« پادىشاھلار ئىككىنچى قىسىم »

5

ئېلىشانىڭ ئاررام سەركەردىسىنى ساقايتىشى

1ئاررام قوشۇنىنىڭ سەركەردىسى نائامان پادىشاھىنىڭ نەزىرىدە كاتتا ۋە ھۆرمەتكە سازاۋەر بىر ئادەم ئىدى. چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇنىڭ قولى ئارقىلىق ئاررامغا غەلىبە-نۇسرەت ئاتا قىلغانىدى. لېكىن بۇ باتۇر جەڭچى تېرە كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قالدى. 2ئارراملار بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشقا چىققاندا، ئىسرائىلىيە زېمىنىدىن بىر كىچىك قىز بالىنى ئەسىرگە ئالغانىدى. ئۇ قىز نائاماننىڭ خوتۇنىنىڭ خىزمىتىنى قىلاتتى.

3بىر كۈنى ئۇ قىز ئايال خوجايىنىغا:

_ خوجام سامارىيەدىكى پەيغەمبەر بىلەن بىر كۆرۈشكەن بولسا ئىدى. شۇ پەيغەمبەر خوجامنىڭ تېرە كېسىلىنى ساقايتقان بولاتتى، _ دېدى.

4نائامان پادىشاھنىڭ ئالدىغا بېرىپ، ئىسرائىلىيەلىك قىزنىڭ ئۆزىگە ئېيتقانلىرىنى دەپ بەردى.

5_ ئەمىسە بارغىن، ئىسرائىلىيە پادىشاھىغا مەن بىر مەكتۇپ ئەۋەتىمەن، _ دېدى ئاررام پادىشاھى.

نائامان 350 كىلو كۈمۈش، 70 كىلو ئالتۇن ۋە 10 قۇر كىيىم-كېچەك ئېلىپ يولغا چىقتى. 6ئۇ مەكتۇپنى ئىسرائىلىيە پادىشاھىغا سۇندى. مەكتۇپتا: «مەن بۇ مەكتۇپنى خىزمەتكارىم نائاماندىن سىلىگە يوللىدىم، سىلى ئۇنىڭ تېرە كېسىلىنى ساقايتىپ بەرگەيلا» دەپ يېزىلغانىدى.

7ئىسرائىلىيە پادىشاھى مەكتۇپنى ئوقۇغاندىن كېيىن، كىيىملىرىنى يىرتىپ:

_ مەن جاننى ئالىدىغان ھەم تىرىلدۈرىدىغان خۇدامىدىم؟ بۇ ئادەمنىڭ ماڭا مەكتۇپ ئەۋەتىپ، تېرە كېسىلى بار ئادەمنى ساقايتىسەن، دېگىنى نېمىسى؟ ئۇنىڭ قاراپ تۇرۇپ، مەن بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا باھانە ئىزدىگىنى ئەمەسمۇ! _ دېدى.

8خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى ئېلىشا پادىشاھنىڭ ئۆز كىيىملىرىنى يىرتقانلىقىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا: «ئۆزلىرى نېمىدەپ كىيىملىرىنى يىرتىدىلا؟ ئۇ ئادەم مېنىڭ يېنىمغا كېلىپ، ئىسرائىلىيەدە بىر پەيغەمبەرنىڭ بارلىقىنى بىلىپ قالسۇن» دېگەن سۆزنى ئەۋەتتى.

9شۇنىڭ بىلەن نائامان ئۆزىنىڭ ئات ۋە ھارۋىلىرى بىلەن كېلىپ، ئېلىشانىڭ ئىشىكى ئالدىدا توختىدى. 10ئېلىشا بىر خەۋەرچى ئارقىلىق ئۇنىڭغا: «بېرىپ، ئىئوردان دەرياسىدا يەتتە مەرتەم يۇيۇنغىن. شۇنداق قىلساڭ تېنىڭ ئەسلىگە كېلىپ، پاكلىنىدۇ» دېدى. 11نائامان غەزەپ بىلەن:

_ مەن تېخى ئۇنى چوقۇم مېنىڭ قېشىمغا كېلىپ، ئۆرە تۇرۇپ، ئۆز خۇداسى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى چاقىرىپ، قولىنى كېسەل يەرنىڭ ئۈستىدە ھەرىكەتلەندۈرۈپ، تېرە كېسىلىمنى ساقايتىدۇ، دەپ ئويلاپتىمەن. 12دەمەشقتىكى ئابانا دەرياسى بىلەن پارپار دەرياسىنىڭ سۈيى پۈتۈن ئىسرائىلىيەنىڭ سۇلىرىدىن ئەۋزەل ئەمەسمۇ؟ ئەجەبا مەن شۇ سۇلاردا يۇيۇنسام ساقايماسمىدىم؟ _ دەپ، دەرغەزەپ بولۇپ، بۇرۇلۇپلا ئۇ يەردىن كەتتى.

13خىزمەتكارلىرى ئۇنىڭ قېشىغا كېلىپ:

_ ئى خوجام، پەيغەمبەر ئۆزلىرىگە چوڭ بىر ئىشنى تاپىلىغان تەقدىردىمۇ دېگىنىدەك قىلغان بولاتتىلا، ھالبۇكى ئۇنىڭ سىلىگە: «يۇيۇنۇپ پاكلان» دېگىنى ئاسان بىر ئىشقۇ؟ _ دېدى.

14شۇنىڭ بىلەن ئۇ خۇدانىڭ يېقىن ئادىمىنىڭ دېگىنى بويىچە ئىئوردان دەرياسىغا يەتتە مەرتەم چۈشۈپ، ئۆزىنى سۇغا چىلىدى. ئاندىن تېرىسى ئەسلىگە كېلىپ، كىچىك بالىنىڭكىدەك پاكلىنىپ كەتتى.

15نائامان بارلىق ھەمراھلىرى بىلەن قايتىپ بېرىپ، خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭغا:

_ مانا، ئەمدى مەن پۈتۈن ئالەمدە ئىسرائىللارنىڭ خۇداسىدىن باشقا بىر خۇدانىڭ يوق ئىكەنلىكىنى بىلدىم. شۇنىڭ ئۈچۈن خىزمەتكارلىرىنىڭ سوۋغىتىنى قوبۇل قىلغايلا، _ دېدى.

16ئېلىشا:

_ مەن خىزمىتىنى قىلىدىغان، مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگار ئالدىدا قەسەم قىلىمەنكى، مەن ھېچقانداق سوۋغات قوبۇل قىلمايمەن، _ دېدى.

نائامان ھەرقانچە زورلىسىمۇ، ئېلىشا سوۋغاتنى رەت قىلدى. نائامان مۇنداق دېدى:

17_ سوۋغاتنى قوبۇل قىلمىسىلىرى مەيلى، لېكىن مەن پېقىر خىزمەتكارلىرىغا ئىككى قېچىرلىق توپا بولسىمۇ بەرگەيلا، شۇندا پېقىر خىزمەتكارلىرى باشقا ئىلاھلارغا كۆيدۈرمە قۇربانلىق ياكى باشقا قۇربانلىقلارنى سۇنماي، پەقەت پەرۋەردىگارغىلا سۇنىمەن.* 18لېكىن پەرۋەردىگار مۇنۇ بىر ئىشتا مەن خىزمەتكارلىرىنى كەچۈرۈۋەتكەي. مېنىڭ خوجام ئارراملارنىڭ ئىلاھى رىمموننىڭ بۇتخانىسىغا ئىبادەت قىلغىلى بارغاندا، خوجام مېنىڭ بىلىكىمگە تايىنىۋالسا، مەنمۇ بىرلىكتە سەجدە قىلىشقا مەجبۇر بولىمەن. پەرۋەردىگارنىڭ مەن پېقىرنىڭ بۇ ئىشىنى كەچۈرۈۋېتىشىنى تىلەيمەن.

19ئېلىشا ئۇنىڭغا:

_ ئەنسىرىمەي، تىنچ-ئامان ماڭغايسەن، _ دېدى.

ئاندىن نائامان ئېلىشانىڭ قېشىدىن ئايرىلىپ، يولىغا راۋان بولدى.

گېخازىنىڭ ئاچكۆزلۈكى

20خۇدانىڭ يېقىن ئادىمى ئېلىشانىڭ خىزمەتكارى گېخازى ئىچىدە: «خوجايىنىمنىڭ ئاۋۇ ئارراملىق نائامان ئەكەلگەن نەرسىلەرنى قوبۇل قىلماي، ئۇنى قويۇۋەتكىنىنى قارىمامدىغان! مەن مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگار ئالدىدا قەسەم قىلىمەنكى، ئۇنىڭ ئارقىسىدىن بېرىپ، ئۇنىڭدىن بىر نەرسە ئۈندۈرۈۋالىمەن» دەپ ئويلىدى. 21ئۇ نائاماننى كۆزلەپ ماڭدى. نائامان بىرەيلەننىڭ ئۆزىنىڭ ئارقىسىدىن كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، جەڭ ھارۋىسىدىن چۈشۈپ، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ:

_ بىرەر ئىش بولدىمۇ؟ _ دېدى. 22گېخازى:

_ ھېچ ئىش بولمىدى. خوجام مېنى: «بايىلا ئەفرايىم تاغلىق رايونىدىكى پەيغەمبەرلەر جامائىتىدىن ئىككى يىگىت كەلگەنىدى، ئۇلارغا 35 كىلو كۈمۈش ۋە ئىككى قۇر كىيىم بەرگەيسىز» دېگەن سۆزىنى ئۆزلىرىگە يەتكۈزگىلى ئەۋەتتى، _ دېدى.

23نائامان ئۇنىڭغا:

_ مەرھەمەت، 70 كىلو ئالغىن، _ دەپ ئۇنىڭغا 70 كىلو كۈمۈشنى ئىككى خالتىغا قاچىلاپ، زورلاپ بەردى ۋە ئىككى قۇر كىيىمنىمۇ قوشۇپ بەردى. نائامان بۇ نەرسىلەرنى ئىككى خىزمەتكارىغا تۇتقۇزدى. ئۇ ئىككىسى نەرسىلەرنى كۆتۈرۈپ، گېخازىنىڭ ئالدىدا ماڭدى. 24ئۇلار تۆپىلىككە يېتىپ بارغاندىن كېيىن، گېخازى نەرسىلەرنى ئۇلارنىڭ قولىدىن ئېلىپ، ئۇلارنى يولغا سېلىپ قويدى ۋە نەرسىلەرنى ئۆيگە ئاپىرىۋالدى.

25گېخازى خوجايىنىنىڭ ئالدىغا كىرگەندە، ئېلىشا ئۇنىڭدىن:

_ گېخازى، نەگە بېرىپ كەلدىڭ؟ _ دەپ سورىدى.

گېخازى:

_ خىزمەتكارلىرى ھېچ يەرگە بارغىنى يوق، _ دېدى.

26ئېلىشا ئۇنىڭغا:

_ ئۇ ئادەم ھارۋىسىدىن سەن بىلەن كۆرۈشكىلى چۈشكەندە، مېنىڭ روھىم سەن بىلەن بىللە ئەمەسمىدى؟ ھازىر دېگەن پۇل، كىيىم-كېچەك، زەيتۇنلۇق، ئۈزۈمزارلىق، قوي، كالا، خىزمەتكار ۋە دېدەك قوبۇل قىلىدىغان چاغمۇ؟ 27شۇنىڭ ئۈچۈن، نائاماننىڭ تېرە كېسىلى مەڭگۈ ساڭا ۋە سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭغا قالىدۇ، _ دېدى.

شۇنىڭ بىلەن گېخازى ئېلىشانىڭ ھۇزۇرىدىن چىققاندا، ئۇنى كېسەل بېسىپ، تېرىلىرى قاردەك ئاقىرىپ كەتتى.



*17نائامان ئىسرائىلىيەنىڭ توپىسىنى ئەكېتىپ، شۇ توپىدا پەرۋەردىگارغا ئاتاپ قۇربانلىق سۇپىسى ياساتماقچىدى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى