« سەردارلار »

21

بىنيامىن قەبىلىسىدىكىلەرگە خوتۇن تېپىپ بېرىش

1ئىسرائىللار مىزپاھتا قەسەم ئىچىپ: «ئارىمىزدىن ھېچكىم قىزلىرىنى بىنيامىنلارغا خوتۇنلۇققا بەرمىسۇن» دېيىشكەنىدى.

2ئىسرائىل خەلقى بەيتەلگە كېلىپ، خۇدانىڭ ھۇزۇرىدا كەچكىچە ئولتۇرۇپ، ئۈن سېلىپ ھۆڭرەپ يىغلاشتى. 3ئۇلار:

_ ئى پەرۋەردىگار، ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا! نېمە ئۈچۈن بۇنداق ئىش يۈز بېرىدۇ؟ ئىسرائىللاردىن بىر قەبىلە ئازىيىپ كەتتىغۇ! _ دېيىشتى.

4ئەتىسى خەلق سەھەر تۇرۇپ، شۇ يەردە بىر قۇربانلىق سۇپىسى قۇرۇپ، كۆيدۈرمە ۋە ئامانلىق قۇربانلىقى قىلىشتى. 5ئىسرائىللار:

_ ئىسرائىل قەبىلىلىرىدىن كىم پەرۋەردىگارنىڭ جامائىتى بولۇشقا كەلمىدى؟ _ دېيىشتى.

بۇرۇن ئۇلار مىزپاھتا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا كەلمىگەنلەر توغرىسىدا قاتتىق قەسەم ئىچىپ: «بۇ يەرگە كەلمىگەنلەرنى چوقۇم ئۆلتۈرىمىز» دېيىشكەنىدى.

6ئىسرائىللار قېرىنداشلىرى بىنيامىنلار توغرىسىدا قايغۇرۇپ:

_ بۈگۈن ئىسرائىل قەبىلىلىرىدىن بىر قەبىلە ئازىيىپ كەتتى. 7بىز بۇرۇن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئۇلارغا قىزلىرىمىزنى خوتۇنلۇققا بەرمەيمىز دەپ قەسەم ئىچىشكەنىدۇق، ئەمدى ئۇلاردىن ھايات قالغانلىرىنىڭ خوتۇن ئېلىش ئىشىنى قانداق ھەل قىلىشىمىز كېرەك؟ _ دېيىشتى.

8-9ئىسرائىللار يەنە:

_ ئىسرائىل قەبىلىلىرى ئارىسىدىن كىم پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا جەم بولۇش ئۈچۈن مىزپاھقا كەلمىدى؟ _ دېيىشىپ، ئادەملەرنى ساناش ئارقىلىق گىلئادتىكى يابېش شەھىرىدىن ھېچكىمنىڭ مىزپاھتىكى يىغىلىشقا كەلمىگەنلىكىنى بىلىشتى. 10جەم بولغانلار ئىچىدىن 12,000 پالۋاننى تاللاپ ئۇلارغا:

_ سىلەر گىلئادتىكى يابېش شەھىرىگە بېرىپ، ئۇلارنىڭ خوتۇن، بالا-چاقىلىرىنىمۇ قويماي قىلىچ بىلەن قىرىپ تاشلاڭلار. 11سىلەر يەنە بارلىق ئەرلەرنى ۋە ئەرلەر بىلەن بىللە بولغان ئاياللارنىڭ ھەممىسىنى قىرىپ تاشلاڭلار، _ دەپ جېكىلىدى.

12ئىسرائىللار گىلئادتىكى يابېشلىقلار ئىچىدىن يۈزى ئېچىلمىغان، ئەرلەرگە يېقىن كەلمىگەن 400 قىزنى تېپىپ، ئۇلارنى كەنئان زېمىنىنىڭ شىلو شەھىرىدىكى بارگاھقا ئېلىپ كەلدى.

13قايتا جەم بولغان ئىسرائىللار رىممون قىيا تېشىنىڭ يېنىدىكى بىنيامىنلارغا خەۋەر ئەۋەتىپ، ئۇلارغا ئامانلىق بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. 14شۇنىڭ بىلەن بىنيامىنلار قايتىپ كەلدى. ئىسرائىللار گىلئادتىكى يابېش شەھىرىدىن ئۆلتۈرمەي ئېلىپ كەلگەن 400 قىزنى ئۇلارغا خوتۇنلۇققا بەردى، ئەمما ئۇلارغا بۇ قىزلار يېتىشمىدى. 15شۇنىڭ بىلەن كۆپچىلىك بىنيامىنلار ئۈچۈن يەنە قايغۇرۇشتى، چۈنكى پەرۋەردىگار ئىسرائىل قەبىلىلىرىدىن بىرىنى يوق قىلغانىدى.

16يىغىلىشتا ئاقساقاللار:

_ بىنيامىنلارنىڭ خوتۇن-قىزلىرىنىڭ ھەممىسىنى يوقاتتۇق، ھايات قالغان ئەرلەرگە قەيەردىن خوتۇن تېپىپ بېرىمىز؟ _ دېيىشتى. 17ئۇلار يەنە:

_ ھايات قالغان بىنيامىنلار ئەۋلاد قالدۇرۇشى كېرەك، شۇندىلا ئىسرائىللارنىڭ بىنيامىن قەبىلىسى يوقىلىپ كەتمەيدۇ. 18ئەمما بىز ئۇلارغا ئۆز قىزلىرىمىزنى خوتۇنلۇققا بېرەلمەيمىز، چۈنكى بىز قەسەم ئىچىپ: «بىنيامىنلارغا قىزلىرىنى خوتۇنلۇققا بەرگەنلەر لەنەتكە قالسۇن» دېيىشكەن. 19مانا، پەرۋەردىگار ئۈچۈن يىلدا بىر ئۆتكۈزۈلىدىغان ھېيتمۇ كېلىپ قالدى. بىز بۇ ھېيتنى بەيتەلنىڭ شىمالى، بەيتەلدىن شەكەمگىچە سوزۇلغان يولنىڭ شەرقى ۋە لىبونانىڭ جەنۇبىدىكى شىلو شەھىرىدە ئۆتكۈزۈمىز، _ دېيىشتى.

20شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىنيامىنلارغا:

_ سىلەر ئۈزۈملۈككە بېرىپ بۆكتۈرمىدە تۇرۇڭلار. 21سىلەر ساقلاپ تۇرۇپ، شىلو قىزلىرى ئۇسسۇل ئوينىغىلى كەلگەندە، ھەربىرىڭلار بىردىن تۇتۇپ، بىنيامىن زېمىنىغا خوتۇنلۇققا ئېلىپ كېتىڭلار. 22ئۇلارنىڭ ئاتىسى ياكى قېرىنداشلىرى كېلىپ بىزگە دەۋا قىلسا، بىز ئۇلارغا: «بىزنىڭ يۈزىمىزنى قىلىپ بىنيامىنلارغا ئىلتىپات قىلىڭلار، چۈنكى بىز گىلئادتىكى يابېشتىكى جەڭ مەيدانىدا ئۇلارغا يەتكۈدەك قىز تاپالمىدۇق. سىلەر قىزىڭلارنى قەستەن ئۇلارغا بەرگەن ئەمەس، شۇڭا سىلەر گۇناھسىز» دەيمىز، _ دېيىشتى.

23شۇنىڭ بىلەن بىنيامىنلار ئۇلارنىڭ دېگىنىدەك ئۆزلىرىگە يەتكۈدەك ئۇسسۇلچى قىزلارنى خوتۇنلۇققا تۇتۇپ ئېلىپ كەتتى. كېيىن ئۇلار يۇرتلىرىغا قايتىپ، ئۆز شەھەرلىرىنى باشقىدىن قۇرۇپ، شۇ يەرلەردە ياشاپ قالدى. 24شۇنداق قىلىپ ئىسرائىللار تارقىلىپ، ھەممىسى ئۆز قەبىلىسى، ئۆز جەمەتى ۋە ئۆزلىرىگە تەقسىم قىلىنغان زېمىنغا قايتىشتى.

25ئۇ زامانلاردا ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھى يوق ئىدى. ھەر كىم ئۆزى توغرا دەپ قارىغان ئىشىنى قىلاتتى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى