« چۆلدە »

4

قوھات جەمەتى ۋە روھانىيلارنىڭ ۋەزىپىسى

1پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇنغا مۇنداق دېدى:

2_ لاۋىيلارنىڭ قوھات جەمەتىنىڭ ئادەم سانىنى ئۇرۇق-جەمەتى بويىچە تىزىملاپ، 3ئۇچرىشىش چېدىرىدا ئىشلىيەلەيدىغان ئەرلەرنىڭ ئوتتۇز ياشتىن ئەللىك ياشقىچە بولغانلىرىنى رويخەتكە ئېلىڭلار. 4قوھاتلارنىڭ ئۇچرىشىش چېدىرىدىكى ۋەزىپىسى ئەڭ مۇقەددەس نەرسىلەرگە مەسئۇل بولۇشتۇر.

5چېدىرلارنى كۆچۈرگەن چاغدا ئاۋۋال ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئۇچرىشىش چېدىرىغا كىرىپ، ئەھدە ساندۇقىنى توسۇپ تۇرىدىغان پەردىنى چۈشۈرۈپ، ساندۇقنىڭ ئۈستىگە يېپىپ قويسۇن. 6ئۇنىڭ ئۈستىنى يەنە نەپىس ئىشلەنگەن تېرە بىلەن يېپىپ، ئارقىدىن كۆك رەڭلىك رەخت ئارتىپ قويسۇن. كۆتۈرىدىغان بالداقلارنى جايىغا ئورناتسۇن.

7ئۇلار ماڭا ھەدىيە قىلىنغان نانلار قويۇلىدىغان شىرەنىڭ ئۈستىگە بىر پارچە كۆك رەڭلىك رەخت يېپىپ، ئۈستىگە تاۋاقلار، تەخسىلەر، ئىچىملىك ھەدىيەسى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان كۈپلەر ۋە چىنىلەرنى قويسۇن. ماڭا ھەدىيە قىلىنغان نانلار ئۇ يەردە تۇرسۇن. 8ئۇلار بۇ نەرسىلەرنىڭ ئۈستىنى بىر پارچە توق قىزىل رەڭلىك رەخت بىلەن يېپىپ، ئۈستىگە يەنە نەپىس ئىشلەنگەن تېرىنى ئارتىپ قويسۇن. كۆتۈرىدىغان بالداقلارنى جايىغا ئورناتسۇن.

9ئۇلار چىراغدان، چىراغلار، پىلىك قىسقۇچلار، پەتنۇس ۋە بارلىق زەيتۇن يېغى قاچىلانغان قاچىلارنى كۆك رەڭلىك رەخت بىلەن يۆگەپ، 10ئۈستىنى نەپىس ئىشلەنگەن تېرە بىلەن ياپقاندىن كېيىن، زەمبىلگە سالسۇن.

11ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ئالتۇن ئىسرىقداننىڭ ئۈستىگە بىر پارچە كۆك رەڭلىك رەخت يېپىپ، نەپىس ئىشلەنگەن تېرىنى ئارتىپ قويسۇن. كۆتۈرىدىغان بالداقلارنى جايىغا ئورناتسۇن. 12مۇقەددەس جايدا ئىشلىتىلىدىغان باشقا جابدۇقلارنى كۆك رەڭلىك رەختكە يۆگەپ، نەپىس ئىشلەنگەن تېرە بىلەن ئۈستىنى ياپقاندىن كېيىن، زەمبىلگە سالسۇن.

13قۇربانلىق سۇپىسىدىكى كۈللەرنى تازىلاپ، ئۈستىگە سۆسۈن رەڭلىك رەخت ياپسۇن. 14ئۇنىڭ ئۈستىگە قۇربانلىق سۇپىسىدا ئىشلىتىلىدىغان بارلىق سايمانلارنى، يەنى چوغدان، ئارا، گۈرجەك ۋە داسلارنى قويۇپ، كېيىن نەپىس ئىشلەنگەن تېرىنى ئۈستىگە يېپىپ قويسۇن. ئاندىن كۆتۈرىدىغان بالداقلارنى جايىغا ئورناتسۇن.

15ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى مۇقەددەس بۇيۇملارنىڭ ئۈستىنى ياپقاندىن كېيىن، چېدىرلارنى كۆچۈرۈشكە تەييار بولغاندا، قوھاتلار بالداقلار بىلەن ئۇلارنى توشۇسۇن. بىراق قوھاتلار بۇ مۇقەددەس نەرسىلەرگە قول تەگكۈزمىسۇن! ئەگەر ئۇلار ئۇ نەرسىلەرگە قول تەگكۈزسە، ھالاك بولىدۇ. ئۇچرىشىش چېدىرىدىكى بۇ مۇقەددەس نەرسىلەرنى توشۇش قوھاتلارنىڭ ۋەزىپىسىدۇر.

16روھانىي ھارۇننىڭ ئوغلى ئەلئازار چىراغ يېغى، خۇش پۇراقلىق ئىسرىق، كۈندىلىك ئاشلىق ھەدىيەسى، مۇقەددەس ياغ ھەمدە پۈتۈن ئىبادەت چېدىرى ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى ھەممە نەرسىلەرگە، جۈملىدىن چېدىرنىڭ جاھازلىرى ۋە جابدۇقلىرىغا مەسئۇل بولسۇن.

17پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇنغا يەنە مۇنداق دېدى:

18_ قوھات جەمەتلىرىنىڭ لاۋىي قەبىلىسىدىن يوقاپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ قويۇڭلار! 19قوھاتلار ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ، ئەڭ مۇقەددەس نەرسىلەرگە يېقىنلاشقاندا، ئۆلۈپ كەتمەي ھايات قېلىشى ئۈچۈن، ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرى قوھاتلار بىلەن ئۇچرىشىش چېدىرىغا بىرگە كىرىپ، قوھاتلارنىڭ نېمە قىلىدىغانلىقىنى ۋە نېمىنى كۆتۈرىدىغانلىقىنى ئېنىق بەلگىلەپ بەرسۇن. 20بىراق روھانىيلار ئۇچرىشىش چېدىرىدىكى مۇقەددەس نەرسىلەرنى يېپىۋاتقاندا، قوھاتلار قەتئىي كىرىپ كۆرمىسۇن! كىرسە، ئۆلىدۇ.

گېرشون ۋە مىرارى جەمەتلىرىنىڭ ۋەزىپىلىرى

21پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى:

22_ گېرشون جەمەتىنىڭ ئادەم سانىنى ئۇرۇق-جەمەتى بويىچە تىزىملاپ، 23ئۇچرىشىش چېدىرىدا ئىشلىيەلەيدىغان ئەرلىرىنىڭ ئوتتۇز ياشتىن ئەللىك ياشقىچە بولغانلىرىنى رويخەتكە ئالغىن. 24گېرشون جەمەتىنىڭ ۋەزىپىسى ئىبادەت چېدىرىنى يۆتكەش ۋە شۇنىڭغا دائىر ئىشلارنى قىلىش بولسۇن. 25ئۇلار ئىچى ۋە سىرتىدىكى يوپۇقلارنى، كىرىش ئېغىزىغا ئېسىلغان پەردىنى، 26ئىبادەت چېدىرى بىلەن قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ تۆت ئەتراپىنى چۆرىدەپ تارتىلغان پەردە توسۇقلار، ھويلىنىڭ كىرىش ئېغىزىغا ئېسىلغان پەردە ۋە تانىلارنى شۇنداقلا شۇ ئىشلار ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان سايمان-جابدۇقلارنى يۆتكەشكە مەسئۇل بولسۇن ۋە شۇنىڭغا دائىر ئىشلارنى قىلسۇن. 27گېرشونلار نەرسىلەرنى توشۇغاندا ياكى باشقا ئىشلارنى قىلغاندا، ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە قىلسۇن. ئۇلار گېرشونلارنىڭ نېمىنى توشۇيدىغانلىقىنى بەلگىلەپ بەرسۇن. 28مانا بۇلار گېرشونلارنىڭ ئۇچرىشىش چېدىرىدىكى ۋەزىپىلىرىدۇر. ئۇلار روھانىي ھارۇننىڭ ئوغلى ئىتامارنىڭ يېتەكچىلىكىدە ۋەزىپىلىرىنى ئىجرا قىلسۇن.

29مىرارى جەمەتىنىڭ ئادەم سانىنىمۇ ئۇرۇق-جەمەتى بويىچە تىزىملاپ، 30ئۇچرىشىش چېدىرىدا ئىشلىيەلەيدىغان ئەرلەرنىڭ ئوتتۇز ياشتىن ئەللىك ياشقىچە بولغانلىرىنى رويخەتكە ئالغىن. 31ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسى ئىبادەت چېدىرىنى توشۇش بولۇپ، ئۇلار ئىبادەت چېدىرىنىڭ راملىرى، توغرا بالداقلىرى، تۈۋرۈكلىرى، تۈۋرۈك پۇتلىرى، 32ھويلىنى چۆرىدەپ تۇرىدىغان تۈۋرۈكلىرى، تۈۋرۈك پۇتلىرى، قوزۇقلىرى، تانىلىرى ۋە سايمان-جابدۇقلىرىنى توشۇشقا مەسئۇل بولسۇن. ھەربىر ئادەمنىڭ نېمىنى توشۇيدىغانلىقىنى ئېنىق بەلگىلەپ بەرسۇن. 33مانا بۇلار مىرارى جەمەتىدىكىلەرنىڭ روھانىي ھارۇننىڭ ئوغلى ئىتامارنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۇچرىشىش چېدىرىدا ئۆتەشكە تېگىشلىك پۈتۈن ۋەزىپىلىرىدۇر.

شەرتكە توشقان لاۋىيلارنىڭ رويخەتكە ئېلىنىشى

34مۇسا، ھارۇن ۋە جامائەت ئاقساقاللىرى قوھات جەمەتلىرىنىڭ ئادەم سانىنى ئۇرۇق-جەمەتى بويىچە تىزىملاپ، 35ئۇچرىشىش چېدىرىدا ئىشلىيەلەيدىغان ئەرلەرنىڭ ئوتتۇز ياشتىن ئەللىك ياشقىچە بولغانلىرىنى رويخەتكە ئالدى. 36ئۇلارنىڭ سانى جەمەتى بويىچە جەمئىي 2750 كىشى بولۇپ چىقتى. 37قوھات جەمەتىدىن ئۇچرىشىش چېدىرىدا ئىشلەيدىغانلار مانا شۇلار ئىدى. پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق قىلغان ئەمرى بويىچە مۇسا ۋە ھارۇن قوھات جەمەتلىرىنى رويخەتكە ئالدى.

38ئۇلار گېرشون جەمەتلىرىنىڭ ئادەم سانىنى ئۇرۇق-جەمەتى بويىچە تىزىملاپ، 39ئۇچرىشىش چېدىرىدا ئىشلىيەلەيدىغان ئەرلەرنىڭ ئوتتۇز ياشتىن ئەللىك ياشقىچە بولغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى رويخەتكە ئالدى. 40ئۇلارنىڭ سانى ئۇرۇق-جەمەتى بويىچە جەمئىي 2630 كىشى بولۇپ چىقتى. 41گېرشون جەمەتىدىن ئۇچرىشىش چېدىرىدا ئىشلەيدىغانلار مانا شۇلار ئىدى. پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرى بويىچە مۇسا ۋە ھارۇن گېرشون جەمەتلىرىنى رويخەتكە ئالدى.

42ئۇلار مىرارى جەمەتلىرىنىڭ ئادەم سانىنى ئۇرۇق-جەمەتى بويىچە تىزىملاپ، 43ئۇچرىشىش چېدىرىدا ئىشلىيەلەيدىغان ئەرلەرنىڭ ئوتتۇز ياشتىن ئەللىك ياشقىچە بولغانلىرىنى رويخەتكە ئالدى. 44ئۇلارنىڭ سانى جەمەتى بويىچە جەمئىي 3200 كىشى بولۇپ چىقتى. 45مىرارى جەمەتىدىن ئۇچرىشىش چېدىرىدا ئىشلەيدىغانلار مانا شۇلار ئىدى. مۇسا ۋە ھارۇن پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا قىلغان ئەمرى بويىچە مىرارى جەمەتلىرىنى رويخەتكە ئالدى.

46مۇسا، ھارۇن ۋە ئىسرائىل ئاقساقاللىرى پۈتۈن لاۋىيلارنى ئۇرۇق-جەمەتى بويىچە رويخەتكە ئالدى. 47لاۋىي جەمەتلىرىنىڭ ئۇچرىشىش چېدىرىدا خىزمەت قىلىش ۋە توشۇش ئىشلىرىنى قىلالايدىغان ئەرلەرنىڭ ئوتتۇز ياشتىن ئەللىك ياشقىچە بولغانلىرىنىڭ سانى 48جەمئىي 8580 كىشى بولۇپ چىقتى. 49پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق قىلغان ئەمرى بويىچە ھەربىر ئادەمنىڭ نېمە ئىش قىلىدىغانلىقى ۋە نېمىلەرنى توشۇيدىغانلىقى بەلگىلەندى. شۇنداق قىلىپ ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا ئارقىلىق قىلغان ئەمرى بويىچە رويخەتكە ئېلىندى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى