« ئەزرا »

6

دارىئوس پادىشاھنىڭ پەرمانى

1شۇنىڭ بىلەن دارىئوس پادىشاھ بابىلدىكى ئارخىپخانىنى تەكشۈرۈپ چىقىشنى بۇيرۇدى. 2مىدىيا ئۆلكىسىنىڭ ئاخمىتا شەھىرىدىكى ئوردىدىن بىر قەدىمىي ئورالما قوليازما تېپىلدى. ئۇنىڭدا مۇنداق پۈتۈلگەنىدى:

«يارلىق:

3كورەش پادىشاھ تەختكە ئولتۇرغان بىرىنچى يىلى يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانا توغرۇلۇق پەرمان چۈشۈردى. ئىبادەتخانا يەھۇدىيلار قۇربانلىق سۇنىدىغان ئەسلى ئورنىغا قايتىدىن قۇرۇپ چىقىلسۇن. مەزكۇر ئىبادەتخانىنىڭ ئېگىزلىكى يىگىرمە يەتتە مېتىر، كەڭلىكى يىگىرمە يەتتە مېتىر بولسۇن. 4تاملىرى ھەر ئۈچ قەۋەت تاشنىڭ ئۈستىگە بىر قەۋەت ياغاچ قويۇلۇپ ياسالسۇن. پۈتۈن خىراجىتى ئوردا خەزىنىسىدىن ئاجرىتىلسۇن. 5نىبۇكادنەزەر پادىشاھ يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىدىن بابىلغا ئېلىپ كەلگەن ئالتۇن-كۈمۈشتىن ياسالغان قاچا-قۇچىلار ئەسلىدىكى ئىبادەتخانىغا قايتۇرۇلۇپ، ئورنىغا قويۇلسۇن.»

6شۇڭا، پادىشاھ دارىئوس مۇنداق جاۋاب قايتۇردى:

«فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ئۆلكىنىڭ باشلىقى تاتتىناي، شىتار-بوزىناي ۋە بۇ ئۆلكىنىڭ خىزمەتداش ئەمەلدارلىرىغا: ‹سىلەر ئىبادەتخانىغا يېقىنلاشماڭلار. 7ئىبادەتخانا قۇرۇلۇشىغا ئارىلاشماڭلار. يەھۇدىيەنىڭ باشلىقى بىلەن يەھۇدىيلارنىڭ ئاقساقاللىرى ئىبادەتخانىنى ئەسلى ئورنىغا قايتىدىن بىنا قىلسۇن.

8مەن سىلەرنىڭ ئۇلارغا ياردەمدە بولۇشۇڭلارنى بۇيرۇيمەن. قۇرۇلۇش توختاپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ پۈتۈن خىراجىتى فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ئۆلكىنىڭ ئوردا خەزىنىسىگە كىرىدىغان ئالۋان-ياساق كىرىمىدىن كېچىكتۈرمەي ئاجرىتىلسۇن. 9سىلەر يېرۇسالېمدىكى روھانىيلارنىڭ ئەرشىئەلادىكى خۇداغا كۆيدۈرمە قۇربانلىق سۇنۇشى ئۈچۈن ئۇلارغا نېمە كېرەك بولسا شۇنى، يەنى تورپاق، قوچقار ۋە پاقلانلارنى بېرىڭلار ھەمدە ئۇلار تەلەپ قىلغان بۇغداي، تۇز، شاراب ۋە زەيتۇن ياغلىرىدىن تارتىپ ھەممىنى ھەر كۈنى ئۈزۈلدۈرمەي تەمىنلەڭلار. 10شۇنداق بولغاندا، ئۇلار ئەرشىئەلادىكى خۇدانى خۇرسەن قىلىدىغان قۇربانلىقلارنى سۇنۇپ، خۇدانىڭ ماڭا ۋە ئوغۇللىرىمغا بەخت ئاتا قىلىشىغا دۇئا قىلالايدۇ.

11يەنە شۇنداق بۇيرۇيمەنكى: كىمكى پەرمانىمغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزسە، ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ بىر لىمى سۇغۇرۇپ ئېلىنىپ، ئۇ ئادەم تىكلەنگەن لىمغا سانجىپ قويۇلسۇن، ئۆيى ئەخلەت دۆۋىسىگە ئايلانسۇن. 12ئەگەر بىرەر پادىشاھ ياكى پۇقرا بۇ پەرمانغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزسە، مەزكۇر ئىبادەتخانىنى ۋەيران قىلىۋەتمەكچى بولسا، ئۆز نامىنى ئۇلۇغلاشقا يېرۇسالېمنى تاللىغان خۇدا ئۇنى ئۇرسۇن.

مەزكۇر پەرماننى مەنكى دارىئوس جاكارلىدى، سۆزسىز ئىجرا قىلىنسۇن!»

ئىبادەتخانىنىڭ خۇداغا بېغىشلىنىشى

13شۇنىڭ بىلەن فىرات دەرياسىنىڭ غەربىدىكى ئۆلكىنىڭ باشلىقى تاتتىناي، شىتار-بوزىناي ۋە ئۇلارنىڭ خىزمەتداش ئەمەلدارلىرى، پادىشاھنىڭ پەرمانىنى سۆزسىز ئىجرا قىلدى. 14ھاگاي پەيغەمبەر ۋە ئىددونىڭ ئوغلى زىكىرىيا پەيغەمبەرنىڭ ۋەھىي يەتكۈزۈشى بىلەن يەھۇدىيلارنىڭ ئاقساقاللىرى ئىبادەتخانا قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇلار ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ ئەمرىگە بىنائەن پېرسىيە پادىشاھلىرى كورەش، دارىئوس ۋە ئارتاخشاستىنىڭ پەرمانلىرى بويىچە ئىبادەتخانىنى بىنا قىلىشنى تاماملىدى. 15دارىئوس پادىشاھ ھاكىمىيىتىنىڭ 6-يىلى ئادار ئېيىنىڭ 3-كۈنى* ئىبادەتخانىنىڭ قۇرۇلۇشى تەلتۆكۈس تامام بولدى.

16ئىسرائىل خەلقى، جۈملىدىن روھانىيلار، لاۋىيلار ۋە قالغان سۈرگۈنلەر ئىبادەتخانىنى خۇداغا بېغىشلاش مۇراسىمىنى شاد-خۇراملىق ئىچىدە ئۆتكۈزدى. 17ئۇلار بۇ مۇراسىمدا 100 تۇياق تورپاق، 200 تۇياق قوچقار ۋە 400 تۇياق پاقلان قۇربانلىق قىلدى، يەنە 12 تېكىنى ئىسرائىلىيەنىڭ 12 قەبىلىسى ئۈچۈن گۇناھ كەچۈرۈلۇش قۇربانلىقى قىلدى. 18مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق چۈشۈرۈلگەن تەۋراتتىكى يازمىلارغا بىنائەن روھانىيلار بىلەن لاۋىيلار ئۆز جامائەتچىلىكى بويىچە يېرۇسالېمدىكى ئىبادەتخانىدا نۆۋەتچىلىك بىلەن خۇدانىڭ خىزمىتىنى قىلىشقا تەشكىللەندى.

ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى

191-ئاينىڭ 14-كۈنى* سۈرگۈندىن قايتىپ كەلگەنلەر ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنى ئۆتكۈزدى. 20پۈتۈن روھانىيلار ۋە لاۋىيلار ئۆزلىرىنى پاكلىدى. ئۇلار پاكلىنىپ، بارلىق سۈرگۈنلەر، خىزمەتداش روھانىيلار ۋە ئۆزلىرى ئۈچۈن ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ مېلىنى بوغۇزلىدى. 21سۈرگۈندىن قايتىپ كەلگەن ئىسرائىللار ۋە ناپاك يولىنى تاشلاپ پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا ئىبادەت قىلىدىغان شۇ يەردىكى يەھۇدىي ئەمەسلەرمۇ بۇ قۇربانلىق بىلەن غىزالاندى. 22ئاندىن ئۇلار پېتىر نان ھېيتىنى شاد-خۇراملىق ئىچىدە يەتتە كۈن ئۆتكۈزدى. پەرۋەردىگار ئۇلارنى شادلىققا چۆمدۈرگەنىدى، چۈنكى ئۇ ئاسسۇر پادىشاھىنىڭ دىلىنى يۇمشىتىپ، ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ ئىبادەتخانىسىنى قايتىدىن بىنا قىلىشنى قوللاتقۇزغانىدى.



*15ھازىرقى زامان كالېندارى بويىچە مىلادىيەدىن ئىلگىرى 516 يىلى 12-مارتقا توغرا كېلىدۇ.

*19بۇ يەھۇدىي كالېندارى بويىچە بولۇپ، ھازىرقى زامان كالېندارى بويىچە 4-ئاينىڭ 21-كۈنىگە توغرا كېلىدۇ.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى