« تارىخلار ئىككىنچى قىسىم »

29

خىزكىيانىڭ ئىبادەتخانىنى پاكلىشى

1خىزكىيا تەختكە چىققان چاغدا 25 ياش ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا 29 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئۇنىڭ ئانىسى زىكىرىيانىڭ قىزى ئابىيا ئىدى. 2خىزكىيا خۇددى ئەجدادى داۋۇتقا ئوخشاش پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە دۇرۇس بولغان ئىشلارنى قىلدى.

3خىزكىيا تەختكە چىققان يىلى 1-ئاينىڭ* 1-كۈنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ئىشىكلىرىنى ئېچىپ، ئۇلارنى ئوڭشاتتى. 4ئۇ روھانىيلار ۋە لاۋىيلارنى شەرقىي مەيدانغا چاقىرىپ، 5مۇنداق دېدى:

_ ئەي لاۋىيلار، سۆزۈمگە قۇلاق سېلىڭلار! ھازىر سىلەر ئۆزۈڭلارنى پاكلاڭلار ۋە ئەجدادىڭلارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى ناپاك نەرسىلەرنى چىقىرىۋېتىپ، ئىبادەتخانىنىمۇ پاكلاڭلار. 6ئەجدادلىرىمىز ساداقەتسىزلىك قىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلدى. ئۇلار ئۇنىڭدىن ۋاز كەچتى. ئۇلار پەرۋەردىگاردىن يۈز ئۆرۈپ، ئىبادەتخانىغا ئارقىسىنى قىلدى. 7ئۇلار ئىبادەتخانا ئايۋانىنىڭ ئىشىكىنى پېچەتلەپ، چىراغلارنى ئۆچۈرۈۋەتتى. ئىبادەتخانىدا ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇداغا ئاتاپ ئىسرىق سالمايدىغان، كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلمايدىغان بولدى. 8شۇڭا پەرۋەردىگارنىڭ يېرۇسالېم ۋە پۈتۈن يەھۇدىيەگە غەزىپى كېلىپ، ئۇلارنى دەھشەتلىك قورقۇنچ، ۋەھىمە ۋە مەسخىرىگە قويدى. بۇنى سىلەر ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆردۈڭلار. 9ئەجدادلىرىمىز قىلىچ ئاستىدا ئۆلۈپ، خوتۇن-بالىلىرى ئەسىر بولدى. 10شۇڭا مەن ھازىر ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدا بىلەن ئەھدە تۈزۈپ، غەزىپىنى بىزدىن يىراق قىلىش نىيىتىگە كەلدىم. 11ئەي ئوغلانلىرىم، ئەمدى بىپەرۋالىق قىلماڭلار! پەرۋەردىگار سىلەرنى ئۆزى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا ۋە ئۆزى ئۈچۈن ئىسرىق سېلىشقا تاللىدى.

12شۇنىڭ بىلەن لاۋىيلار ئۆزلىرىنىڭ خىزمەتلىرىنى ئاتقۇرۇشقا باشلىدى. ئۇلار تۆۋەندىكىلەر ئىدى: قوھات جەمەتىدىن ئاماساينىڭ ئوغلى ماخات، ئازاريانىڭ ئوغلى يوئېل؛ مىرارى جەمەتىدىن ئابدىنىڭ ئوغلى كىش، يىھاللەلئېلنىڭ ئوغلى ئازارىيا؛ گېرشون جەمەتىدىن زىمماھنىڭ ئوغلى يوئاخ، يوئاخنىڭ ئوغلى ئېدەن؛ 13ئەلىزافان جەمەتىدىن شىمرى، يىئىئېل؛ ئاساف جەمەتىدىن زىكىرىيا، ماتتانيا؛ 14ھېمان جەمەتىدىن يىخىئېل، شىمئى؛ يىدۇتۇن جەمەتىدىن شىمايا ۋە ئۇززىئېل.

15ئۇلار باشقا لاۋىيلارنى چاقىرىپ، ئۇلار بىلەن بىرلىكتە ئۆزلىرىنى پاكلىدى ھەمدە پادىشاھنىڭ بۇيرۇغىنى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى پاكلاشقا كەلدى. 16روھانىيلار پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا كىرىپ، بارلىق ناپاك نەرسىلەرنى ئىبادەتخانىنىڭ ھويلىسىغا ئېلىپ چىقتى. لاۋىيلار بۇلارنى شەھەرنىڭ سىرتىدىكى قىدرون جىلغىسىغا ئېلىپ بېرىپ، تاشلىۋەتتى. 17ئۇلار 1-ئاينىڭ 1-كۈنى پاكلاش خىزمىتىنى باشلىدى. سەككىز كۈن ئىبادەتخانىنىڭ ھويلىلىرىنى، يەنە سەككىز كۈن ئايۋاندىن باشلاپ ئىبادەتخانىنى پاكلىدى. 1-ئاينىڭ 16-كۈنى ئىبادەتخانىنى پاكلاش خىزمىتىنى تاماملىدى.

18ئۇنىڭدىن كېيىن لاۋىيلار پادىشاھ خىزكىيانىڭ قېشىغا بېرىپ:

_ بىز پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى، كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇپىسىنى، قۇربانلىق سۇپىسىدا ئىشلىتىدىغان نەرسىلەرنى ۋە نانلارنى تىزىدىغان شىرەنى ھەمدە شىرەنىڭ ئۈستىدىكى قاچا-قۇچىلارنى پاكلىدۇق. 19پادىشاھ ئاخاز ساداقەتسىزلىك قىلىپ تاشلىۋەتكەن ئىبادەتخانىنىڭ نەرسىلىرىنى پاكلاپ، قايتىدىن پەرۋەردىگارنىڭ قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئالدىغا قويۇپ قويدۇق، _ دەپ ئەھۋالنى مەلۇم قىلدى.

ئىبادەتخانىنىڭ قايتا ئېچىلىشى

20پادىشاھ خىزكىيا ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرۇپ، شەھەر ئەمەلدارلىرىنى يىغىپ، بىرلىكتە پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا باردى. 21ئۇلار پادىشاھ جەمەتى، مۇقەددەس جاي ۋە يەھۇدىيە ئۈچۈن يەتتە تۇياق بۇقا، يەتتە تۇياق قوچقار، يەتتە تۇياق پاقلاننى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىشقا، يەنە يەتتە تۇياق تېكىنى گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى قىلىشقا ئەكەلدى. پادىشاھ خىزكىيا ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرى بولغان روھانىيلارنى قۇربانلىق ئۈچۈن ئەكېلىنگەن بۇ ھايۋانلارنى پەرۋەردىگارنىڭ قۇربانلىق سۇپىسىغا ئاپىرىشىنى بۇيرۇدى. 22بۇقىلار بوغۇزلانغاندىن كېيىن، روھانىيلار قېنىنى ئېلىپ كېلىپ، قۇربانلىق سۇپىسىغا چاچتى. ئاندىن قوچقارلارنى بوغۇزلاپ، قېنىنى قۇربانلىق سۇپىسىغا چاچتى، يەنە پاقلانلارنىمۇ بوغۇزلاپ، قېنىنى قۇربانلىق سۇپىسىغا چاچتى. 23ئۇنىڭدىن كېيىن گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى ئۈچۈن تەييارلانغان تېكىلەر پادىشاھ ۋە جامائەتنىڭ ئالدىغا ئەكېلىندى، ئۇلار قوللىرىنى تېكىلەرنىڭ بېشىنىڭ ئۈستىگە قويۇشتى. 24روھانىيلار تېكىلەرنى بوغۇزلىدى ۋە تېكىلەرنى ئىسرائىللار ئۈچۈن گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى سۈپىتىدە سۇندى. قۇربانلىقنىڭ قېنىنى ئىسرائىللارنى گۇناھتىن ساقىت قىلىش ئۈچۈن قۇربانلىق سۇپىسىغا چاچتى. چۈنكى پادىشاھ بارلىق ئىسرائىللار ئۈچۈن كۆيدۈرمە قۇربانلىق ۋە گۇناھ كەچۈرۈم قىلىنىش قۇربانلىقى قىلىشىنى بۇيرۇغانىدى.

25پادىشاھ خىزكىيا داۋۇتنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى كۆرسەتمىلىرى بويىچە لاۋىيلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ھويلىسىدا جاڭ، چىلتار، لىرا چالىدىغانغا ئورۇنلاشتۇردى. بۇ كۆرسەتمىلەرنى پەرۋەردىگار پادىشاھنىڭ خىزمىتىدە بولغان غايىبنى بىلگۈچى گاد ۋە ناتان پەيغەمبەر ئارقىلىق داۋۇتقا بەرگەنىدى. 26لاۋىيلار داۋۇتنىڭ سازلىرىنى، روھانىيلار كانايلارنى چالىدىغان بولدى. 27پادىشاھ خىزكىيا قۇربانلىق سۇپىسىدا كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىشقا بۇيرۇق چۈشۈردى. كۆيدۈرمە قۇربانلىق باشلانغان ۋاقتىدا، لاۋىيلار پەرۋەردىگارغا ئاتالغان مەدھىيە ناخشىلىرىنى ئوقۇشقا باشلىدى. كانايلار داۋۇت پادىشاھنىڭ سازلىرىغا تەڭكەش قىلىنىپ چېلىندى. 28پۈتۈن جامائەت تاكى كۆيدۈرمە قۇربانلىق تامام بولغۇچە ناخشا ۋە كاناي ئاۋازىغا ئەگىشىپ، سەجدە قىلىشتى. 29كۆيدۈرمە قۇربانلىق تامام بولغاندىن كېيىن، پادىشاھ ۋە ئەمەلدارلار تىزلىنىپ سەجدە قىلىشتى. 30پادىشاھ خىزكىيا ۋە ئەمەلدارلار لاۋىيلارنى داۋۇتنىڭ ۋە غايىبنى بىلگۈچى ئاسافنىڭ شېئىرلىرىنى ئوقۇپ، پەرۋەردىگارنى مەدھىيەلەشكە بۇيرۇدى. ئۇلار شادلانغان ھالدا ناخشا ئېيتىپ، باشلىرىنى يەرگە تەگكۈزۈپ، سەجدە قىلىشتى.

31پادىشاھ خىزكىيا جامائەتكە مۇنداق دېدى:

_ سىلەر ئۆزۈڭلارنى پەرۋەردىگارغا ئاتىغانىكەنسىلەر، ئۇنداقتا ھازىر سىلەر مىننەتدارلىق قۇربانلىقلىرى ۋە باشقا قۇربانلىقلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىغا ئەكېلىڭلار.

شۇنىڭ بىلەن جامائەت مىننەتدارلىق قۇربانلىقلىرى ۋە باشقا قۇربانلىقلىرىنى ئەكېلىشكە باشلىدى. بەزىلىرى ئۆز رازىلىقى بىلەن كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنىمۇ ئەكېلىشتى. 32جامائەت پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىش ئۈچۈن 70 تۇياق كالا، 100 تۇياق قوچقار ۋە 200 تۇياق پاقلان ھەدىيە قىلىشتى. 33باشقا قۇربانلىقلار ئۈچۈن 600 تۇياق كالا، 3000 تۇياق قوي ۋە ئۆچكە ھەدىيە قىلىشتى. 34لېكىن روھانىيلارنىڭ سانى بەك ئاز بولغاچقا، كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىنىدىغان ماللارنى سويۇپ بولالمىدى. شۇڭا روھانىيلارغا قېرىنداش بولغان لاۋىيلار تاكى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىنىدىغان ماللار سويۇلۇپ بولغۇچە ۋە باشقا روھانىيلارمۇ ئۆزلىرىنى پاكلىغۇچە روھانىيلارغا ياردەملەشتى. لاۋىيلار ئۆزلىرىنى پاكلاشنى روھانىيلارغا قارىغاندا مۇھىم بىلگەنىدى. 35ھەدىيە قىلىنغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار ناھايىتى كۆپ ئىدى. ئامانلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن سويۇلغان ماللارنىڭ مېيى كۆيدۈرۈلۈشى، كۆيدۈرمە قۇربانلىق بىلەن بىرگە ھەدىيە قىلىنغان ئىچىملىك ھەدىيەلىرى قۇربانلىق سۇپىسىغا قۇيۇلۇشىمۇ كېرەك ئىدى.

شۇنداق قىلىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى ئىشلار ئەسلىگە كەلدى. 36خىزكىيا ۋە پۈتۈن خەلق خۇدانىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن قىلغان ئىشلىرىدىن شاد-خۇرام بولدى. بۇ ئىشلار ناھايىتى تېز ئەمەلگە ئاشقانىدى.



*31-ئاي _ مىلادىيە كالېندارى بويىچە 3-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدىن 4-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە بولغان ۋاقىتقا توغرا كېلىدۇ.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى