« ئالەمنىڭ يارىتىلىشى »

11

خۇدانىڭ تىلنى كۆپ تىللارغا بۆلۈۋېتىشى

1دەسلەپتە، يەر يۈزىدە بىرلا تىل بار ئىدى، ئىنسانلار پەقەت بۇ تىلدىلا سۆزلىشەتتى. 2ئۇلار شەرق تەرەپكە كۆچۈۋاتقىنىدا، بابىلدىكى بىر تۈزلەڭلىككە كېلىپ ئورۇنلاشتى. 3ئۇلار ئۆزئارا:

_ خىش قۇيۇپ، ئوتتا پىشۇرايلى! _ دەپ مەسلىھەتلەشتى.

بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار قۇرۇلۇشتا تاشنىڭ ئورنىغا خىش، لاينىڭ ئورنىغا قارا ماي ئىشلىتىدىغان بولدى.

4ئاندىن، ئۇلار:

_ بىر شەھەر بىنا قىلايلى! شەھەردە ئاسمانغا تاقاشقۇدەك بىر مۇنار ياساپ، ئۆز نامىمىزنى چىقىرىپ، تەرەپ-تەرەپكە تارقىلىپ كېتىشىمىزدىن ساقلىنايلى! _ دېيىشتى.

5پەرۋەردىگار ئىنسانلارنىڭ بىنا قىلىۋاتقان شەھەر ۋە مۇنارىنى كۆرگىلى چۈشتى. 6پەرۋەردىگار:

_ ئۇلار بىرلىشىپ بىر قوۋم بولۇپ، بىر تىلدا سۆزلىشىدىكەن. بۇ پەقەتلا ئۇلار قىلماقچى بولغان ئىشنىڭ باشلىنىشى! بۇنىڭدىن كېيىن، ئۇلار نېمە قىلىشنى خالىسا، شۇنى قىلالايدۇ. 7بىز چۈشۈپ، ئۇلارنىڭ تىلىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىپ، ئۇلارنى بىر-بىرىنىڭ مەقسىتىنى ئۇقالمايدىغان قىلىپ قويايلى، _ دېدى.

8بۇنىڭ بىلەن، پەرۋەردىگار ئۇلارنى پۈتۈن دۇنياغا تارقىتىۋەتتى. ئۇلار شەھەر بىنا قىلىش قۇرۇلۇشىنى توختاتتى. 9شۇڭا، بۇ شەھەرنىڭ نامى بابىل [ئاھاڭ جەھەتتە «قالايمىقانچىلىق»] دەپ ئاتالدى. چۈنكى، پەرۋەردىگار ئۇ يەردە ئىنسانلارنىڭ تىللىرىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋېتىپ، ئۇلارنى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقىتىۋەتكەنىدى.

سامنىڭ ئەۋلادلىرى

10سامنىڭ ئەۋلادلىرى تۆۋەندىكىچە: توپان ئۆتۈپ ئىككىنچى يىلى، سام 100 يېشىدا ئارپاكشادنى تاپتى. 11كېيىن، ئۇ يەنە 500 يىل ھايات كەچۈرۈپ يەنە ئوغۇل-قىز پەرزەنتلەرنى كۆردى.

12ئارپاكشاد 35 يېشىدا شەلاخنى تاپتى. 13كېيىن، ئۇ يەنە 403 يىل ھايات كەچۈرۈپ، يەنە ئوغۇل-قىز پەرزەنتلەرنى كۆردى.

14شەلاخ 30 يېشىدا ئېبەرنى تاپتى. 15كېيىن، ئۇ يەنە 403 يىل ھايات كەچۈرۈپ، يەنە ئوغۇل-قىز پەرزەنتلەرنى كۆردى.

16ئېبەر 34 يېشىدا پەلەگنى تاپتى. 17كېيىن، ئۇ يەنە 430 يىل ھايات كەچۈرۈپ، يەنە ئوغۇل-قىز پەرزەنتلەرنى كۆردى.

18پەلەگ 30 يېشىدا رىئۇنى تاپتى. 19كېيىن، ئۇ يەنە 209 يىل ھايات كەچۈرۈپ، يەنە ئوغۇل-قىز پەرزەنتلەرنى كۆردى.

20رىئۇ 32 يېشىدا سىرۇگنى تاپتى. 21كېيىن، ئۇ يەنە 207 يىل ھايات كەچۈرۈپ، يەنە ئوغۇل-قىز پەرزەنتلەرنى كۆردى.

22سىرۇگ 30 يېشىدا ناخورنى تاپتى. 23كېيىن، ئۇ يەنە 200 يىل ھايات كەچۈرۈپ، يەنە ئوغۇل-قىز پەرزەنتلەرنى كۆردى.

24ناخور 29 يېشىدا تەراھنى تاپتى. 25كېيىن، ئۇ يەنە 119 يىل ھايات كەچۈرۈپ، يەنە ئوغۇل-قىز پەرزەنتلەرنى كۆردى.

26تەراھ 70 يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، ئىبرام، ناخور ۋە ھارانلارنى تاپتى.

تەراھنىڭ ئەۋلادلىرى

27تەراھنىڭ ئەۋلادلىرى تۆۋەندىكىچە: تەراھ ئىبرام، ناخور ۋە ھارانلارنى تاپتى. ھاران بولسا لۇتنى تاپتى. 28ھاران كالدانلارنىڭ زېمىنى بولغان ئۆز يۇرتى ئۇر شەھىرىدە ئاتىسى تەراھتىن بۇرۇن ئالەمدىن ئۆتتى. 29ئىبرام ساراھقا ئۆيلەندى، ناخور بولسا ھاراننىڭ قىزى مىلكاھقا ئۆيلەندى. ھاراننىڭ يەنە ئىسكاھ دېگەن بالىسىمۇ بار ئىدى. 30ساراھ تۇغماس بولغاچقا، پەرزەنت كۆرمىگەنىدى.

31تەراھ ئوغلى ئىبرامنى، نەۋرىسى لۇت (ھاراننىڭ ئوغلى)نى ۋە كېلىنى، يەنى ئىبرامنىڭ ئايالى ساراھنى ئېلىپ، كالدانلارنىڭ زېمىنى بولغان ئۇر شەھىرىدىن ئايرىلىپ، كەنئان دېگەن رايونغا كەتمەكچىدى. بىراق، ئۇلار ھاران دېگەن شەھەرگە كەلگەندە، شۇ يەردە ئولتۇراقلىشىپ قالدى. 32تەراھ ئىككى يۈز بەش يىل ئۆمۈر كۆرۈپ، ھاراندا ئالەمدىن ئۆتتى.

ئەپ دېتالى

hayatnuri-yanfon

كۈندە بىر سوئال

كۈندە بىر سوئال

تاللانمىلار

تاللانمىلار

ھېسىياتلىرىمىز

ھېسسىياتلىرىمىز

خۇدانىڭ سۈپەتلىرى

خۇدانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى

پەيغەمبەرلەر

پەيغەمبەرلەر

پۇل ۋە بايلىق

پۇل ۋە بايلىق

ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

مۇقەددەس كىتابتىكى ئاياللارنىڭ قىسسىلىرى

تېمىلار

تېمىلار

ئالبۇم

ئالبۇم

كۈندىلىك تۇرمۇش

كۈندىلىك تۇرمۇش

مۆجىزىلەر

پەيغەمبەرلەرنىڭ ھاياتىدىكى مۆجىزىلەر

سوئالىڭىز بولسا...

سوئالىڭىز بولسا...

كىشىلىك مۇناسىۋەت

كىشىلىك مۇناسىۋەت

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

ئەيسا ئەلەيھىسسالام

تەمسىللەر

ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ تەمسىللىرى