« سەردارلار »

3

كەنئان زېمىندا قېلىپ قالغان قوۋملار

1-2پەرۋەردىگار كەنئان زېمىنىدا بىر قىسىم قوۋملارنى قالدۇرغانىدى. ئۇنىڭ مەقسىتى، ئۇرۇشنى ئۆز بېشىدىن ئۆتكۈزمىگەن ئىسرائىللارنى سىناش ھەمدە ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىغا، بولۇپمۇ ئەزەلدىن جەڭگە كىرىپ باقمىغان ئىسرائىللارغا جەڭ قىلىشنى ئۆگىتىش ئىدى. 3بۇلار فىلىستىيەلىكلەرنىڭ بەش بەگلىكى، پۈتۈن كەنئانلار، سىدونلۇقلار ۋە بائال-خەرمون تېغىدىن لىبو-خاماتقىچە سوزۇلغان لىۋان تاغلىق رايونىدا ياشايدىغان خىۋلار ئىدى. 4پەرۋەردىگار بۇ قوۋملارنى قالدۇرۇپ قويدى. بۇنىڭ سەۋەبى _ ئىسرائىللارنىڭ پەرۋەردىگار مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئەجدادلىرىغا چۈشۈرگەن ئەمرلەرگە بويسۇنىدىغان-بويسۇنمايدىغانلىقىنى سىناپ بېقىش ئۈچۈن ئىدى. 5شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار كەنئانلار، خىتلار، ئامورلار، پەرىززىلەر، خىۋلار ۋە يىبۇسلار ئارىسىدا ياشاپ، 6ئۇلار بىلەن ئۆزئارا تويلىشىپ، ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىغا چوقۇندى.

ئوتنىئېلنىڭ ئىسرائىللارغا سەردار بولۇشى

7ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان ئىش قىلىپ، ئۆز پەرۋەردىگارى خۇدانى ئۇنتۇپ، بائال ۋە ئاشېرا دېگەن بۇتلارغا چوقۇندى. 8شۇڭا پەرۋەردىگار ئىسرائىللارغا غەزەپلىنىپ، ئۇلارنى ئاررام-ناخارايىم پادىشاھى كۇشان-رىشئاتايىمنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەردى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار 8 يىل ئۇنىڭغا قۇل بولدى. 9كېيىن ئۇلار پەرۋەردىگارغا يېلىنىپ نالە-پەرياد قىلغانىدى، پەرۋەردىگار ئۇلارغا بىر قۇتقۇزغۇچى تەيىنلەپ بەردى. بۇ ئادەم ئوتنىئېل بولۇپ، ئۇ كالىبنىڭ ئىنىسى قېنازنىڭ ئوغلى ئىدى. 10پەرۋەردىگارنىڭ روھى ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغا چۈشكەچكە، ئۇ ئىسرائىللارنىڭ سەردارى بولۇپ جەڭگە چىقتى. پەرۋەردىگار ئاررام-ناخارايىم پادىشاھى كۇشان-رىشئاتايىمنى ئۇنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ، ئۇنى غەلىبە قازاندۇردى. 11شۇڭا بۇ زېمىن تاكى قېنازنىڭ ئوغلى ئوتنىئېل ئالەمدىن ئۆتكىچە 40 يىل تىنچ-ئامان تۇردى.

ئېھۇدنىڭ ئىسرائىللارغا سەردار بولۇشى

12ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يەنە يامان ئىش قىلغاچقا، پەرۋەردىگار موئاب پادىشاھى ئەگلوننى ئۇلارغا قارشى قىلىپ كۈچلەندۈردى. 13ئەگلون ئاممونلار ۋە ئامالەكلەر بىلەن بىرلىشىپ ئىسرائىللارنى مەغلۇپ قىلىپ، خورمىزارلىق شەھەر ئېرىخانى ئىگىلىدى. 14ئىسرائىللار موئاب پادىشاھى ئەگلونغا 18 يىل قۇل بولدى. 15كېيىن ئىسرائىللار پەرۋەردىگارغا نالە-پەرياد قىلغانىدى، پەرۋەردىگار ئۇلارغا بىر قۇتقۇزغۇچى تەيىنلەپ بەردى. ئۇ بىنيامىن قەبىلىسىدىن بولغان گېرانىڭ ئوغلى ئېھۇد بولۇپ، سولخاي ئىدى. ئىسرائىللار ئېھۇدنى موئاب پادىشاھى ئەگلونغا ئالۋان-ياساق ئاپىرىپ بېرىشكە ئەۋەتتى. 16ئېھۇد ئىككى غېرىچ ئۇزۇنلۇقتا قوش بىسلىق بىر خەنجەر سوقتۇرۇپ، ئۇنى ئوڭ يانپېشىغا ئېسىپ، كىيىمىنىڭ ئىچىگە يوشۇرۇپ، 17ئالۋان-ياساقنى ئېلىپ موئاب پادىشاھى ئەگلوننىڭ ئالدىغا باردى. ئەگلون ناھايىتى سېمىز ئادەم ئىدى. 18-19ئېھۇد ئالۋان-ياساقنى ئۇنىڭ ئالدىغا قويدى. ئاندىن ئۇ ئۆزى بىلەن بىللە ئالۋان-ياساقنى ئېلىپ كەلگەن كىشىلەر بىلەن گىلگال شەھىرىنىڭ يېنىدىكى تاش ھەيكەللەر بار جايغا باردى ۋە بۇ كىشىلەرنى شۇ يەردە قالدۇرۇپ، يەنە ئۆزى يالغۇز ئەگلوننىڭ يېنىغا قايتىپ كېلىپ:

_ ئالىيلىرىغا ئېيتىدىغان بىر مەخپىي ئىش بار ئىدى، _ دېدى.

پادىشاھ ئېھۇدقا:

_ جىم تۇر! _ دېۋىدى، خىزمەتكارلار تاشقىرىغا چىقىپ كېتىشتى.

20بۇ چاغدا پادىشاھ ئۆگزىدىكى سالقىن بالىخانىسىدا يالغۇز ئولتۇراتتى. ئېھۇد ئۇنىڭغا يېقىن كېلىپ:

_ مەن ئۆزلىرىگە خۇدادىن كەلگەن بىر خەۋەرنى يەتكۈزمەكچىمەن، _ دېدى. پادىشاھ ئورنىدىن تۇردى.

21ئېھۇد سول قولى بىلەن ئوڭ يانپېشىدىكى خەنجەرنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ، پادىشاھنىڭ قورسىقىغا تىقىۋەتتى. 22خەنجەر سېپى بىلەن قوشۇلۇپ ئۇنىڭ سېمىز قورسىقىغا كىرىپ كەتكەچكە، ئۈچەي-باغرى چۇۋۇلۇپ چىقتى. ئېھۇد پادىشاھنىڭ قورسىقىدىن خەنجەرنى تارتىۋالمايلا، 23ئۆگزىدىكى بالىخانىدىن يېنىپ چىقىپ، ئىشىكنى قۇلۇپلاپ قويدى. 24ئۇ چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، ياساۋۇللار كېلىپ ئىشىكنىڭ قۇلۇپلاقلىق تۇرغىنىنى كۆردى. ئۇلار پادىشاھ تەرەت قىلىۋاتسا كېرەك، دەپ ئويلاشتى. 25ئۇلار پادىشاھنىڭ ئۇزۇنغىچە ئىشىكنى ئاچمىغانلىقىدىن ئوڭايسىزلىق ھېس قىلدى. ئاخىرى ئۇلار ئاچقۇچنى ئېلىپ كېلىپ ئىشىكنى ئېچىپ، پادىشاھىنىڭ يەردە ئۆلۈك ياتقانلىقىنى كۆردى. 26ئېھۇد ھېلىقى ياساۋۇللار سىرتتا كۈتۈپ تۇرغاندا قېچىپ كەتكەنىدى. ئۇ تاش ھەيكەللەر بار جايدىن ئۆتۈپ، 27ئەفرايىم تاغلىق رايونىدىكى سىئىرا شەھىرىگە قېچىپ كېلىپ، تاغلىق رايوندىكى بارلىق ئىسرائىللارنى بۇرغا چېلىپ جەڭگە چاقىردى ھەمدە 28ئۇلارغا:

_ مېنىڭ كەينىمدىن مېڭىڭلار! پەرۋەردىگار دۈشمىنىڭلار موئابلارنى قولۇڭلارغا چۈشۈرۈپ بېرىدۇ، _ دېدى.

ئۇلار ئېھۇد بىلەن تاغدىن چۈشۈپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ كېچىكىنى ئىشغال قىلىپ، ھېچقانداق ئادەمنى دەريادىن ئۆتكۈزمىدى. 29ئۇ كۈنى ئۇلار موئابنىڭ ئون مىڭچە خىللانغان، كۈچلۈك لەشكەرلىرىنى ئۆلتۈرۈپ، بىرىنىمۇ قاچۇرۇپ قويمىدى. 30شۇ كۈنى ئىسرائىللار موئابلارنى مەغلۇپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بۇ زېمىن 80 يىل تىنچ-ئامان تۇردى.

شامگارنىڭ ئىسرائىللارغا سەردار بولۇشى

31ئېھۇدتىن كېيىن، ئاناتنىڭ ئوغلى شامگار كالا ھەيدەيدىغان تاياق بىلەن فىلىستىيەلىكلەردىن 600 كىشىنى ئۆلتۈرۈپ، ئىسرائىللارنى قۇتقۇزدى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى