« مىسىردىن چىقىش »

33

پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارنى سىناي تېغىدىن كېتىشكە بۇيرۇشى

1پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:

_ سەن ئۆزۈڭ مىسىردىن ئېلىپ چىققان خەلق بىلەن بۇ يەردىن كېتىپ، مەن ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپلارغا قەسەم قىلىپ، ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىغا بېرىشكە ۋەدە قىلغان يەرگە بارغىن. 2ساڭا يول باشلاشقا پەرىشتەمنى ئەۋەتىمەن. مەن كەنئانلار، ئامورلار، خىتلار، پەرىززىلەر، خىۋلار ۋە يىبۇسلارنى ھەيدەپ چىقىرىپ، 3سېنى سۈت ۋە ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان يەرگە ئاپىرىمەن. لېكىن، مەن سىلەر بىلەن بىللە بارمايمەن. چۈنكى، سىلەر بوينى قاتتىق خەلق بولغاچقا، مەن سىلەرنى يولدا ھالاك قىلىۋېتىشىم مۇمكىن.

4بۇنى ئاڭلىغان خالايىق ئىنتايىن مەيۈسلىنىپ، زىننەت بۇيۇملارنى تاقىمايدىغان بولدى. 5چۈنكى، پەرۋەردىگار مۇسانىڭ مۇنۇ سۆزلەرنى ئۇلارغا يەتكۈزۈپ قويۇشىنى بۇيرۇغانىدى: «سىلەر بوينى قاتتىق خەلق. ئەگەر مەن سىلەر بىلەن ئازراقلا بىللە بولسام، سىلەرنى پۈتۈنلەي ھالاك قىلىۋېتىشىم مۇمكىن. ئەمدى سىلەر ئۆزۈڭلاردا بار بولغان زىننەت بۇيۇملارنى ئېلىۋېتىڭلار. مەن سىلەرنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشنى بەلگىلەي.» 6شۇنىڭ بىلەن، ئىسرائىللار سىناي تېغىدىن ئايرىلغاندىن تارتىپ، زىننەت بۇيۇملارنى زادى تاقىمىدى.

ئۇچرىشىش چېدىرى

7ھەر قېتىم ئىسرائىللار قارارگاھ قۇرغاندا، مۇسا «پەرۋەردىگار بىلەن ئۇچرىشىش چېدىرى» دەپ ئاتالغان ئىبادەت چېدىرىنى قارارگاھتىن خېلى يىراق جايدا تىكەتتى. پەرۋەردىگارغا دۇئا-تەلەپلىرى بارلىكى كىشىلەر ئۇ يەرگە بارسا بولاتتى. 8مۇسا قاچانلا بولمىسۇن ئۇچرىشىش چېدىرىغا ماڭغىنىدا، خالايىق ئۆز چېدىرىنىڭ ئالدىدا ئۆرە تۇرۇپ، مۇسانىڭ كەينىدىن تاكى ئۇ ئۇچرىشىش چېدىرىغا كىرىپ بولغۇچە قارىشىپ تۇرۇشاتتى. 9مۇسا چېدىرغا كىرگەن ۋاقىتتا، بۇلۇت تۈۋرۈكى چۈشۈپ، «ئۇچرىشىش چېدىرى»نىڭ ئالدىدا تۇراتتى. پەرۋەردىگار بۇلۇت ئىچىدىن مۇسا بىلەن سۆزلىشەتتى. 10خالايىق بۇلۇت تۈۋرۈكىنىڭ ئۇچرىشىش چېدىرىنىڭ ئىشىك ئالدىدا تۇرغانلىقىنى كۆرسىلا، ئۆز چېدىرلىرى ئالدىدىلا رۇسلىنىپ، خۇداغا سەجدە قىلىشاتتى. 11پەرۋەردىگار چېدىر ئىچىدە مۇسا بىلەن خۇددى كىشىلەر دوست-بۇرادەرلىرى بىلەن سۆزلەشكەنگە ئوخشاش يۈزمۇيۈز سۆزلىشەتتى. مۇسا قارارگاھقا قايتىپ كەلگىنىدە، ئۇنىڭ ياش ياردەمچىسى نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋا چېدىردا قالاتتى.

مۇسانىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى كۆرۈشى

12مۇسا پەرۋەردىگارغا:

_ سەن ماڭا بۇ خەلقنى باشلاپ بېرىشقا ئەمر قىلغانىدىڭ. لېكىن، سەن ماڭا كىمنى مەن بىلەن بىللە بېرىشقا ئەۋەتىدىغانلىقىڭنى ئېيتمىدىڭ. سەن مېنى ئالاھىدە مەقسەت بىلەن تاللىغانلىقىڭنى ۋە ماڭا بەخت ئاتا قىلغانلىقىڭنى ئېيتقانىدىڭ. 13ئۇنداق ئىكەن، سېنىڭ يولۇڭدا مېڭىپ، ھەمىشە ئالدىڭدا ئىلتىپات تېپىشىم ئۈچۈن، ماڭا يول كۆرسەتكەيسەن ۋە بۇ خەلقنىڭ ئۆز خەلقىڭ ئىكەنلىكىنى ئېسىڭدە تۇتقايسەن، _ دېدى.

14_ مەن ئۆزۈم سەن بىلەن بىللە بېرىپ، سېنى غەم-قايغۇدىن خالاس قىلاي، _ دېدى پەرۋەردىگار.

15مۇسا ئۇنىڭغا:

_ ئەگەر سەن بىز بىلەن بىللە بارمىساڭ، بىزنى بۇ يەردىن ئايرىمىغايسەن. 16ئەگەر سەن بىز بىلەن بىللە بارمىساڭ، باشقىلار خەلقىڭنىڭ ۋە مېنىڭ پەرۋەردىگارىمىز بولغان سېنىڭ ئالدىڭدا ئىلتىپات تاپقانلىقىمىزنى نېمىدىن بىلسۇن؟! بۇنىڭدىن باشقا نېمە ئىش بىزنى دۇنيادىكى باشقا خەلقلەردىن پەرقلەندۈرەلىسۇن؟! _ دەپ جاۋاب قايتۇردى.

17پەرۋەردىگار مۇساغا:

_ سېنىڭ تەلىپىڭ بويىچە ئىش كۆرىمەن. چۈنكى، سەن مېنىڭ ئىلتىپاتىمغا ئېرىشتىڭ. مەن سېنى ئالاھىدە مەقسەت بىلەن تاللىدىم، _ دېدى.

18شۇڭا، مۇسا:

_ ماڭا ئۆز ئۇلۇغلۇقۇڭنى كۆرسەتكەيسەن، _ دېدى.

19پەرۋەردىگار مۇنداق جاۋاب قايتۇردى:

_ مەن پۈتۈن مېھرىبانلىقىمنى كۆرسىتىپ، سېنىڭ ئالدىڭدىن ئۆتۈپ، «مەڭگۈ بار بولغۇچى» دېگەن مۇقەددەس نامىمنى جاكارلايمەن. كىمگە مېھرىبانلىق قىلغۇم كەلسە، شۇنىڭغا مېھرىبانلىق قىلىمەن، كىمگە ئىچ ئاغرىتقۇم كەلسە، شۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىمەن. 20بىراق، ساڭا ئۆز چىرايىمنى كۆرسەتمەيمەن. چۈنكى، مېنى كۆرگەن كىشى تىرىك قالمايدۇ. 21لېكىن، مېنىڭ يېنىمدا بىر جاي بار. سەن ئۇ يەردىكى قورام تاشنىڭ ئۈستىدە تۇرغىن. 22مېنىڭ پارلاق نۇرۇم ئۇ يەردىن ئۆتىدىغان ۋاقىتتا، مەن سېنى تاشنىڭ يوچۇقىغا قويۇپ، قولۇم بىلەن يېپىپ تۇرىمەن. ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن، 23قولۇمنى تارتىۋالىمەن. سەن مېنى كەينىمدىن كۆرىسەن. چىرايىمنى كۆرسەڭ بولمايدۇ.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى