« تارىخلار ئىككىنچى قىسىم »

33

پادىشاھ ماناسسە

1ماناسسە تەختكە چىققان چاغدا 12 ياش ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا 55 يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. 2ماناسسە پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ، ئىسرائىللارنىڭ كۆز ئالدىدا پەرۋەردىگار تەرىپىدىن ھەيدەپ چىقىرىۋېتىلگەن يات ئەللەرنى دوراپ، يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلدى. 3ئۇ ئاتىسى خىزكىيا ۋەيران قىلغان غەيرىي سەجدىگاھلارنى قايتىدىن ياساتتى، يەنە ئىلاھ بائالغا ئاتاپ قۇربانلىق سۇپىلىرىنى، ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتلىرىنى ياساتتى ھەمدە ھەر خىل ئاسمان جىسىملىرىغا چوقۇنۇپ، ئۇلارغا سەجدە قىلدى. 4ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ: «يېرۇسالېم مەڭگۈ مېنىڭ ئۆيۈم بولسۇن» دېگەن جايدا، يەنى يېرۇسالېمدىكى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدا ساختا ئىلاھلارغا ئاتاپ قۇربانلىق سۇپىلىرى ياساتتى. 5ئۇ يەنە پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ ئىچكىرى ۋە تاشقىرى ھويلىلىرىغا ھەر خىل ئاسمان جىسىملىرى ئۈچۈن قۇربانلىق سۇپىلارنى ياساتتى. 6ماناسسە ئۆز ئوغۇللىرىنى ھىننوم جىلغىسىدا قۇربانلىق قىلىپ، ئوتتا كۆيدۈردى. پالچىلىق، باخشىلىق، جادۇگەرلىك قىلىش ۋە ئەرۋاھلاردىن مەدەت تىلەشتەك پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى. 7ئۇ يەنە ئۆزى ياساتقان بۇتنى خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىغا قويدى. خۇدا بۇ ئىبادەتخانا توغرۇلۇق داۋۇت ۋە ئۇنىڭ ئوغلى سۇلايمانغا: «مەن ئىسرائىل قەبىلىلىرىگە تەۋە شەھەرلەردىن تاللىۋالغان يېرۇسالېمدىكى مۇشۇ ئىبادەتخانا مېنىڭ مەڭگۈلۈك ئۆيۈم بولسۇن. 8ئەگەر ئىسرائىللار مەن مۇسا ئارقىلىق ئۇلارغا بۇيرۇغان پۈتۈن قانۇن ۋە ئەمرلىرىمگە ئىتائەت قىلسا، مەن ئۇلارنى ئەجدادلىرىغا بەرگەن بۇ زېمىندىن يەنە ئايرىمايمەن» دېگەنىدى. 9لېكىن ماناسسە يەھۇدىيە، جۈملىدىن يېرۇسالېم خەلقىنى ئازدۇرۇپ، ئىسرائىللارنىڭ كۆز ئالدىدا پەرۋەردىگار تەرىپىدىن يوقىتىلغان يات ئەللەردىنمۇ بەكرەك يامان ئىشلارنى قىلدى.

10پەرۋەردىگار ماناسسەنى ۋە ئۇنىڭ خەلقىنى ئاگاھلاندۇرغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار قۇلاق سالمىدى. 11شۇڭا پەرۋەردىگار ئاسسۇر پادىشاھىنىڭ سەركەردىلىرىنى ئەۋەتىپ، ئۇلارغا ھۇجۇم قىلدۇردى. ئۇلار ماناسسەنى تۇتقۇن قىلىپ، بۇرنىغا چۈلۈك ئۆتكۈزۈپ، تۇچ كىشەن بىلەن كىشەنلەپ، بابىلغا ئېلىپ كەتتى. 12ماناسسە قىيىنچىلىققا يولۇققاندا، ئۆزى ۋە ئەجدادلىرى ئېتىقاد قىلغان پەرۋەردىگار خۇدادىن مەدەت تىلىدى ھەمدە ئۇنىڭ ئالدىدا گۇناھىغا قاتتىق توۋا قىلدى. 13پەرۋەردىگار ئۇنىڭ دۇئاسىنى قوبۇل قىلدى. ئۆتۈنۈشىنى ئاڭلاپ، ئۇنى يېرۇسالېمغا قايتۇرۇپ ئەكېلىپ، داۋاملىق پادىشاھ قىلدى. ماناسسە شۇندىلا پەرۋەردىگارنىڭ بىردىنبىر خۇدا ئىكەنلىكىنى چۈشەندى.

14بۇ ئىشتىن كېيىن ماناسسە «داۋۇت شەھىرى»نىڭ تاشقى سېپىلنى ياساتتى. ئۇ سېپىلنى قىدرون جىلغىسىدىكى گىھون بۇلىقىنىڭ غەرب تەرىپىدىن باشلاپ، ئوفەل ئېگىزلىكىنى ئايلاندۇرۇپ، «بېلىق دەرۋازىسى»غا تۇتاشتۇردى. سېپىلنى بەك ئېگىز سوقتۇردى. ماناسسە يەھۇدىيەنىڭ ھەرقايسى مۇستەھكەم شەھەرلىرىدە سەركەردىلىرىنى تۇرغۇزدى. 15پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىدىكى باشقا خەلقلەرنىڭ ئىلاھلىرىنىڭ بۇتلىرىنى ۋە ئۆزى ياسىتىپ قويدۇرغان بۇتنى ئېلىپ تاشلىدى. ئۇ يەنە ئىبادەتخانا تېغىدا ۋە يېرۇسالېمدا ياساتقان بارلىق غەيرىي قۇربانلىق سۇپىلىرىنى چاقتۇرۇپ، شەھەر سىرتىغا تاشلاتقۇزۇۋەتتى. 16ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ قۇربانلىق سۇپىسىنى قايتا ياسىتىپ، ئۇ يەردە ئامانلىق ۋە مىننەتدارلىق قۇربانلىقلىرىنى سۇندى ھەم يەھۇدىيەلىكلەرنى ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا بۇيرۇدى. 17شۇنداق بولسىمۇ خەلق يەنىلا غەيرىي سەجدىگاھلاردا قۇربانلىق قىلىۋەردى. لېكىن ئۇلار قۇربانلىقلىرىنى پەقەت ئۆزلىرى ئېتىقاد قىلغان پەرۋەردىگار خۇداغىلا ئاتايتتى.

18ماناسسە پادىشاھنىڭ باشقا ئىش-ھەرىكەتلىرى، ئۇنىڭ خۇداغا قىلغان دۇئاسى ھەمدە غايىبنى بىلگۈچىلەرنىڭ ئىسرائىللارنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇدانىڭ نامىدا ئۇنىڭغا قىلغان سۆزلىرى «ئىسرائىل پادىشاھلىرىنىڭ تەزكىرىسى»گە پۈتۈلگەندۇر. 19ئۇنىڭ دۇئاسى ۋە پەرۋەردىگارنىڭ جاۋابى، گۇناھىغا توۋا قىلىشتىن ئىلگىرىكى بارلىق گۇناھلىرى، ساداقەتسىزلىكى، غەيرىي سەجدىگاھلارنى ياساتقان، ئاشېرا ۋە باشقا ئىلاھلارنىڭ بۇتلىرىنى تىكلىگەن جايلىرى «غايىبنى بىلگۈچىلەرنىڭ تەزكىرىسى»گە پۈتۈلگەندۇر. 20ماناسسە ۋاپات بولۇپ، ئوردا ئىچىگە دەپنە قىلىندى. ئوغلى ئامون ئۇنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى.

پادىشاھ ئامون

21ئامون تەختكە چىققان چاغدا 22 ياش ئىدى. ئۇ يېرۇسالېمدا ئىككى يىل ھۆكۈمرانلىق قىلدى. 22ئامون ئاتىسى ماناسسەگە ئوخشاش، پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلىپ، ماناسسە ياساتقان ھەممە بۇتلارغا قۇربانلىق قىلىپ چوقۇندى. 23ئەمما ئاتىسى ماناسسە پەرۋەردىگار ئالدىدا گۇناھىنى تونۇغان بولسىمۇ، لېكىن ئامون ئۇنداق قىلماي، ئاتىسىدىن كۆپرەك گۇناھ قىلدى. 24ئۇنىڭ ئەمەلدارلىرى ئۇنىڭغا سۇيىقەست قىلىپ، ئۇنى ئوردىسىدا ئۆلتۈرۈۋەتتى. 25لېكىن خەلق ئامون پادىشاھقا سۇيىقەست قىلغان بارلىق كىشىلەرنى ئۆلتۈرۈپ، ئوغلى يوشىيانى ئۇنىڭ ئورنىغا پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى