« تارىخلار بىرىنچى قىسىم »

29

ئىبادەتخانا قۇرۇلۇشى ئۈچۈن قىلىنغان سوۋغاتلار

1داۋۇت پادىشاھ پۈتۈن جامائەتكە مۇنداق دېدى:

_ خۇدا تاللىغان ئوغلۇم سۇلايمان تېخى ياش ھەم تەجرىبىسىز، ئەمما قىلىدىغان ئىشى ئىنتايىن بۈيۈكتۇر. ئىنتايىن چوڭ بىر قۇرۇلۇش، چۈنكى ئىبادەتخانا ئىنسانلار ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى پەرۋەردىگار خۇدانىڭ شان-شەرىپى ئۈچۈن سېلىنىدۇ. 2خۇدايىمنىڭ بۇ ئىبادەتخانىسى ئۈچۈن مەن پۈتۈن كۈچۈم بىلەن يېتەرلىك ئالتۇن، كۈمۈش، تۇچ، تۆمۈر ۋە ياغاچ ماتېرىياللارنى تەييارلاپ قويدۇم. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە كۆپلىگەن سىزىقلىق ھېقىق، فىرۇزە تاشلار، رەڭلىك تاشلار، مەرمەر ۋە ھەر خىل قىممەت باھالىق تاشلارنىمۇ تەييارلاپ قويدۇم. 3مەن خۇدايىمنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ قۇرۇلۇشىغا بولغان ساداقىتىمنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن يۇقىرىقىدەك ماتېرىياللارنى تەييارلىغاندىن باشقا يەنە ئۆزۈمنىڭ ئەتىۋارلاپ ساقلاپ قويغان ئالتۇن، كۈمۈشلىرىمنىمۇ ھەدىيە قىلماقچىمەن. 4مەن ئىبادەتخانىنىڭ تاملىرىنى زىننەتلەشكە 100 توننا ئوفىر ئالتۇنى ۋە 240 توننا كۈمۈش ھەدىيە قىلىمەن. 5ئۇستا ھۈنەرۋەنلەر ئۇنىڭدىن ئالتۇن ۋە كۈمۈش جابدۇقلارنىمۇ ياسايدۇ. قېنى، بۈگۈن يەنە كىم پەرۋەردىگارغا خالىس ھەدىيە بېرىشنى خالايدۇ؟

6شۇنىڭ بىلەن ھەرقايسى جەمەت باشلىقلىرى، ئىسرائىلىيەدىكى ھەرقايسى قەبىلىلەرنىڭ يولباشچىلىرى، مىڭبېشى، يۈزبېشىلار ۋە ئوردا ئەمەلدارلىرى ئۆز كۆڭۈللىرىدىن چىقىرىپ سوۋغاتلار ھەدىيە قىلدى. 7ئۇلار خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن 180 توننا 84 كىلو ئالتۇن، 360 توننا كۈمۈش، 650 توننا تۇچ ۋە 3600 توننا تۆمۈر ھەدىيە قىلدى. 8كىمدە قىممەت باھالىق تاشلار بولسا، ئۇنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ خەزىنىسىگە تاپشۇردى. ئامبارغا گېرشون ئەۋلادىدىن بولغان يىخىئېل قارايتتى. 9خەلق چىن دىلىدىن خۇداغا ئاتاپ ھەدىيە بەرگەن بۇ ئادەملەردىن سۆيۈندى. پادىشاھ داۋۇتمۇ خۇرسەن بولدى.

داۋۇتنىڭ خۇدانى مەدھىيەلىشى

10داۋۇت پۈتۈن جامائەت ئالدىدا پەرۋەردىگارنى مەدھىيەلەپ ھەمدۇسانا ئوقۇدى:

«ئى پەرۋەردىگار _ ئەجدادىمىز ئىسرائىل ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا،

ساڭا ئەبەدىلئەبەد مەدھىيەلەر بولسۇن!

11ئى پەرۋەردىگار، ئۇلۇغلۇق، قۇدرەت، شان-شۆھرەت ۋە بۈيۈكلۈك ساڭا مەنسۇپتۇر.

ئاسمان ۋە زېمىندىكى بارچە نەرسە ساڭا تەۋەدۇر!

ئى پەرۋەردىگار، بۇ سېنىڭ پادىشاھلىقىڭدۇر،

سەن ھەممىدىن يۈكسەك ھۆكۈمراندۇرسەن!

12بايلىق ۋە شۆھرەت سەندىن كېلىدۇ،

سەن پۈتكۈل مەۋجۇداتنىڭ ھۆكۈمرانىسەن،

سەن پۈتكۈل ھوقۇق ۋە كۈچ-قۇدرەتنىڭ ئىگىسىدۇرسەن،

ھەركىمنى يۈكسەك، كۈچلۈك قىلىش سېنىڭ ئىلىكىڭدىدۇر.

13ئى خۇدايىمىز، بىز ساڭا تەشەككۈر ئېيتىمىز، سېنىڭ شەرەپلىك نامىڭنى ئۇلۇغلايمىز!

14مەن كىم ئىدىم، مېنىڭ خەلقىم كىم ئىدى.

بىز قانداقمۇ ساڭا ھەدىيە قىلىشقا لايىق كېلىمىز؟

چۈنكى پۈتۈن نەرسە سەندىن كېلىدۇ.

بىز پەقەت سەندىن ئالغان نەرسىنى ئۆزۈڭگە قايتۇردۇق، خالاس!

15بىز سېنىڭ ئالدىڭدا خۇددى ئاتا-بوۋىلىرىمىزغا ئوخشاش

پەقەت ئۆتكۈنچى مېھمانمىز،

بىزنىڭ بۇ دۇنيادىكى ھاياتىمىز خۇددى كۆلەڭگىدەك ئىزسىز تېزلا ئۆتۈپ كېتىدۇ.

16ئى پەرۋەردىگارىمىز خۇدا،

بىز سېنىڭ مۇقەددەس نام-شەرىپىڭگە ئاتاپ سالماقچى بولغان ئىبادەتخانىغا تەييارلىغان بۇ بايلىقلارمۇ سەندىن كەلگەن،

ھەممىسى ساڭا مەنسۇپتۇر.

17ئى خۇدايىم، سېنىڭ كىشىلەرنىڭ كۆڭلىنى سىنايدىغانلىقىڭنى بىلىمەن،

سەن دۇرۇس ئادەملەردىن خۇرسەن بولىسەن.

مەن بەرگەن نەرسىلەرنى چىن دىلىمدىن ساڭا ئاتىدىم،

شۇنداقلا مەن بۇ يەردە تۇرغان خەلقىڭنىڭ خۇشاللىق ۋە ئۆز ئىختىيارى بىلەن بايلىقلىرىنى ساڭا تەقدىم قىلغانلىقىنى كۆردۈم.

18ئى پەرۋەردىگار _ ئەجدادلىرىمىز ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ئىسرائىل ئېتىقاد قىلغان خۇدا!

خەلقىڭنى مەڭگۈ مۇشۇنداق ئۆزۈڭگە قىزغىن قىلغايسەن،

ئۇلارنى ئۆزۈڭگە سادىق قىلغايسەن.

19ئوغلۇم سۇلايماننىڭ سېنىڭ ئەمر، قانۇن ۋە قائىدىلىرىڭگە رىئايە قىلىشى،

شۇنداقلا مەن تەييارلاپ قويغان ئاشۇ ماتېرىياللارنى ئىشلىتىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىبادەتخانىنى قۇرۇپ چىقىشى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا كۈچلۈك ئىستەك ئاتا قىلغايسەن.»

20كېيىن داۋۇت پۈتۈن جامائەتكە قاراپ: «پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ھەمدۇسانا ئېيتىڭلار» دېدى. شۇنىڭ بىلەن جامائەت ئەجدادلىرى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا ھەمدۇسانا ئېيتتى. ئۇلار پەرۋەردىگارغا ۋە پادىشاھقا بېشىنى يەرگە تەگكۈزۈپ، تەزىم قىلدى.

سۇلايماننىڭ پادىشاھلىققا قايتا تەيىنلىنىشى

21ئۇلار ئەتىسى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلدى. ئۇلار پۈتۈن ئىسرائىلىيەگە ۋاكالىتەن مىڭ تۇياق بۇقا، مىڭ تۇياق قوچقار، مىڭ تۇياق پاقلاننى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە تۆكىدىغان ئىچىملىك ھەدىيەسى ۋە نۇرغۇنلىغان باشقا قۇربانلىقلارنىمۇ تەقدىم قىلدى. 22ئۇ كۈنى خەلق پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا شاد-خۇراملىق بىلەن يەپ-ئىچىشتى.

ئۇلار يەنە بىر قېتىم داۋۇتنىڭ ئوغلى سۇلايماننى پادىشاھ دەپ جاكارلاشتى. ئۇلار پەرۋەردىگار ئالدىدا سۇلايمان ۋە زادوقنىڭ باشلىرىغا ياغ قۇيۇپ، سۇلايماننى پادىشاھ، زادوقنى روھانىي قىلىپ تەيىنلىدى. 23شۇنىڭ بىلەن سۇلايمان ئاتىسى داۋۇتقا ۋارىسلىق قىلىپ، پەرۋەردىگار ئاتا قىلغان پادىشاھلىق تەختىگە ئولتۇردى. ئۇ ھەممە ئىشلىرىدا مۇۋەپپەقىيەت قازاندى، پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلدى. 24بارلىق ئەمەلدارلار، باتۇر جەڭچىلەر ۋە داۋۇت پادىشاھنىڭ ھەممە ئوغۇللىرى پادىشاھ سۇلايمانغا ساداقىتىنى بىلدۈرۈشتى. 25پەرۋەردىگار سۇلايماننى پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى ئالدىدا شۇ قەدەر ئىززەت-ئابرويغا ئىگە قىلدىكى، ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۆتكەن ئىسرائىلىيەنىڭ ھەرقانداق بىر پادىشاھى بۇنداق شۆھرەتكە مۇيەسسەر بولۇپ باقمىغانىدى.

داۋۇتنىڭ ۋاپاتى

26يىشاينىڭ ئوغلى داۋۇت پۈتۈن ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ بولغانىدى. 27ئۇ ئىسرائىلىيەگە 40 يىل پادىشاھ بولدى. ھىبروندا يەتتە يىل، يېرۇسالېمدا 33 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. 28داۋۇت ئۇزۇن ئۆمۈر كۆردى، يۈكسەك باي-باياشاتلىق ۋە ئىززەت-ھۆرمەت بىلەن ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇنىڭ ئورنىغا ئوغلى سۇلايمان پادىشاھ بولدى.

29داۋۇت پادىشاھنىڭ پۈتكۈل ئىش-ئىزلىرى غايىبنى بىلگۈچى سامۇئىل، ناتان پەيغەمبەر ۋە غايىبنى بىلگۈچى گادنىڭ تەزكىرىلىرىگە كىرگۈزۈلگەنىدى. 30داۋۇتنىڭ پادىشاھ بولغان ۋاقىتلىرىدا كۆرسەتكەن قەھرىمانلىقلىرى، ئۇنىڭ ۋە ئىسرائىل خەلقىنىڭ بېشىدىن ئۆتكۈزگەن ۋەقەلىكلىرى ھەمدە ئىسرائىلىيەنىڭ ئەتراپىدىكى پادىشاھلىقلاردا يۈز بەرگەن ئىشلارمۇ شۇ تەزكىرىلەرگە كىرگۈزۈلگەنىدى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى