« تارىخلار ئىككىنچى قىسىم »

10

شىمالىي قەبىلىلەرنىڭ ئۆكتە قوپۇشى

1بارلىق ئىسرائىل خەلقى رىخوبئامنى پادىشاھ قىلىش ئۈچۈن شەكەم شەھىرىگە توپلاندى. رىخوبئاممۇ ئۇ يەرگە كەلدى. 2نىباتنىڭ مىسىردا تۇرۇۋاتقان ئوغلى ياروبئام بۇ ئىشلاردىن خەۋەر تېپىپ، مىسىردىن ئىسرائىلىيەگە قايتىپ كەلدى. ئۇ سۇلايمان پادىشاھنىڭ ۋاقتىدا سۇلايماندىن قېچىپ، مىسىرغا كەتكەنىدى. 3شىمالدىكى ئىسرائىل خەلقى ياروبئامنى چاقىرتىپ، ئۇنىڭ بىلەن بىللە رىخوبئامنىڭ قېشىغا كەلدى. ئۇلار رىخوبئامغا:

4_ ئاتىلىرى سۇلايمان پادىشاھ بىزگە ئېغىر ئالۋان-ياساق سالغانىدى. ئەمدى بىز سىلىدىن ئاتىلىرى بىزگە سالغان ئېغىر بويۇنتۇرۇقلارنى ئېلىۋېتىشلىرىنى ئۆتۈنىمىز. شۇنداق قىلسىلا، سىلىنىڭ خىزمەتلىرىدە بولىمىز، _ دېيىشتى.

5_ سىلەر ئىككى كۈندىن كېيىن مەن بىلەن كۆرۈشكىلى كېلىڭلار، _ دېدى رىخوبئام. شۇنىڭ بىلەن خەلق قايتىپ كېتىشتى.

6پادىشاھ رىخوبئام ئاتىسى سۇلايمان ھايات چېغىدا ئۇنىڭ ئالدىدا خىزمىتىنى قىلغان مويسىپىتلاردىن مەسلىھەت سوراپ:

_ بۇ خەلققە قانداق جاۋاب بېرەي، _ دېدى.

7_ ئەگەر سىلى بۇ خەلققە ئىللىق مۇئامىلە قىلىپ، رازى بولغۇدەك ياخشى گەپلەرنى قىلسىلا، ئۇلار ھەمىشە سىلىنىڭ خىزمەتلىرىدە بولىدۇ، _ دەپ جاۋاب بېرىشتى مويسىپىتلار.

8لېكىن رىخوبئام مويسىپىتلارنىڭ مەسلىھەتىنى قوبۇل كۆرمەي، ئۆزى بىلەن بىللە ئۆسۈپ چوڭ بولغان، ئۆزىنىڭ خىزمىتىدە بولۇۋاتقان ياشلار بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ئۇلاردىن:

9_ خەلق ماڭا: «ئاتىلىرى بىزگە سالغان ئېغىر بويۇنتۇرۇقنى ئېلىۋېتىشلىرىنى ئۆتۈنىمىز» دېيىشىۋاتىدۇ. بۇ خەلققە قانداق جاۋاب بەرسەك بولار؟ سىلەرنىڭ مەسلىھەتىڭلار قانداق؟ _ دەپ سورىدى.

10ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە چوڭ بولغان ياشلار ئۇنىڭغا:

_ بۇ خەلق ئۆزلىرىگە: «ئاتىلىرى بىزنىڭ بويۇنتۇرۇقىمىزنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتكەنىدى، لېكىن سىلىنىڭ ئۇنى ئېلىۋېتىشلىرىنى ئۆتۈنىمىز» دەپتۇ. ئەمدى سىلى ئۇلارغا: «مېنىڭ چىمچىلىقىم ئاتامنىڭ بېلىدىنمۇ توم! 11ئاتام سىلەرگە ئېغىر بويۇنتۇرۇق سالغان بولسا، مەن ئۇنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرىمەن. ئاتام سىلەرنى قامچا بىلەن ساۋىغان بولسا، مەن سىلەرنى چايانلارغا چاقتۇرىمەن» دېسىلە، _ دەپ جاۋاب بەردى.

12رىخوبئام پادىشاھنىڭ «ئىككى كۈندىن كېيىن كېلىپ، مەن بىلەن كۆرۈشۈڭلار» دېگىنى بويىچە، ياروبئام خەلق بىلەن بىللە دېگەن پەيتتە رىخوبئام پادىشاھ بىلەن كۆرۈشكىلى كەلدى. 13رىخوبئام پادىشاھ ئۇلارغا كەسكىن جاۋاب بەردى. ئۇ مويسىپىتلارنىڭ مەسلىھەتىگە پىسەنت قىلماي، 14بەلكى ياشلارنىڭ بەرگەن مەسلىھەتى بويىچە ئۇلارغا:

_ مەن سىلەرنىڭ بويۇنتۇرۇقۇڭلارغا قوشۇپ، ئۇنى تېخىمۇ ئېغىرلىتىمەن. ئاتام سىلەرنى قامچا بىلەن ساۋىغان بولسا، مەن سىلەرنى چايانلارغا چاقتۇرىمەن! _ دېدى.

15شۇنداق قىلىپ پادىشاھ رىخوبئام ئاممىنىڭ ئۆتۈنۈشىگە قۇلاق سالمىدى. شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار شىلولۇق ئاخىيا ئارقىلىق نىباتنىڭ ئوغلى ياروبئامغا ئېيتقان ئۆزىنىڭ سۆزىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا يول ھازىرلىدى.

16شىمالىي قەبىلىلەردىن كەلگەن ئىسرائىللار پادىشاھ رىخوبئامنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئۆتۈنۈشلىرىنى ئاڭلىمىغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا:

«يىشاينىڭ ئوغلى داۋۇتنىڭ بىزگە ئۆتكۈزۈپ قويغىنى يوق،

بىز ئۇنىڭغا قەرزدار ئەمەس.

ھەي ئىسرائىللار، ئۆيلىرىمىزگە قايتايلى!

ئەي داۋۇتنىڭ ئەۋلادى، ئۆز خانىدانلىقىڭلارغا ئۆزۈڭلار ئىگە بولۇڭلار!» دېيىشىپ، ھەممىسى ئۆيلىرىگە قايتىشتى.

17(ئەمما رىخوبئام يەھۇدا شەھەرلىرىدە ياشاۋاتقان شىمالدىن كەلگەن ئىسرائىللارغا يەنىلا پادىشاھ بولۇپ قېلىۋەردى.) 18رىخوبئام پادىشاھ ھاشارچىلارنىڭ باشقۇرغۇچىسى ئادورامنى ئىسرائىللارنىڭ شىمالدىكى قەبىلىلىرىگە ئەۋەتكەنىدى، ئۇلار ئۇنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرۈۋەتتى. رىخوبئام پادىشاھ ئالدىراپ-تېنەپ ھارۋىسىغا چىقىپ، يېرۇسالېمغا قېچىپ كېلىۋالدى. 19شۇنىڭدىن تارتىپ شىمالدىكى ئىسرائىللار تاكى ھازىرغىچە داۋۇت خانىدانلىقى بىلەن قارشىلىشىپ كەلدى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى