« چۆلدە »

24

بىلئامنىڭ ئۈچىنچى بايانى

1بىلئام ئەمدى پەرۋەردىگارنىڭ ئۇنىڭدىن ئىسرائىللارغا بەخت تىلەشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدى. شۇڭا بۇ قېتىم ئالدىنقى ئىككى قېتىمقىدەك، پال ئاچمىدى، بەلكى چۆلگە يۈزلىنىپ، 2تۆت ئەتراپقا نەزەر تاشلاپ، ئىسرائىللارنىڭ قەبىلە-قەبىلە بويىچە قارارگاھ قۇرغانلىقىنى كۆردى. خۇدانىڭ روھى ئۇنىڭغا چۈشتى، 3بىلئام سۆز قىلىپ، مۇنداق دېدى:

«بۇ، بىئورنىڭ ئوغلى بىلئام قىلغان سۆزدۇر،

بۇ، كۆزى ئېچىلغان ئادەمنىڭ سۆزىدۇر.

4ئۇ خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلىيالايدۇ،

ھوشىدىن كەتسىمۇ،

ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ غايىبانە ئالامىتىنى كۆرىدۇ.

5ئەي ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى، چېدىرلىرىڭ نەقەدەر گۈزەل!

ئەي ئىسرائىللار، قارارگاھلىرىڭ نەقەدەر گۈزەل!

6ئۇلار خۇددى بىپايان خورمىزارلىقلار،

ساھىلدىكى باغلاردەك،

خۇددى پەرۋەردىگار تېرىغان مۇئەتتەر دەرەخلىرىدەك،

سۇ بويىدىكى كېدىر دەرەخلىرىدەكتۇر.

7ئۇلارنىڭ چېلەكلىرىدىن سۇ تېشىپ تۇرىدۇ،

تېرىلغان ئۇرۇقلارغا سۇ مول بولىدۇ.

ئۇلارنىڭ پادىشاھى ئامالەكلەرنىڭ پادىشاھى ئاگاگتىن بۈيۈكتۇر،

پادىشاھلىقى ئۇلۇغلىنىدۇ.

8خۇدا ئىسرائىللارنى مىسىردىن ئېلىپ چىقتى،

ئۇ خۇددى ياۋا بۇقىدەك كۈچلۈكتۇر.

ئۇلار دۈشمەنلىرىنى يالماپ يۇتۇپ،

ئۇلارنىڭ ئۇستىخانلىرىنى ئېزىۋېتىدۇ،

ئوقيالىرى دۈشمەنلىرىنى تېشىپ ئۆتىدۇ.

9ئۇلار سوزۇلۇپ ياتقان ئەركەك شىرغا

ھەم چىشى شىرغا ئوخشايدىغان تۇرسا،

كىممۇ ئۇلارنى ئويغىتىۋېتىشكە جۈرئەت قىلالىسۇن؟

ئۇلارغا بەخت تىلىگەنلەر بەخت تاپقاي،

ئۇلارنى قارغىغانلار قارغىشقا قالغاي.»

10بالاق بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ، دەرغەزەپ بولۇپ، مۇشتۇمىنى تۈگدى ۋە بىلئامغا:

_ مەن سېنى دۈشمىنىمنى قارغاشقا تەكلىپ قىلسام، قارا، سەن ئۇلارغا ئۈچ قېتىم بەخت تىلىدىڭ. 11ئەمدى ئۆيۈڭگە قايتىپ كەت، مەن سېنى كاتتا تارتۇقلايمەن دېگەنىدىم، بىراق پەرۋەردىگار بۇنى ساڭا نېسىپ قىلمىدى، _ دېدى.

12بىلئام جاۋابەن مۇنداق دېدى:

_ سەن ئەۋەتكەن ئەلچىلەرگە بۇنى دېمىگەنمىدىم؟ 13سەن ماڭا ئورداڭدىكى بارلىق ئالتۇن-كۈمۈشلەرنى بەرگەن تەقدىردىمۇ، پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلىپ، مەيلى ياخشى ياكى يامان ئىش بولسۇن ئۆزۈمنىڭ خاھىشى بويىچە ئىش قىلالمايمەن. مەن پەقەت پەرۋەردىگار «سۆزلە» دېگەننى سۆزلەيمەن. 14مەن ھازىر ئۆيۈمگە قايتىپ كېتىمەن، لېكىن مەن ساڭا، ئىسرائىللارنىڭ كەلگۈسىدە خەلقىڭگە قانداق مۇئامىلە قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرەي.

بىلئامنىڭ تۆتىنچى بايانى

15بىلئام سۆز قىلىپ، مۇنداق دېدى:

«بىئورنىڭ ئوغلى بىلئامنىڭ سۆزى:

كۆزى ئېچىلغان ئادەمنىڭ سۆزىدۇر.

16ئۇ خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلىيالايدۇ،

ئۇلۇغ خۇدانىڭ مەقسەتلىرىنى چۈشىنىدۇ،

ھوشىدىن كەتسىمۇ،

ھەممىگە قادىر خۇدانىڭ غايىبانە ئالامىتىنى كۆرىدۇ.

17غايىبانە ئالامەتتە ئۇنى كۆردۈم، لېكىن ئۇ ھازىر بۇ يەردە ئەمەس،

ئۇنىڭغا قارىدىم، لېكىن ئۇ يېقىنمۇ ئەمەس.

دېمەك، بىر يۇلتۇز چىقار ياقۇپ نەسلىدىن،

بىر سەلتەنەت ھاسىسى چىقار ئىسرائىلىيەدىن.

ئۇ موئابنىڭ پېشانىسىنى ئۇرۇپ يارىدار قىلار،

شېتنىڭ پۈتۈن ئەۋلادلىرىنىڭ بېشىنى چېقىپ تاشلار.

18ئۇ ئىدومنى بويسۇندۇرۇپ،

دۈشمەن بولغان سەئىرنىمۇ ئىگىلەيدۇ،

ئىسرائىللار ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ.

19ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بىرى ھاكىملىق قىلىپ،

ئىدومنىڭ شەھەرلىرىدىكى قالغان خەلقلەرنى يوقىتىدۇ.»

20بىلئام غايىبانە ئالامەتتە ئامالەكلەرنى كۆرۈپ، سۆز قىلىپ، مۇنداق دېدى:

«ئامالەكلەر ئەللەر ئىچىدە ئەڭ كۈچلۈك بولسىمۇ،

لېكىن ئۇلار ئاخىر ھالاك بولار.»

21بىلئام غايىبانە ئالامەتتە قېنلارنى كۆرۈپ، سۆز قىلىپ، مۇنداق دېدى:

«گەرچە سىلەرنىڭ قارارگاھىڭلار مۇستەھكەم،

ئۇۋاڭلار تىك ياردا بولسىمۇ،

22ئەي قېنلار، سىلەر چوقۇم زاۋاللىققا يۈزلىنىپ،

ئاسسۇرلارغا ئەسىر بولىسىلەر.»

23بىلئام يەنە سۆز قىلىپ، مۇنداق دېدى:

«خۇدا بۇ ئىشلارنى ئەمەلگە ئاشۇرغاندا، كىممۇ ھايات قالالايتتى؟

24سىپرۇستىن كېمىلەر كېلىپ،

ئاسسۇر بىلەن ئېبەرنى بويسۇندۇرىدۇ.

لېكىن ئۇلار ئۆزىمۇ ھالاك بولىدۇ.»

25بىلئام سۆزىنى تۈگەتكەندىن كېيىن، ئورنىدىن تۇرۇپ، يۇرتىغا قايتتى، بالاقمۇ قايتىپ كەتتى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى