« تارىخلار بىرىنچى قىسىم »

28

داۋۇتنىڭ ئىبادەتخانىنى قۇرۇش توغرىسىدىكى كۆرسەتمىلىرى

1داۋۇت پادىشاھ ئىسرائىلىيەدىكى بارلىق ئەمەلدارلارنى يەنى ھەرقايسى قەبىلىلەرنىڭ باشلىقلىرىنى، پادىشاھقا خىزمەت قىلىۋاتقان ھەرقايسى ھەربىي قىسىملارنىڭ سەركەردىلىرىنى، مىڭبېشى، يۈزباشلىرىنى، پادىشاھ ۋە شاھزادىلەرنىڭ مال-مۈلۈك، چارۋىلىرىنى باشقۇرغۇچىلارنى، ئوردا خىزمەتكارلىرىنى، باھادىرلارنى ۋە باشقا بارلىق باتۇر جەڭچىلەرنى يېرۇسالېمغا چاقىرتتى.

2داۋۇت پادىشاھ ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

_ قېرىنداشلىرىم، خەلقىم، گېپىمگە قۇلاق سېلىڭلار! مەن ئەسلى پەرۋەردىگارنىڭ پۇت قويغۇچى بولغان ئەھدە ساندۇقىنى ساقلايدىغان بىر ئىبادەتخانا سالماقچى ئىدىم. مەن بۇنىڭ ئۈچۈن قۇرۇلۇش تەييارلىقلىرىنى پۈتتۈرۈپ قويغانىدىم. 3لېكىن خۇدا: «مېنىڭ نام-شەرىپىم ئۈچۈن ئىبادەتخانىنى سەن سالساڭ بولمايدۇ، چۈنكى سەن ئىلگىرى كۆپ جەڭلەرنى قىلىپ، نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ قېنىنى تۆكتۈڭ» دېدى. 4ھالبۇكى، پەرۋەردىگار _ ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا پۈتۈن جەمەتىمىز ئىچىدىن مېنى تاللاپ، ئىسرائىل خەلقىنىڭ مەڭگۈلۈك پادىشاھى قىلىپ تىكلىدى. چۈنكى ئۇ، بۇ تاللاشتا يەھۇدا قەبىلىسىنى ئاساس قىلدى، يەھۇدا قەبىلىسى ئىچىدىن ئاتامنىڭ جەمەتىنى مۇۋاپىق كۆردى. ئاتامنىڭ ئوغۇللىرى ئىچىدىن ئۇ مېنى ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھى قىلىپ تىكلەشنى خالىدى. 5پەرۋەردىگار ماڭا كۆپ ئوغۇل بەردى ھەمدە بۇ ئوغۇللىرىمنىڭ ئارىسىدىن سۇلايماننى ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھلىققا تاللاپ، پەرۋەردىگارنىڭ پادىشاھلىق تەختىگە ئولتۇرغۇزدى.

6پەرۋەردىگار ماڭا: «مېنىڭ ئىبادەتخانامنى ۋە ھويلىلىرىمنى ئوغلۇڭ سۇلايمان سالىدۇ. مەن سۇلايماننى ئۆزۈمگە ئوغۇل قىلىپ تاللىدىم، مەن ئۇنىڭ ئاتىسىدۇرمەن. 7ئەگەر ئۇ بۈگۈنكىدەك مېنىڭ ئەمر-پەرمانلىرىمنى ھەر دائىم قەتئىي ئىجرا قىلسا، مەن ئۇنىڭ تەختىنى مەڭگۈ مۇستەھكەم قىلىمەن.» دېدى.

8شۇنىڭ ئۈچۈن ھازىر مەن پەرۋەردىگارنىڭ جامائىتى بولغان پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى ئالدىدا، شۇنداقلا خۇدايىمىزنىڭ گۇۋاھلىقىدا سىلەرگە شۇنى ئېيتىمەنكى، سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ بارلىق ئەمرلىرىنىڭ بىرىنىمۇ قالدۇرماي ئىجرا قىلىشىڭلار كېرەك. شۇنداق قىلغاندىلا، مانا بۇ گۈزەل زېمىنغا ئىگە بولالايسىلەر، شۇنداقلا ئۇنى ئەۋلادلىرىڭلارغىمۇ مەڭگۈ مىراس قىلىپ قالدۇرالايسىلەر.

9ئوغلۇم سۇلايمان، ئاتاڭ ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانى تونۇغىن، پۈتۈن جان-دىلىڭ ۋە ئىختىيارلىقىڭ بىلەن ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولغىن. چۈنكى ئۇ ھەربىر ئىنساننىڭ كۆڭلىدىكىنى، ئۇنىڭ نىيىتىنى بىلىدۇ. ئەگەر سەن ئۇنى ئىزدىسەڭ، ئۇنى چوقۇم تاپالايسەن، ئەگەر سەن ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈسەڭ، ئۇمۇ سېنى مەڭگۈ تاشلاپ كېتىدۇ. 10گېپىمگە قۇلاق سال، پەرۋەردىگار مۇقەددەس جاي بولغان ئىبادەتخانىنى سېلىشقا سېنى تاللىغان ئىكەن، دادىل بول، بۇ ئىشقا بەل باغلا!

11داۋۇت ئىبادەتخانىنىڭ قۇرۇلمىسىنى، يەنى ئىبادەتخانىنىڭ ئايۋىنى، ئامبارلىرى، يۇقىرى ۋە ئىچكىرى خانىلىرىنىڭ ھەمدە ئەڭ مۇقەددەس جاي _ گۇناھتىن پاكلىنىش جايىنىڭ لايىھەسىنى ئوغلى سۇلايمانغا بەردى. 12داۋۇت ئۇنىڭغا يەنە ئىبادەتخانىنىڭ ھويلىلىرى، ئەتراپىدىكى ئۆيلەر ۋە خۇداغا ئاتالغان سوۋغاتلارنى ساقلايدىغان خەزىنىلەر ھەققىدىمۇ پەرۋەردىگارنىڭ كۆڭلىگە سالغانلىرى بويىچە كۆرسەتمە بەردى. 13داۋۇت ئۇنىڭغا يەنە روھانىيلار ۋە لاۋىيلارنى قانداق تەشكىللەشكە، ئۇلارنىڭ ئىبادەتخانىدا قىلىدىغان خىزمەتلىرىگە ۋە خىزمەت قىلغاندا ئىشلىتىلىدىغان بۇيۇملارغا ئائىت ئىشلارنىمۇ چۈشەندۈردى.

14ئۇنىڭغا يەنە خۇدانىڭ خىزمىتىدە ئىشلىتىلىدىغان تۈرلۈك بۇيۇملارغا كېتىدىغان ئالتۇن، كۈمۈشنىڭ مىقدارى، 15يەنى ھەربىر ئالتۇن ۋە كۈمۈش چىراغ ۋە چىراغدانلارنىڭ ئىشلىتىلىدىغان ئورنىغا قاراپ، ئۇنىڭغا كېتىدىغان ئالتۇن ۋە كۈمۈشنىڭ مىقدارى، 16خۇداغا ئاتالغان نانلارنى قويىدىغان ئالتۇن شىرەلەرگە كېتىدىغان ئالتۇننىڭ مىقدارى ۋە كۈمۈش شىرەلەرگە كېتىدىغان كۈمۈشنىڭ مىقدارى، 17ھەربىر ئالتۇن ئارا، ئالتۇن داس، ئالتۇن كومزەك ۋە ئالتۇن، كۈمۈش تەخسىلەرگە كېتىدىغان ئالتۇن ۋە كۈمۈشنىڭ مىقدارى، 18ئالتۇن ئىسرىقدانغا كېتىدىغان ئالتۇننىڭ مىقدارىنى بەلگىلەپ بەردى. شۇنداقلا، ئالتۇن ھارۋىدىكى پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئۈستىنى ئېچىلغان قاناتلىرى بىلەن يېپىپ تۇرىدىغان ئالتۇن كېرۇبنىڭ لايىھەسىنىمۇ سۇلايمانغا بەردى. 19داۋۇت مۇنداق دېدى:

_ مەن بۇلارنىڭ ھەممىسىنى پەرۋەردىگارنىڭ ماڭا ئۆز قولى بىلەن كۆرسەتكەنلىرى بويىچە، بىرمۇبىر تەپسىلى يېزىپ چىقتىم.

20ئۇ ئوغلى سۇلايمانغا يەنە:

_ سەن قەيسەر ۋە جاسارەتلىك بول، ئىشنى باشلا! ھەرگىز قورقما ھەم چۈشكۈنلەشمە. چۈنكى پەرۋەردىگار خۇدا، يەنى مەن ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا سەن بىلەن بىرگىدۇر. شۇڭا پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسى چوقۇم قۇرۇلىدۇ، پەرۋەردىگار سەندىن ھەرگىز ئايرىلمايدۇ، سېنى تاشلىمايدۇ. 21مانا قارا، خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدا روھانىيلار ۋە لاۋىيلار ھەرقانداق خىزمەتلەرنى قىلىشقا تەييار تۇرىدۇ. ئۇستا ھۈنەرۋەنلەرمۇ ساڭا جان-دىلى ۋە ئىختىيارلىقى بىلەن ياردەم قىلىدۇ. پۈتۈن ئەمەلدار ۋە خەلق سېنىڭ بۇيرۇقۇڭغا بويسۇنىدۇ، _ دېدى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى