« ئايۇپ »

2

ئايۇپنىڭ ئىككىنچى قېتىم سىنىلىشى

1بىر كۈنى پەرىشتىلەر پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا يەنە يىغىلغانىدى. شەيتانمۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئىدى. 2پەرۋەردىگار شەيتاندىن:

_ قەيەردىن كەلدىڭ؟ _ دەپ سورىدى.

_ زېمىننى ئايلىنىپ يۈرگەنىدىم، شۇ يەردىن كەلدىم، _ دېدى شەيتان جاۋابەن.

3_ خىزمەتكارىم ئايۇپقا دىققەت قىلدىڭمۇ؟ زېمىندا ئۇنىڭدەك قۇسۇرسىز، دۇرۇس ئادەم يوق، ئۇ ماڭا ئىخلاسمەن بولۇپ، يامانلىقتىن يىراق تۇرىدۇ. گەرچە سەن مېنى ئۇنىڭغا سەۋەبسىزلا زەربە بېرىشكە، ئۇنى ۋەيران قىلىشقا قۇتراتقان بولساڭمۇ، ئۇ يەنىلا ئۆزىنىڭ پاكلىقىنى ساقلاپ قالدى، _ دېدى پەرۋەردىگار شەيتانغا.

4شەيتان جاۋابەن:

_ جانغا جان! ئىنسان ھاياتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ھەر نەرسىسىدىن ۋاز كېچىشكە تەيياردۇر. 5سەن ئۇنىڭ تېنىگە زىيان-زەخمەت يەتكۈزسەڭ، ئۇ سېنى ئالدىڭدىلا قارغايدۇ، _ دېدى.

6_ بولىدۇ، ئۇنى سېنىڭ ئىلكىڭگە تاپشۇردۇم، ئۇنى پەقەت ھايات قويساڭلا بولدى، _ دېدى پەرۋەردىگار شەيتانغا.

7شەيتان پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدىن يېنىپ چىقىپ، ئايۇپقا زەربە بېرىشكە باشلىدى. ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنىنى ئازابلىق جاراھەت قاپلاپ كەتتى. 8ئايۇپ قولىغا ساپال پارچىسىنى ئېلىپ، گۇلاختا بەدىنىدىكى جاراھەتلەرنى قاشلاپ ئولتۇراتتى.

9ئايالى ئايۇپقا:

_ سەن يەنىلا پاك ئادەم بولماقچىمۇ؟ ئۇنىڭدىن كۆرە خۇدانى قارغاپ، ئۆلگىنىڭ ياخشى! _ دېدى.

10_ سەن خۇددى نادان خوتۇنلاردەك گەپ قىلدىڭ. ئەجەبا بىز خۇدادىن پەقەت بەختكىلا ئېرىشىپ، بالا-قازانى قوبۇل قىلماسلىقىمىز كېرەكمىدى؟ _ دېدى ئايۇپ ئايالىغا.

ئايۇپ شۇنچە كۆپ ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە دۇچار بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئېغىز ئېچىپ، گۇناھ سادىر قىلمىدى.

ئايۇپنىڭ ئۈچ دوستى

11ئايۇپنىڭ تېمانلىق ئەلىفاز، شۇۋاخلىق بىلداد، نائامالىق زوفار ئىسىملىك ئۈچ دوستى بار ئىدى. ئۇلار ئايۇپنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەردىن خەۋەر تېپىپ، ئۇنىڭغا تەسەللى بېرىش، ھەمدەمدە بولۇش ئۈچۈن يۇرتلىرىدىن بىرلىكتە يوقلاپ كېلىشكە پۈتۈشكەنىدى. 12ئۇلار ئايۇپنىڭ تونۇغۇسىز ھالغا كېلىپ قالغانلىقىنى يىراقتىن كۆرۈپلا، ئۈن سېلىپ يىغلاشتى. كىيىملىرىنى يىرتىشىپ، ئۈستباشلىرىغا توپا چېچىشتى. 13ئۇلار ئايۇپ بىلەن بىرلىكتە يەتتە كېچە-كۈندۈز يەردە ئولتۇرۇپ، بىر ئېغىزمۇ زۇۋان سۈرمىدى. چۈنكى ئۇلار ئايۇپنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈلپەتلەرنىڭ ناھايىتى ئازابلىق ئىكەنلىكىنى كۆرگەنىدى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى