پەرۋەردىگارغا قارشى گۇناھ ئۆتكۈزسە، ئۇنىڭغا كىممۇ مۇرەسسەچى بولالىسۇن؟ _ دېدى.

لېكىن ئۇلار ئاتىسىنىڭ سۆزىگە قۇلاق سالمىدى، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئۆلتۈرۈۋېتىلىشى پەرۋەردىگارنىڭ ئىرادىسى ئىدى.

26بالا سامۇئىل كۈندىن-كۈنگە پەرۋەردىگارنىڭ ۋە كىشىلەرنىڭ زوقىنى كەلتۈرۈپ، چوڭ بولدى.

27بىر كۈنى بىر پەيغەمبەر ئەلىنىڭ ئالدىغا كېلىپ، ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:

_ پەرۋەردىگار دەيدۇكى: «ئىسرائىللار مىسىر پادىشاھىغا قۇل بولۇپ يۈرگەندە، مەن ئەجدادىڭ ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئۇرۇق-جەمەتىگە ئۆزۈمنى زاھىر قىلغانىدىم. 28مەن ئۇلارنى ئىسرىق كۆيدۈرۈپ، قۇربانلىق سۇپامدا قۇربانلىق قىلسۇن، ئالدىمدا ئېفود* كىيىمىنى كىيىپ ماڭا روھانىي بولسۇن دەپ، ئىسرائىللارنىڭ بارلىق قەبىلىلىرى ئىچىدىن تاللىۋالمىغانمىدىم؟ شۇنىڭدەك ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا ئۇلارنىڭ ئۈلۈشى بولسۇن دەپ، ئىسرائىللارنىڭ ھەممە قۇربانلىقلىرىدىن بەرمىگەنمىدىم؟ 29شۇنداق ئىكەن، يەنە نېمە ئۈچۈن تەلىپىم بويىچە ئىبادەتگاھىمدا قىلىنغان قۇربانلىق ۋە ھەدىيەلەرنى دەپسەندە قىلىسىلەر؟ ئەلى، سەن نېمىشقا ئوغۇللىرىڭنى مەندىن ئارتۇق كۆرىسەن؟ نېمە ئۈچۈن خەلقىم سۇنغان قۇربانلىقلارنىڭ ياخشى يەرلىرىنى ئېلىپ كېتىپ، ئۆزۈڭلارنى سەمرىتىسىلەر؟!»

30ئەمدى پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا مۇنداق دەيدۇكى: «ھەقىقەتەنمۇ ئۇرۇقۇڭدىن ۋە ئەجدادىڭ ئۇرۇقىدىن بولغانلارنىڭ مەڭگۈ روھانىي بولۇپ خىزمىتىمدە بولۇشىنى ئېيتقانىدىم. بىراق مەن پەرۋەردىگار ھازىر شۇنى ئېيتىمەنكى، ئەمدى بۇنداق بولمايدۇ. مېنى ھۆرمەتلىگەنلەرنى ئىززەتلەيمەن، مېنى كەمسىتكەنلەر خورلۇقتا قالىدۇ. 31مانا، شۇنداق كۈنلەر يېقىنلاشماقتا: ئاتاڭنىڭ ئۇرۇقىدىن بولغانلارنى ئەجىلىدىن بالدۇر ھالاك قىلىمەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇرۇقۇڭدىن ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىغان ئادەم چىقمايدۇ. 32مېنىڭ ئىبادەتگاھىمدا قايغۇلۇق ئىشلارنى كۆرىسەن. گەرچە مېنىڭ شاپائىتىم ئىسرائىللارغا ياغدۇرۇلغان بولسىمۇ، سېنىڭ ئۇرۇقۇڭدىن ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىغان كىشى چىقمايدۇ. 33ئەۋلادىڭدىن بىرسىنى ماڭا روھانىيلىق قىلىشقا قالدۇرىمەن. لېكىن ئۇنىڭ كۆزىدىن ياش قۇرۇمايدۇ، قايغۇدا ئۆتىدۇ. ئەۋلادلىرىڭنىڭ ھەممىسى ياش كېتىدۇ. 34ئىككى ئوغلۇڭ خوفنى بىلەن پىنىخاس بىر كۈندە ئۆلىدۇ. بۇ ساڭا ئېيتقانلىرىمنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدىغانلىقىنىڭ بەلگىسى بولۇپ قالسۇن.

35مەن ئۆزۈمگە سادىق بىر روھانىي تەيىنلەيمەن. ئۇ خاھىشىم ۋە ئىرادەم بويىچە ماڭا خىزمەت قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئەۋلادىنى روھانىيلىق قىلىشقا باقىي قىلىمەن. ئۇلار مەن تاللىغان پادىشاھ ئالدىدا مەڭگۈ خىزمەت قىلىدۇ. 36سېنىڭ ئەۋلادىڭ ئىچىدە ھايات قالغان كىشىلەر بىر كۈمۈش تەڭگە ياكى بىر بۇردا نان ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئۇلارغا تەزىم قىلىپ، ‹ئۆتۈنۈپ قالاي، يېمەك-ئىچمىكىم ئۈچۈن روھانىيلار قىلىدىغان بىرەر ئىش بولسا بەرسىڭىز› دەپ يالۋۇرىدىغان بولىدۇ.»



*22مۇسا پەيغەمبەر خۇدانىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە تىككەن ئىبادەت چېدىرىنىڭ يەنە بىر ئاتىلىشى بولۇپ، بۇ يەردە شىلودىكى ئىبادەت چېدىرىنى كۆرسىتىدۇ.

*28ئېفود _ باش روھانىيلار خۇداغا خىزمەت قىلغان چاغدا كىيىدىغان كىيىم. «تەۋرات. مىسىردىن چىقىش» 28-باب، 6-ئايەتتىن 14-ئايەتكىچە قارالسۇن.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى