« تارىخلار ئىككىنچى قىسىم »

19

1يەھۇدىيە پادىشاھى يىھوشافات يېرۇسالېمدىكى ئوردىسىغا ساق-سالامەت قايتىپ كەلدى. 2خانانىنىڭ ئوغلى غايىبنى بىلگۈچى يېھۇ پادىشاھ يىھوشافاتنى كۈتۈۋالغىلى ئۇنىڭ ئالدىغا چىقتى ۋە ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى:

_ سىز نېمىشقا رەزىللەرگە ياردەم قىلىسىز؟ پەرۋەردىگارغا ئۆچمەنلىك قىلىدىغانلارنى ياخشى كۆرەمسىز؟ سىز پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى قوزغاپ قويدىڭىز. 3شۇنداق بولسىمۇ، سىز يەنە ياخشى ئىشلارنىمۇ قىلغانىكەنسىز. سىز يەھۇدىيەدىكى ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتلىرىنى يوق قىلىپ، خۇداغا چىن يۈرىكىڭىز بىلەن ئىنتىلدىڭىز.

يىھوشافاتنىڭ سوت مەھكىمىلىرىنى تەسىس قىلىشى

4شۇنىڭدىن كېيىن يىھوشافات يېرۇسالېمدا تۇرۇپ قالدى. ئۇ پۈتكۈل يەھۇدىيەنى ئايلىنىپ، بەئەرشەبادىن تاكى ئەفرايىم تاغلىق رايونىغىچە باردى ۋە خەلقىنى ئەجدادلىرى ئېتىقاد قىلغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ يولىغا قايتىدىن قايتۇرۇپ ئەكەلدى. 5ئۇ يەھۇدىيەنىڭ ھەرقايسى مۇستەھكەم شەھەرلىرىدە يېڭىدىن سوت مەھكىمىلىرىنى تەسىس قىلدى 6ۋە ئۇلارغا مۇنداق دېدى:

_ سىلەر ئىش بېجىرىشتە ئېھتىياتچان بولۇڭلار، چۈنكى سىلەر ئىنسان نامىدىن ئەمەس، بەلكى پەرۋەردىگارنىڭ نامىدىن ھۆكۈم چىقىرىسىلەر. سىلەر ھۆكۈم چىقارغان ۋاقتىڭلاردا پەرۋەردىگار سىلەرگە يار بولىدۇ. 7شۇڭا سىلەر پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىپ، ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئىش بېجىرىشىڭلار كېرەك، چۈنكى بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىز خۇدا ناھەقچىلىق، تەرەپبازلىق، پارىخورلۇققا رۇخسەت قىلمايدۇ.

8يىھوشافات يەنە يېرۇسالېمدا بىر قىسىم لاۋىيلارنى، روھانىيلارنى، ئىسرائىللارنىڭ ئاقساقاللىرىنى سوتچى قىلىپ تەيىنلىدى. ئۇلارنى پەرۋەردىگارنىڭ قانۇنىغا ئائىت مەسىلىلەرنى ۋە يېرۇسالېمنىڭ ئاھالىسىنىڭ ئەرزلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشقا بۇيرۇدى. 9يىھوشافات ئۇلارغا بۇيرۇق قىلىپ، مۇنداق دېدى:

_ سىلەر پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىدىغان يۈرىكىڭلار، ساداقىتىڭلار ۋە پۈتۈن قەلبىڭلار بىلەن ئىش بېجىرىڭلار. 10ئەگەر ھەرقايسى شەھەرلەردىكى قېرىندىشىڭلار ئالدىڭلارغا ئەرز قىلىپ كەلسە، ئۇلار مەيلى قاتىللىق، مەيلى قانۇن، ئەمر-پەرمان، قائىدىلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئەرزلەر بولسۇن، ھەممىسىدە ئۇلارنىڭ ئەيىبكار بولۇپ قالماسلىقى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنىڭ سىلەرگە ۋە قېرىندىشىڭلارغا چۈشمەسلىكى ئۈچۈن ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇڭلار. سىلەر شۇنداق قىلساڭلارلا، ئەيىبسىز بولىسىلەر. 11ئەگەر پەرۋەردىگارنىڭ قانۇنىغا مۇناسىۋەتلىك ئىش بولسا، باش روھانىي ئاماريا مەسئۇل بولىدۇ. ئەگەر پادىشاھنىڭ قانۇنىغا مۇناسىۋەتلىك ئىش بولسا، يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ باشلىقى ئىسمائىلنىڭ ئوغلى زىباديا مەسئۇل بولىدۇ. لاۋىيلار سىلەرگە كاتىپلىق قىلىدۇ. ئىش قىلغاندا يۈرەكلىك بولۇڭلار. ۋەزىپەڭلارنى ئادىل بېجىرسەڭلار، پەرۋەردىگار سىلەرگە يار بولىدۇ.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى