« ئايۇپ »

1

ئايۇپنىڭ دىيانىتى ۋە بايلىقى

1ئۇز دىيارىدا ئايۇپ ئىسىملىك بىر كىشى ئۆتكەن بولۇپ، ئۇ قۇسۇرسىز، دۇرۇس، خۇداغا ئىخلاسمەن ئادەم بولۇپ، يامانلىقتىن يىراق تۇراتتى. 2ئۇنىڭ يەتتە ئوغۇل، ئۈچ قىز پەرزەنتى بار ئىدى. 3ئۇ يەتتە مىڭ تۇياق قوي، ئۈچ مىڭ تۆگە، بەش يۈز جۈپ ئۆكۈز، بەش يۈز تۇياق چىشى ئېشەك ۋە نۇرغۇن خىزمەتكارلارنىڭ ئىگىسى بولۇپ، شەرقتىكى خەلقلەر ئارىسىدا ئەڭ باي ئادەم ھېسابلىناتتى. 4ئۇنىڭ ئوغۇللىرى نۆۋەت بىلەن بىر-بىرىنى ئۆيلىرىگە چاقىرىپ، زىياپەت بېرىشەتتى، ئاچا-سىڭىللىرىنىمۇ چاقىرىپ ھەمداستىخان بولاتتى. 5ھەر قېتىملىق زىياپەتتىن كېيىن ئايۇپ پەرزەنتلىرىنى چاقىرتىپ، ئۇلارنى پاكلىنىشقا بۇيرۇيتتى. ئۆزى ئورنىدىن سەھەر تۇرۇپ ھەر بىر ئوغلى ئۈچۈن كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلاتتى. چۈنكى ئۇ: «پەرزەنتلىرىم كۆڭۈللىرىدە خۇداغا بىھۆرمەتلىك قىلىپ، گۇناھ ئۆتكۈزگەن بولۇشى مۇمكىن» دەپ ئويلايتتى. ئايۇپ دائىم شۇنداق قىلاتتى.

شەيتاننىڭ ئەرزى

6بىر كۈنى پەرىشتىلەر پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا يىغىلدى، شەيتانمۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىدى. 7پەرۋەردىگار شەيتاندىن:

_ قەيەردىن كەلدىڭ؟ _ دەپ سورىدى.

_ زېمىننى ئايلىنىپ يۈرگەنىدىم، شۇ يەردىن كەلدىم _ دېدى شەيتان جاۋابەن.

8پەرۋەردىگار شەيتانغا:

_ خىزمەتكارىم ئايۇپقا دىققەت قىلدىڭمۇ؟ زېمىندا ئۇنىڭدەك قۇسۇرسىز، دۇرۇس ئادەم يوق. ئۇ ماڭا ئىخلاسمەن بولۇپ، يامانلىقتىن يىراق تۇرىدۇ، _ دېدى.

9شەيتان جاۋابەن:

_ ئايۇپ ساڭا سەۋەبسىزلا ئىخلاسمەن بولغانمىدۇ؟ 10سەن ھەمىشە ئۇنى، ئائىلىسىنى ۋە ئۇنىڭ ئىلكىدىكى پۈتۈن نەرسىلىرىنى مۇھاپىزەت قىلىپ ۋە ئۇنىڭغا بەرىكەت بېرىپ، ھەممە ئىشلىرىنى ئوڭۇشلۇق قىلدىڭ! ئۇنىڭ مال-ۋارانلىرى پۈتۈن زېمىننى قاپلاپ كەتتى. 11مۇبادا سەن ئۇنىڭ بارلىق نەرسىسىنى ئۆز قولۇڭ بىلەن ئېلىپ كەتسەڭ، ئۇ سېنى ئالدىڭدىلا قارغايدۇ، _ دېدى.

12_ مەيلى، ئۇنداقتا ئۇنىڭ بارلىق نەرسىلىرى سېنىڭ ئىلكىڭدە بولسۇن، ئەمما ئۇنىڭ ئۆزىگە زىيانكەشلىك قىلغۇچى بولما، _ دېدى پەرۋەردىگار شەيتانغا.

شەيتان پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدىن چىقىپ كەتتى.

ئايۇپنىڭ بىرىنچى قېتىم سىنىلىشى

13بىر كۈنى ئايۇپنىڭ پەرزەنتلىرى ئاكىسىنىڭ ئۆيىدە مېھمان بولۇپ، شاراب ئىچىپ ئولتۇراتتى. 14بىر ئادەم كېلىپ ئايۇپقا:

_ ئۆكۈزلەر بىلەن يەر ھەيدەۋاتاتتۇق، ئېشەكلەر بىر ياقتا ئوتلاۋاتاتتى. 15شىبالىقلار تۇيۇقسىز باستۇرۇپ كېلىپ، مال-ۋارانلارنى بۇلاپ، پۈتۈن خىزمەتكارلارنى قىرىۋەتتى. پەقەت ئۆزۈم يالغۇز قېچىپ چىقىپ، خەۋەر يەتكۈزگىلى كەلدىم، _ دېدى.

16ئۇنىڭ سۆزى ئاخىرلاشماستىنلا يەنە بىرەيلەن كېلىپ:

_ ئاسماندىن چاقماق چۈشۈپ، قويلار بىلەن پادىچىلارنى ھالاك قىلدى. يالغۇز ئۆزۈم ساق قېلىپ، خەۋەر يەتكۈزگىلى كەلدىم، _ دېدى.

17ئۇنىڭمۇ سۆزى ئاخىرلاشماستىنلا يەنە بىرەيلەن كېلىپ:

_ كالدانلار ئۈچ توپقا بۆلۈنۈپ، بىزگە ھۇجۇم قىلدى. خىزمەتكارلارنى ئۆلتۈرۈپ، تۆگىلەرنى بۇلاپ كەتتى. پەقەت ئۆزۈم يالغۇز قېچىپ چىقىپ، خەۋەر يەتكۈزگىلى كەلدىم، _ دېدى.

18ئۇنىڭمۇ سۆزى ئاخىرلاشماستىنلا يەنە بىرەيلەن كېلىپ:

_ پەرزەنتلىرىڭىز چوڭ ئوغلىڭىزنىڭ ئۆيىدە زىياپەتتە شاراب ئىچىپ ئولتۇرغانىدى. 19تۇيۇقسىز چۆل تەرەپتىن قارا بوران كېلىپ ئۆينى ئۆرۈۋەتتى. پەرزەنتلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى ئۆينىڭ ئاستىدا قېلىپ قازا قىلدى. يالغۇز ئۆزۈم ساق قېلىپ، خەۋەر يەتكۈزگىلى كەلدىم، _ دېدى.

20ئايۇپ بۇ خەۋەرلەرنى ئاڭلاپ، ئورنىدىن تۇرۇپ، كىيىمىنى يىرتتى. چېچىنى چۈشۈرۈپ، ئۆزىنى يەرگە تاشلاپ، مۇنداق دۇئا قىلدى:

21«مەن بۇ دۇنياغا يالىڭاچ كەلگەن، يەنە يالىڭاچ كېتىمەن.

پەرۋەردىگار ئۆزى بەرگەننى ئۆزى ئېلىپ كەتتى.

پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا ھەمدۇسانا بولغاي!»

22ئايۇپنىڭ بېشىغا شۇنچىۋالا كۆپ بالا-قازا كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ خۇدانى ئەيىبلەپ، گۇناھ سادىر قىلمىدى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى